
كاتاگورىيە شەجەرەسى
ئەقىيدە
كۆرۈش›


ھەدىيس ۋە ئۇنىڭ ئىلىملىرى
كۆرۈش›


قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئىلىملىرى
كۆرۈش›


ئائىلە قانۇنشۇناسلىقى(فىقھىسى)
كۆرۈش›


ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى(فىقھ) ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى
كۆرۈش›


ئەدەپ-قائىدىلەر،ئەخلاقلار ۋە ۋەز-نەسىھەتلەر
كۆرۈش›


بىلىم ۋە دەۋەت
كۆرۈش›


پىسخولۇگىيە ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەر
كۆرۈش›


تارىخ ۋە تەرجىمىھال
كۆرۈش›


تەربىيلەش
كۆرۈش›


قەبىردە بولىدىغان نېمەت ۋە ئازابلار
قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا
قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرىدىن: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، مۇناپىقلىق، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىش، سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆز قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇماستىن تەرك قىلىش، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىق، جازانە يېيىش، زىنا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش، رامىزاندا ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋېتىش، غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا خىيانەت قىلىش، كىيىم-كېچەكنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن كىيىش، ھاجىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلاش، ھايۋانلارنى سولاپ قويۇپ، ئاچ قويۇپ ئازاپلاش ۋە قەرزنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلاردۇر.ساقلاشئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغان يول توغرىسىدا
ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىشى دېگەن: بەندىنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولىشى، بارلىق گۇناھ-خاتالىقلىرى ئۈچۈن سەمىمى تەۋبە قىلىشى، تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشىلىق ئەمەللىرىگە يۈزلىنىشى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاندىن مۇشۇ ياخشى ھالەتلەردىن كېيىن ۋاپات بولغان بولسا، بۇ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدىندۇر. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بەك كۆپ بولۇپ: ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش، پېشانىسىدىن تەر ئېقىپ تۇرغان ھالەتتە ۋاپات بولۇش، جۈمە كۈنى ۋە كېچىسى ۋاپات بولۇش، ئاللاھ يولىدا غازات قىلىپ ۋاپات بولۇش، ۋابا كېسىلىدە ۋاپات بولۇش، قورسىقى ئاغرىپ، ئېچى سۈرۈلۈپ ۋاپات بولۇش، تام بېسىۋىلىپ ۋاپات بولۇش ، سوغا غەرق بولۇپ كېتىش بىلەن ۋاپات بولۇش، ئايال بالا تۇغقانلىق سەۋەبىدىن ياكى ھامىلدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇش، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىش، بېقىنى ئاغرىپ ئۆلۈپ كېتىش، سىل كېسىلىدە ئۆلۈپ كېتىش، دىنىنى، مېلىنى، جېنىنى قوغداپ ئۆلۈپ كېتىش، ئاللاھ يولىدا رىباتتا تۇرۇپ(چېگرا قاراۋۇللىقىدا تۇرۇپ) ئۆلۈپ كېتىش ۋە ياراملىق ئەمەللەرنى قىلىۋاتقان ھالەتتە ۋاپات بولۇش قاتارلىقلاردۇر.ساقلاشقىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا
ساقلاش