سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئورۇندىن

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى بولسا ئىلمى دەۋەت ۋە تەلىم تەربىيە سەھىپىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ئالاقىدار بولغان سوئاللىرىنى ئىمكان قەدەر مۇكەممەل، تولۇق ۋە ئىلمى شەكىلدە جاۋابلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تور بېتىدە جاۋاپ بېرىش ئىشلىرىغا پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى

قارىشى:

ئىسلامنى ئېنىسكىپىلۇدىيىلىك تونۇتۇش.

خىزمىتى:

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى بولسا  ئىلمى دەۋەت ۋە تەلىم تەربىيە سەھىپىسى بولۇپ، مۇسۇلمان ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ئالاقىدار بولغان سوئاللىرىنى ئىمكان قەدەر مۇكەممەل، تولۇق ۋە ئىلمى شەكىلدە جاۋابلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تور بېتىدە جاۋاپ بېرىش ئىشلىرىغا پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تور بەتنىڭ غايىسى:

1-ئىسلامنى نەشىر قىلىش ۋە دەۋەت قىلىش.

2-شەرئى ئىلىمنى نەشىر قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقىنى تۈگۈتۈش.

3-شەرئى جاۋاپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىنى مەسىلەردە ئۈچرىغان ئىشلاردا ياردەمچى بولۇش.

4-ئىسلام توغرىسىدا شەك قىلىنغان شۈبھىلەرگە رەت قايتۇرۇش.

5-كىشىلەرگە ئىلمى، تەربىيە، ئىجتىمائى ۋە باشقا ئىشلاردا مەسلىھەت بېرىش ئارىقىلىق ئۇلارنى ھايات يۆلۈنۈشىدە توغرا يولغا باشلاش.

تور بەتنىڭ پىرىنسىپى:

تور بېتى سەلەپ ئالىملىرىغا ئەگىشىپ، ئەھلى-سۈننە جامائىتىنىڭ ئەقىدىسىنى تارقىتىدۇ، سۇئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاپلىرىنى قۇرئان كىرىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئى ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق تۆت مەزھەب ئىماملىرى ئۇلاردىن باشقا ئىلگىركى ۋە كىيىنكى ئالىم-ئۆلىمالار، بىرلىككە كەلگەن پىقھى قارارلار، تۈرلۈك شەرئى ساھەدىكى تەتقىقاتچى دىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەلىللىرىگە تايىنىپ بېرىدۇ.

تور بېتى ھېچ قانداق پايدىسى بولمايدىغان ھاماقەتلەرچە باشقىلارنى دەشنام قىلىدىغان، تىللايدىغان ۋە ئاخىرى چىقمايدىغان جىدەل-ماجرالارغا ئارىلىشىشتىن يىراق بولىدۇ.

ئى ئاللاھ! سىلىدىن بىزنى ئىشىمىزدا مۇستەھكەم قىلىشنى، توغرا يولدا كەسكىن قىلىشنى ۋە ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپىق قىلىشلىرىنى سورايمىز.