جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يولدىشىم بىلەن كۆپ ئىخىتىلاپلىشىپ قالىمەن، قانداق قىلغاندا ياخشى، سالىھ ئايال بولالايمەن؟

سۇئال

مەن ئامېرىكىلىق، يېقىندا مۇسۇلمان بولدۇم، مەن ھېچ قانداق بىر ئەرنىڭ ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايدىغان بىر ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ھازىرقى قېيىنچىلىقىم، يولدىشىم ئامېرىكىلىق ئەمەس، كۆپ ۋاقىتتا پىكرىمىز بىر يەردىن چىقمايدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە كۆپىنچە پىكرى ئىختىلاپ قانۇن-تۈزۈم ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش مەسىلىسىدە كۆپ بولىدۇ، يولدىشىمنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋىيىسى بۇ دەرىجىدە يۇقىرى ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ۋاقىتلاردا كۆپ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىمەن، ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئادىتى ۋە مەدەنىيتىگە قايتىۋالىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزنى مەن قىلىمەن، بۇ ئىش يولدىشىمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن بۇ تاللاشنى ئىشنى توغرا يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى دەپ قارايمەن، بىز ھازىر كۆپ ئىختىلاپ قىلىشىمىز، مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلغاندا "ئىسلامى تەلەپكە ئۇيغۇن ئايال" بولالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مەن ھازىرغىچە بىلىم ئېلىۋاتىمەن، مېنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ قېيىنچىلىقىم: قانداق قىلغاندا بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيمەن ۋە ئىختىلاپنى ئازايتالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالاغا سىزنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقى ۋە ھىدايەت قىلغانلىقىغا ھەمدە سەنا يوللايمىز، مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتىدۇر.

سىزگە شۇنى بىلدۈرىمىزكى، ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن يولدىشىڭىزغا ئۆتەيدىغان ھەق-ھوقۇقلارنى قىلدى، يولدىشىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى قىلدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 10680- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

سىز ئاللاھ تائالانىڭ يولدىشىڭىز ئۈچۈن ئۆتەشكە بۇيرىغان مەجبۇرىيتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىڭ، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ئاللاھ تائالا ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە ئائىلىنىڭ مەنپەتىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بولغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىدى.

مۇسۇلمان ئايال يولدىشى بىلەن مۇئامىلىدە ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە زېرەك بولىشى كېرەك، ئادەتتە ئىنسانغا ياخشى سۆز تەسىر قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى ھەمراھى ۋە دائىملىق ئۈلپىتىدىن ئاڭلىغان ياخشى سۆزلەرنىڭ تەسىرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئەقىللىق ئايال يولدىشى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە يولدىشىنى بىئارام قىلىدىغان ھەرقانداق ناچار ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولىدۇ، ئۆزىنىڭ شەخسى قارىشىنى تېڭىشقا ئۇرۇنمايدۇ، ئەر ئۈچۈن ئائىلىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، مەلۇم ئورۇنلاردا ئۇنىڭغا بېرىلگەن رەددىيە ئۇنىڭدا ئەرلىك غۇرۇرى يەنچىلگەللىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ، بەزى كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۈلگىلىك ئايال: ئېرىگە مۇۋاپىق بولىشىنى ياخشى بىلىدۇ، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنى ئېھتىرام قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى ئىپادىلەشنىڭ ئارىسىنى باراۋەر ئىلىپ بېرىپ ئۇتۇق قازىنىدۇ".

يولدىشىڭىزنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىدا كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشىڭىز شەرىئەتتە دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، مۇشۇنداق ئىشلاردا ناھايتى ھىكمەت بىلەن ئىش قىلىشىڭىز كېرەك، سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى ئۆزىدىكى كەمچىللىك ۋە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك دەپ ھېس قىلىپ قالمىسۇن، بەلكى سىز كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا يولدىشىڭىز يېنىڭىزدا بولسا، ئۆز ئالدىڭىزغا قارار قىلماستىن يولدىشىڭىزنىڭ پىكرىنى ۋە رۇخسىتىنى ئىلىپ قارار قىلىڭ، ئاشۇنداق قىلسىڭىز سىز سۆزلەشكەن كىشىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھۆرمىتى ۋە قەدەر-قىممىتىنى ھېس قىلىدۇ، مۇمكىن بولسا، سىز ئۇنىڭ تىلدا سىزدىن ئىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك، ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارنى تولۇقلىشىڭلار لازىم، سىز ئۇنىڭ سىزنىڭ تىلىڭىزنى ئۆگىنىشىگە، ئۇمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىگە ھەمكارلىشىشىڭلار كېرەك.

بۇ بىزنىڭ سىزگە يولدىشىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرىدىغان ۋە ناچار تەسەررۇپلاردىن چەكلەشكە ياردىمى بولىدىغان نەسىھەتلىرىمىز، بۇ ئىش مەلۇم ۋاقىتتىلا ئەمەلىلەشمەيدۇ بەلكى تىلنى ياخشى ئۈگۈنۈپ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتكەندە ئەمەلىيلىشىدۇ.

ئىككىنچى: ياخشى ئايال بولىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالا سىز گە ئۆتەشكەبۇيرىغان ئىشلارنى بىلىپ ئادا قىلىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، شۇنىڭدەك يولدىشىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئەخلاقلىق ئېسىل ئاياللارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلىشمۇ مۇھىم بولىدۇ، بۇ ئىش سىزنىڭ ئاشۇنىڭغا ئادەتلىنىشىڭىز ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئۆگنىش بىلەن بولىدۇ، كەڭ قورساقلىق سەۋرچانلىق بولۇش بىلەن بولىدۇ، ياخشى ئىشنى تاللىغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، يامانلىقتىن ساقلانغان كىشى ئۇنىڭدىن ساقلىنىدۇ. [بۇ ھەدىسنى دارى قۇتنى "ئەلئەفراد"ناملىق ئەسەردە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 2328-ھەدىستە ھەسەن ھەدىس دېگەن].

ئەقىللىق ئانىنىڭ ئۆز قىزىغا توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان نەسىھىتىمۇ مۇشۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەسىھەت بولۇپ، ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈشتە ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە ياردەم بېرىشىنى سورايمىز، ئەقىللىق ئانا قىزىغا مۇنداق دېگەن: "ئى قىزىم! سىز ئۆزىڭىز ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۆيدىن ئايرىلىپ، تونۇمايدىغان بىر كىشى بىلەن ياشاش ئۈچۈن كېتىۋاتىسىز، ئۈلپەتلەشمىگەن ھەمراھنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىسىز، سىز ئۇنىڭ دېدىكى بولۇڭ، ئۇ سىزنىڭ چاكىرىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئون تۈرلۈك ئىشنى ئىسىڭىزدە تۇتسىڭىز، ئۇ ئىش سىز ئۈچۈن بايلىق بولىدۇ:

بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسى: ئۇنىڭغا قانائەتچانلىق بىلەن باش ئېگىپ، سۆزلىرىگە چىرايلىق قۇلاق سىلىپ ئىتائەت قىلىڭ.

ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىسى: ئۇنىڭ پۇراش ۋە كۆرۈش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭ كۆزى سىزنىڭ ناچار يەرلىرىڭىزنى كۆرمىسۇن، سىزدىن خۇشبۇي نەرسىدىن باشقىنى پۇرىمىسۇن.

بەشىنچى ۋە ئالتىنچىسى: ئۇنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋە تاماق يەيدىغان ۋاقتىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، چۈنكى ئاچلىقنىڭ ھارارىتى كۆيدۈرىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ئاچچىقلىتىدۇ.

يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچىسى: ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىڭ، ئائىلە، مال-مۈلكىگە كۆڭۈل بۆلۇڭ.

توققۇزىنچى ۋە ئونىنچىسى: ئىش تۇتقۇچى، مالغا ئىگە بولۇشتا ئۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلە ئىشلىرىدا ياخشى تەدبىر قىلىشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى: ئەر كىشىمۇ ئاللاھدىن قورقۇشى، ئايالىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئورۇندىشى، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن ئايالغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىشى كېرەك، ئۇ بىلگەن نەرسىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، ئۇ بىلمىگەن نەرسىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، ئۇ كىشىنى ياخشىلىققا يېتەكلەش ۋە مەنپەئەتلىك ئىشلارنى بىلدۈرۈشتە ئىشەنچىسىز بولغان يات كىشىنىڭ بىرگە بولغىنىدىن ئايالىنىڭ بىرگە بولۇپ تەرجىمانلىق قېلىپ بېرىشىياخشى بولىدۇ، ئىلىم ئۆگنىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، بىلىم ئىلىش تېرىشىش ۋە تىرىشچانلىق قېلىش بىلەن بولىدۇ.

ئۇنىڭغا ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان بولۇشقا نەسىھەت قىلىڭ، چۈنكى ئاچچىقلىنىش دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرى ئاياغ-ئاستى قىلىنغاندا بولىدۇ، مانا بۇ ئالقىشلىنىدىغان ئاچچىقلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى