پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەر-ئاياللار ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟

سۇئال

ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئۈستىدىكى قۇرئان-ھەدىس ھۆكمىگە مۇۋاپىق بولغان قانداق ھەق-ھوقۇقلىرى بار؟ ياكى باشقىچە ئىپادىلىگەندە: ئەرنىڭ ئايالى ئۈچۈن ۋە ئايالنىڭ ئەر ئۈچۈن بولغان مەسئۇلىيەت ۋە ھەق-ھوقۇقلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام دىنى ئەر ئۈچۈن ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلارنى بېكىتتى، شۇنىڭدەك ئايالغىمۇ ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەتلەرنى بېكىتتى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق بولغان ھەق-ھوقۇقلارنىمۇ بايان قىلدى.

ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان-ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرى ئۈچۈن ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان بەزى ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىمىز.

بىرىنچى: ئايالغا خاس بولغان ھەق-ھوقۇقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

ئەر كىشىنىڭ ئايالى ئۈچۈن ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مالىيە جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى: تويلۇق مېھرى بېرىش، كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تۇرالغۇ-ئۆي قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

باشقا جەھەتلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن: كۆپ ئاياللىق بولسا ئاياللار ئارىسىدىكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش، ئۇلار بىلەن ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈش ۋە ئاياللىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

1-مالىيە ھەق-ھوقۇقلىرى:

ئا-تويلۇق مېھرى، بۇ مال ئايالنىڭ تويى ئۈچۈن نىكاھ قىلىنغاندا ياكى بىرگە بولغاندا ئەر تەرەپتىن بېرىلىدىغان مال بولۇپ، بۇنى ئايالغا بېرىش ئەر ئۈچۈن زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً تەرجىمىسى: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. [سۈرە نىسا 4-ئايەت].

ئايالغا تويلۇق مېھرى بېرىشنىڭ يولغا قويۇلىشى بولسا، نىكاھ ئىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۈستۈنلىكى، ئايالنى ئىززەت-ئىكرام قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: تويلۇق مېھرى بېرىش نىكاھ ئىشىدا شەرت ياكى ئاساس ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقەتتە ئۇ يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرغان ئەر بىلەن بولغان باغلىنىشنىڭ ئىزى ھېسابلىنىدۇ، تويلۇق مېھرىنى زىكىر قىلماستىن نىكاھ قىلىنغان بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن بۇ نىكاھ ئەقىدىسى توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً تەرجىمىسى: ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى تويلۇق مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇنى قويىۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 236-ئايەت].

يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە تويلۇق مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئايالنى تالاق قىلىۋىتىشنىڭ بولىدىغانلىقى، نىكاھ قىلغاندا تويلۇق مەھرى ئاتىمىسىمۇ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

تويلۇق مەھرى نىكاھ قىلىنغاندا ئاتالغان بولسا، ئەرنىڭ ئۇنى بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ئاتالمىسا، ئەرنىڭ ئۈستىگە شۇ ئايالنىڭ تەڭ-تۈشلىرىگە بېرىلىدىغان تويلۇق مەھرىنىڭ ئوخشىشىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ.

ب-ئايالنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى بېرىش: ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەگەر ئايال ئۆزىنى ئېرىگە تاپشۇرسا ئەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ نەپىقىلىرىنى قىلىپ بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ئايال ئۆزىنى ئەرگە تولۇق تاپشۇرمىسا، سۆزىنى ئاڭلىمىسا تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.

ئايالغا تۇرمۇش خىراجىتى بېرىشتىكى ھېكمەت بولسا:تويلۇق ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەرگە نىسبەتەن ئايال ئۆيگە سولانغان بولىدۇ، ئەرنىڭ رۇختىسىز چېقىپ كەسىپ قىلىشى چەكلىنىدۇ، شۇنىڭ ئەر كىشىنىڭ ئۇ ئايالغا يەتكىدەك دەرىجىدە تۇرمۇش خىراجىتى قىلىپ بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، بۇ بولسىمۇ ئايالدىن پايدىلانغانلىقى ۋە ئايالنىڭمۇ ئۆزىنى ئەرگە تاپشۇرغانلىقىنىڭ بەدىلىگە بولىدۇ.

تۇرمۇش خىراجىتى بېرىشتىن بولغان مەقسەت: ئايال ئېھتىياجلىق بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆي قاتارلىق نەرسىلەرنى تولۇقلاپ بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، گەرچە ئايال باي بولسىمۇ بۇ نەرىسلەرنى تولۇقلاپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. [سۈرە بەقەرە 233-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِيُنفِقْ ذُو سَعَةٍ مِّن سَعَتِهِ وَمَن قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّـهُ تەرجىمىسى: باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). [سۈرە تالاق 7-ئايەت].

ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇتبەنىڭ قىزى، ئەبۇ سۇپياننىڭ ئايالى بولغان ھىند خاتۇنغا، ئۇ ئايال ئېرىنىڭ بېخىللىقىدىن داتلىغاندا، ئۇنىڭغا: ئۇنىڭ مېلىدىن سىزگە ۋە بالىڭىزغا يەتكۈدەك نەرسە ئېلىپ خىراجەت قىلىڭ دېگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، ئۇتبەنىڭ قىزى، ئەبۇ سۇپياننىڭ ئايالى بولغان ھىند پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەبۇ سۇپيان بېخىل ئادەم، ئۇ ماڭا ۋە بالامغا خىراجەت قىلىشقا يەتكۈدەك بىر نەرسە بەرمەيدۇ، مەن ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ئۇنىڭ مېلىدىن ئېلىپ خىراجەت قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سىز ئۇنىڭ مېلىدىن سىز بىلەن بالىڭىزنىڭ خىراجىتىگە يەتكۈدەك بىر نەرسە ئالسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى5049-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1714-ھەدىس].

جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشلىشىش ھەججىدە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى بىلەن ئالدىڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ھالال قىلدىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا: سىلەرنىڭ كۆرپەڭلارغا سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى دەسسەتمەسلىك ۋەزىپە قىلىنغان، ئەگەر دەسسىتىپ قالسا، ئۇلارنى يەڭگىل ئۇرۇڭلار، ئۇلار ئۈچۈن سىلەرگە: ئۇلارغا ئادەتتە يۇرتنىڭ ئادىتى بويىچە:يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەك بېرىش كېرەك بولىدۇ دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

ج-تۇرالغۇ جاي: ئۇمۇ ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بولۇپ، ئەر كىشى ئايالغا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا ئۆي تەييارلاپ بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ تەرجىمىسى: ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار. [سۈرە تالاق 6-ئايەت].

2-مالىيەدىن باشقا ھەق-ھوقۇقلىرى:

ئا-ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بولۇش: ئايالنىڭ ئەرگە بولغان ھەققىدىن ئېرى كۆپ ئاياللىق بولغان بولسا، ئۇ ئايال بىلەن باشقا ئاياللارنىڭ ئارىسىدا قوناشتا، خىراجەت قىلىشتا ۋە كىيىم-كىچەك بېرىشتە ئادىللىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

ب-ياخشى مۇئامىلە قىلىش: ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، مۇلايىم بولىشى، ئايالنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە رام قىلىش ئۈچۈن مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار. [سۈرە نىسا 19-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ولهن مثل الذي عليهن بالمعروف تەرجىمىسى: ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

ھەدىستە: ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى3153-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1468-ھەدىس].

بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە نەمۇنىمىز بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان ياخشى مۇئامىلىسىدىن نەمۇنىلەرنى كەلتۈرىمىز:

1-زەينەپ بىنتى ئەبۇ سەلەمە ھەدىس بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئەدىيالدا بىرگە ياتقان ۋاقتىمدا ھەيز كۆرۈپ قالدىمدە، ئەدىيالدىن سۇغۇرلۇپ چېقىپ ھەيز كۆرگەندە كىيىدىغان كىيىمىمنى كىيىۋالدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يېنىغا چاقىردى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن يەنە ئەدىيالغا كىردىم.

زەينەپ مۇنداق دەيدۇ، ئانام ماڭا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان ۋاقتىدا مېنى سۆيۈپ قوياتتى، مەن جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر داستىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتىم. [بۇخارى رىۋايىتى316-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى296-ھەدىس].

2-ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئېشىكى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، مەسچىتتە بىر قارا تەنلىك نەيزە ئوينىتىپ ئويۇن قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى چاپىنى بىلەن توسۇپ مېنى ئۇلارنىڭ ئويىنىنى كۆرىۋىلىشىمغا پۇرسەت چىقىرىپ بەردى، مەن زېرىكىپ قايتقۇچە تۇردى، سىلەر ئويۇنغا ئامراق بولغان كىچىك قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى443-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 892-ھەدىس].

3-مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيتتى، ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلاتتى، ئوتتۇز ياكى قىرىق ئايەت قالغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالەتتە رۇكۇ قىلاتتى ئاندىن سەجدە قىلاتتى، ئىككىنچى رەكەتتىمۇ بىرىنچى رەكەتتە قىلغانغا ئوخشاش قىلاتتى، نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ قارايتتى، ئويغاق بولسام مەن بىلەن سۆزلىشەتتى، ئۇخلاپ قالغان بولسام بىردەم يېنى ياتاتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى1068-ھەدىس].

ج-ئايالغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، بۇمۇ ئىسلامنىڭ ئاساسى، يات كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش چەكلەنگەن تۇرسا، ئايالىغا زىيان يەتكۈزۈش دېگەن ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغان. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2340-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ھاكىم، ئىبنى سىلاھ ۋە باشقا ئۆلىمالار سەھىھ دېگەن. ["خۇلاسەتى بەدرۇلمۇنىر" 2-توم 438-بەتكە قارالسۇن].

بۇ مەسىلىدە شەرىئەت ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن مەسىلىلەردىن:ئايالنى قاتتىق ئۇرماسلىق.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشلىشىش ھەججىدە مۇنداق دېگەن: ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى بىلەن ئالدىڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ھالال قىلدىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا: سىلەرنىڭ كۆرپەڭلارغا سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى دەسسەتمەسلىك ۋەزىپە قىلىنغان، ئەگەر دەسسىتىپ قالسا، ئۇلارنى يەڭگىل ئۇرۇڭلار، ئۇلار ئۈچۈن سىلەرگە: ئۇلارغا ئادەتتە يۇرتنىڭ ئادىتى بويىچە:يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەك بېرىش كېرەك بولىدۇدېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

ئىككىنچى: ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى ئەڭ چوڭ ھەق-ھوقۇقلاردىن ھېسابلىنىدۇ، بەلكى ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىكى ھەققىدىن چوڭ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ تەرجىمىسى: ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

جەسساس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ساھىبىغا بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ئەرنىڭ ئايالغا بولغان خاس ھەققىنى بايان قىلدى ئەمما ئايالنىڭ ئەرگە بولغان خاس بولغان ھەققى يوق.

ئىبنى ئەرەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت ئەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ نىكاھ ھەقلىرىدە ئايالنىڭ ھەققىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقى ئىپادىلەيدۇ.

مۇشۇ ھەق-ھوقۇقلاردىن:

ئا-بويسۇنۇشنىڭ زۆرۈرلىكى: ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى خۇددى ۋالى خەلقنى باشقۇرغاندەك، ئاياللارنى باشقۇرىدىغان، يېتەكلەيدىغان ۋە ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان قىلدى، ئەرلەرنى ئۆزىگە خاس بولغان جىسمانى ۋە ئەقلى خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە قىلدى، مالىيە تەرەپتىن بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى بېكىتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ تەرجىمىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر) [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەلى ئىبنى تەلھە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: (ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىىرىدۇر) دېگەن سۆزنى ئۇلارنىڭ ھامىلىرىدۇر، ئاللاھ تائالا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان ئىشتا ئىتائەت قىلىشى كېرەك، ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇنۇشى بولسا ئائىلىگە ياخشىلىقى قىلىش ۋە ئەرنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر.

مۇقاتىل، سۇددىي ۋە دەھھاك قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن. ["ئىبنى كەسىر"1-توم 492-بەت].

ب-ئەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان ھەققىدىن ئايالنىڭ ئېرىگە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىدۇر، بىر ئايال بىلەن توي قىلسا، ئۇ ئايال جىنسى مۇناسىۋەتكە يارايدىغان بولسا، نىكاھ قىلغاندا ئەر تەلەپ قىلسا ئۇ ئايالنى ئەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، ئەر ئايالنىڭ تويلۇق مېھرىنى نەخ بېرىدۇ، ئايال ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا ئەر ئادەت بويىچە ئىككى-ئۈچ كۈن ۋاقىت بېرىدۇ، بۇ شۇ يۇرتتىكى ئادەت بويىچە ئىجرا بولىدۇ.

جىنسى مۇناسىۋەت قېلىدىغان ۋاقىتتا ئايال ئېرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىسا، ئەگەر شەرىئەتتە رۇخسەت بولغان ھەيز، پەرز روزا ۋە باشقا كېسەللىك سەۋەپلىرى بولمىسا ئايال چوڭ خاتالىق سادىر قىلىش بىلەن بىرگە چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان بولىدۇ.

ئەبۇ ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرسا، ئايال كىشى سەۋەبسىز باش تارتسا، ئەر ئاچچىقلىنىپ كېچىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، پەرىشتىلەر تاڭ يورىغۇچە ئۇ ئايالغا لەنەت قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى3065-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1436-ھەدىس].

ج-ئېرى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيگە كېرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن: ئايالى ئېرى ياقتۇرمايدىغان كىشىنى ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئېرى يېنى بار ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇختىسىز نەپلە روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز بىر كىشىگە ئۆيگە كېرىشكە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى4899-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1026-ھەدىس].

سۇلايمان ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئەھۋەس دەيدۇ، ماڭا دادام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، دادام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ۋىدالىشىش ھەججىگە ھازىر بولغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەدھىيلىدى، ماختىدى، بىزگە ئەسلەتتى ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئاندىن مۇنداق دېدى: ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ياردەمچىلەر، سىلەر ئۇلاردىن ئاشۇنىڭدىن باشقا نەرسىگە ئىگە بولالمايسىلەر، ئەگەر ئۇلارنىڭ دەلىل-ئىسپات بىلەن پاھىشە ئىشلارنى قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇلارنى ياتىدىغان ئورنىدا يالغۇز تاشلاپ قويۇڭلار، يەڭگىل ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا باشقىچە يول تۇتماڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلاردا ھەققىڭلار بار، ئاياللارىڭلار ئۈچۈنمۇ سىلەردە ھەققى بار، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىكى ھەققىڭلار؛ ئۇلار سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر ئۆيگە باشلىمىسۇن شۇنىڭدەك سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى ئۆيگە يولاتمىسۇن، ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەردىكى ھەققى بولسا؛ سىلەرنىڭ ئۇلارغا كىيىم-كىچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك بېرىشتە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭلاردۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى1163-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى1851-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خوشلىشىش ھەججىدە مۇنداق دېگەن: ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى بىلەن ئالدىڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى ھالال قىلدىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا: سىلەرنىڭ كۆرپەڭلارغا سىلەر ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى دەسسەتمەسلىك ۋەزىپە قىلىنغان، ئەگەر دەسسىتىپ قالسا، ئۇلارنى يەڭگىل ئۇرۇڭلار، ئۇلار ئۈچۈن سىلەرگە: ئۇلارغا ئادەتتە يۇرتنىڭ ئادىتى بويىچە: يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بېرىش كېرەك بولىدۇ دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

د-ئەرنىڭ رۇختىسىز ئۆيدىن چىقماسلىق: ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان ھەقلىرىدىن، ئايالى ئېرىنىڭ رۇختىسىز ئۆيدىن چىقماسلىقى كېرەك.

شافىئى ۋە ھەنبەلى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ رۇختىسىز ئاغرىپ قالغان دادىسىنى يوقلىغىلى چېقىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئېرىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ چەكلەپ قويۇش ھەققى بار، چۈنكى ئەرگە ئىتائەت قىلىش زۆرۈر بولۇپ، زۆرۈر بولمىغان ئىش بىلەن زۆرۈر بولغان ئىشنى تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ".

ھ-ئەدەپلەش: ئەر كىشى ئايالىنى ئادەتتىكى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىسا ئايالى رەت قىلىپ ئۇنىمىسا ئايالىنى ئەدەپلەپ قويۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئاياللارنى ئەدەپلەشكە بۇيرۇپ، ياتاق ئۆيىگە ئايرىم تاشلاپ قويۇش، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىغاندا ئۇرۇشقا بۇيرىغان.

ھەنەپى مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ئەدەپلىشى ۋە ئۇرۇشى توغرا بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ئورۇننى زىكىر قىلدى، ئۇ بولسا: ئەر كىشى ئەيالىنى زىننەتلىنىپ ياسىنىشىنى خالىسا، ئايال كىشى زىنەتلىنىپ ياسانمىسا، ئايال پاك ھالەتتە ئەر كىشى تۆشەككە چاقىرسا كەلمىسە، نامازنى تەرك قىلسا، ئۆيدىن ئېرىنىڭ رۇختىسىز چىقىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئايالنى ئەدەپلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ تەرجىمىسى: سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. [سۈرە تەھرىم 6-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇش، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشتىن چەكلەش، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى تۇرغۇزۇش، ئۇنىڭغا بۇيرۇش، ئۇنى ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىش، ئۇلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بىرەر ئاسىيلىقنى كۆرسەڭ، ئۇلارنى ئاسىيلىقتىن توسۇش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت".

زەھھاك، مۇقاتىلمۇ مۇشۇنداق دەپ: مۇسۇلماننىڭ ھەققى ئۆز ئەھلىگە، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا، دېدەك-قۇللىرىغا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەرز قىلغان ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى ئۆگىتىش ۋە تەلىم بېرىش قاتارلىقلار زۆرۈر بولىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"4-توم 392-بەت].

ۋ-ئايالنىڭ ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى: بۇ توغرىدا دەلىللەر بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسىنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى زۆرۈر بولۇپ، ئاشۇنداق ئاياللار ئاشۇنداق ئەرلەرنىڭ خىزمىتى قىلىش قائىدىسى بويىچە قىلىدۇ، ئەھۋاللارنىڭ تۈرلۈك بولىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىزمەتلەر تۈرلۈك بولىدۇ، يىزا-قىشلاقتىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى بولسا شەھەرلىكلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئوخشىمايدۇ، كۈچلۈكلەرنىڭ خىزمىتى ئاجىزلارنىڭ خىزمىتىگە ئوخشىمايدۇ. ["پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەر 4-توم 561-بەت].

ز-ئايالنىڭ ئۆزىنى ئەرگە تاپشۇرۇشى: نىكاھ ئەقىدىسىنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولۇپ، نىكاھ ئەقىدىسى توغرا بولغاندا، ئايالنىڭ ئۆزىنى ئېرىگە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئەقدە بىلەن ئەر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئىلىشقا ھەقلىق بولىدۇ، ئۇ مۇكاپات بولسا ئايالدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت، ئايالمۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئىلىشقا ھەقلىق بولىدۇ، ئۇ مۇكاپات بولسا تويلۇق مەھرىدۇر.

م-ئايالىنىڭ ئېرىگە ئۆرپ-ئادەت بويىچە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت].

قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئۇلارغا ياخشى ھەمراھ بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشتا ياشاڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا ئۆزلىرىگە بېكىتىلگەن ھەقلەرنى ئورۇنلىسۇن.

ئىمام تەبەرى مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئۈستىدە ھەق بولىغىنىدەك، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئەرلىرىگە كۈندەشلىرىنى تەرك قىلىش ھەققى بار.

ئىبنى زەيد مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئادا قىلىشتا ئاللاھتىن قورىققىنىدەك، سىلەرمۇ ئاياللارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنىلەر ئاساسەن يېقىن بولۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئايال كىشىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ["تەپسىر قۇرتۇبى"3-توم 123-124-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد