ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- يەھۇدىيلار دارغا ئاسماقچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇنقى ھالەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى-خىزمىتى بولسا باشقا ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى تەستىقلايدىغان ئىنجىلدىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر كىتابنى ئاتا قىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يەنە شۇ دەۋرىدىن تارتىپ ھەممىگە مەلۇملۇق بولغان: قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئېچىش، ئاق كېسەل-پېسە كېسىلىنى ساقايتىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تېرگۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدى.
ئىسا ئەلەيھىسسالام قوۋمىنى پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھ تائالانى يەككە-يېگانە بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى، ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان مۇددەتنىڭ ھەممىسىدە بۇنىڭغا شاھىت بولدى".
2-ھالىتى: ئاخىر زاماندا، دەججال چىققان ۋاقىتتا قىلىدىغان ۋەزىپىسى -خىزمىتى- بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسماندىن چۈشۈرىدۇ، ئۇ زېمىنغا چۈشۈپ مۇسۇلمانلارغا يېتەكچى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىمام مەھدى نامايەندە بولۇپ چىقىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بەرىكىتى كۆپ بولىدۇ، ھەتتا بىر تۆگىنىڭ سۈتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى قاندۇرۇشقا كۇپايە قىلىدۇ، مال-دۇنيا بەك كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ دەۋرىدە يەئجۇجە ۋە مەئجۈجە چىقىدۇر، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەنى يەئجۇجە ۋە مەئجۈجەلەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئىسا ئەلەيھسسالام ۋاپات بولغانغا قەدەر زېمىندا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ نامىزىنى( يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى) مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا سوغۇق بىر شامال ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۆمىنلەرنىڭ روھىنى قەبزى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا پەقەت ئازغىنا ساندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قىيامەت قايىم بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.