
يېڭى جاۋابلار
ئىسلامدا يىمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرى
ئىسلامدىكى يىمەك-ئېچمەك ئەدەپ قائىدىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە جاۋاپ: يىمەك يېيىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيۇش، ئۆزىنى مېھمان قىلغان كىشى يېمەكلىكىنى ئەكەلگەندە، يىمەككە ئالدىراش ۋە يېيىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھ دېيىش، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېيىش، يىمەكتىن كېيىن قولىنى يۇيۇش، قولى بىلەن يېگەندە ئۈچ بارمىقى بىلەن يېيىش، دەستۇرخانغا چۈشۈپ كەتكەن لوقمىنىمۇ يېيىش، زۆرۈر بولمىسا يىمەك يەۋاتقاندا تۈكۈرمەسلىك، مىشقىرماسلىق، يىمەكنى سۆكمەسلىك، يىمەكنى نورمال يېيىش، قوساقنى لىق توشقۇزىۋەتمەسلىك، ئالتۇن، كۈمۈش قاچىلاردا يىمەك يېيىشتىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا يىمەك يېيىش ھارام بولىدۇ، يىمەكنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش كېرەك.ساقلاشپاي چېكىنىڭ زاكىتى توغرسىدا
ساقلاشخىرىستىيانلار نەزىرىدىكى پىداكارلىق تەلىماتى توغرىسىدا مۇلاھىزە
مۇسۇلمانلار ئىسا ئەلەيھىسسالام كىرستقا مىخلىنىپ ئۆلمىدى، قۇربانلىق، پىداكارلىق ۋە ئۈچ ئىلاھلىق يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنىڭدەك خاتالىقنىڭ مىراس قالدۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ھېچ بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن بولىدۇ. ھەممىدىن مېھرىبان ۋە ياخشىلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھ مەغپىرەتكە لايىقتۇر، قۇربانلىق ۋە كىرىستقا مىخلىنىش يوق، قان ئېقىتىش يوق، ئىسا ئەلەيھىسسالام ياراملىق ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق قەۋمىنى خاتالىق، ناچار ئىشلاردىن خالاس قىلىدىغان ئىش سادىر بولمىدى.ساقلاشنەزىرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە
ساقلاشقىز-خانىملارنىڭ ئۆز ئېرىدىن باشقا تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئۈچ كۈن ھازا تۇتۇشى توغرا بولامدۇ؟
ساقلاشقولتۇقىنىڭ تۈكىنى ساتىراشنىڭ ئۇستىرىسى ياكى تىغ دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئېلىش توغرىسىدا
ساقلاشتۇمار ۋە تۇمار ئېسىلىۋېلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر توغرىسىدا
ئالىم-ئۆلىمالار كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەر يېزىلغان تۇمارنى ئېسىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تۇمارنى ئېسىش مەسىلىسىدە پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، بەزى ئۆلىمالار بۇنى ئېسىشنى بولىدۇ دېسە يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار دۇرۇس ئەمەس دەپ چەكلىدى. بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن چەكلىگەنلىكنىڭ دەلىلى كۈچلۈكرەك تۇرىدۇ.ساقلاشقەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا
قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرىدىن: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، مۇناپىقلىق، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىش، سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆز قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇماستىن تەرك قىلىش، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىق، جازانە يېيىش، زىنا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش، رامىزاندا ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋېتىش، غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا خىيانەت قىلىش، كىيىم-كېچەكنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن كىيىش، ھاجىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلاش، ھايۋانلارنى سولاپ قويۇپ، ئاچ قويۇپ ئازاپلاش ۋە قەرزنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلاردۇر.ساقلاشئىسلامدا خىزمەت پىرىنسىپى
ساقلاشنامراتلىق ۋە ئۇنىڭ يامان تەسىرى، ئىسلامدا نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ۋاستىلىرى توغرىسىدا
ساقلاش

رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى ئۈچۈن تاللانغان ئەسەرلەر
جاۋابلار
ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا
ساقلاشپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقى توغرسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى بېكىتىشتە ئىتتىپاققا كەلگەن ئورۇنلاردىن: تۇغۇلغان يىلى بولسا: پىئىل يىلى، تۇغۇلغان كۈنى بولسا: دۈشەنبە كۈنىدۇر.
ئەمما ئىختىلاپنىڭ ئورنى بولسا: تۇغۇلغان ئاينى ۋە ئۇ ئايدىكى كۈننى بېكىتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ توغرىدا نۇرغۇن سۆزلەر بار. ئۇ سۆزلەردىن: رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ -ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئاي- ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، سەككىزىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئونىنچى كۈنى دېگەنلەر بار ۋە ئون ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار.
ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئۇ بولسىمۇ دۈشەنبە كۈنىدۇر. يىلى بولسا: ھېچ ئىختىلاپسىز ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى، ۋاپات بولغان ئاي بولسا: ھېچ ئىختىلاپ يوق رەبىئۇل ئەۋۋەل ئىيىدۇر.
ساقلاش