قېرىنداشلار، تاغا-ھاممىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار روزا ھېيت-قۇربان ھېيتقا ئوخشاش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بايراملاردا بىر جايغا توپلىشپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشسا گەرچە يېقىن تۇغقان بولسىمۇ ئەر- ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاردا ئولتۇرۇپ، كىتاب-سۈننەتكە زىت بولغان ئىشلارنى قىلماي، قىز-خانىملار مەھرەم بولالمايدىغان ئەر تۇغقانلار بىلەن يالغۇز قالماي، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەي ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك پىتنىلەرگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلانسا، بۇ ئۇچۇرۇشۇش بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى-مۇھەببەتلىرى كۈچىيىدۇ، خۇرسەنلىكى زىيادە بولىدۇ، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇرۇق-تۇغقان دەپ، ئەر- ئاياللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەل قاراشتىن ئاگاھلاندۇرغان. بىر ھەدىستە: (تۇغقان بولسىمۇ توي قىلسا بولىدىغان) يالغۇز ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، ئەنسارىلاردىن بىرى: يا رەسۇلۇللاھ! ئەرنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمۇ كىرسە بولمامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئەڭ خەتەرلىك دەيدۇ. البخاري (4934) ومسلم (2172) بايان قىلغان.
لەيس ئىبنى سەئدى بۇ سۆزنى چۈشەندۈرۈپ: يالغۇز ئايالنىڭ يېنىغا ئېرىنىڭ بىر تۇغقانلىرى ياكى ئېرىنىڭ تاغا تەرەپ تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنىڭ كىرىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ دېگەن. بۇ ھەدىسنىمۇ مۇسلىم بايان قىلغان (ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇرىشى توغىرسىدىكى 1200- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ياكى مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى دەپ بىر جايغا توپلىشپ ئولتۇرۇش ۋە بايرام قىلىش توغرا ئەمەس، ئىسلامدا پەقەت روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتلاردا بايرام قىلىش يولغا قويۇلغان.
مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنىدە پائالىيەت قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلىش ئۈچۈن (5219. 10070.ۋە 4033) بۇ نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
قۇرئاننى يادلاپ تاماملىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەبرىكلەپ يىغىلىپ خۇرسەنلىك ئىزھار قىلىش دېگەن ئىسلامدا چەكلەنگەن بايرام كۈنلىرىدىن ئەمەس، لېكىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بايرام قىلىپ توپلىشىش توغرا ئەمەس.
شۇنىڭدەك قۇرئاننى ياد قىلغان كىچىك بالىلاردىن بولسا ئۇ بالىنى روھلاندۇرۇپ قۇرئاننى ئۇنتۇپ قالماسلىق ۋە دائىم ئوقۇپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى قىلىپ بېرىش توغرا بولىدۇ.