999

ئېرى ئايالىغا: ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭنى تالاق دەپ ئويلىغىن دېگەنلىك توغرىسىدا

سوئال: 96604

   ئايالىم ھەيزدار ۋاقتىدا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەردى، مەن ئايالىمغا: ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭنى تالاق دەپ ئويلىغىن دېدىم، تەبىئىكى مېنىڭ مەقسىدىممۇ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۇنى تالاق قىلىۋېتىش ئىدى، ئۇ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئۇنى تالاقمۇ قىلمىدىم ۋە يېقىنچىلىقمۇ قىلمىدىم، كۆڭلۈمدە: ئەگەر تالاق قىلغان بولسام قايتىۋالغان بولاي دېدىم، مۇشۇنداق لەپزى بىلەنمۇ تالاق چۈشەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ نىيىتىڭىزدە ئايالىڭىز ھەيزدىن پاك بولغاندا تالاق قىلىش بولۇپ، پاك بولغاندىن كېيىن تالاق قىلمىغان بولسىڭىز بۇ سۆز بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ، بىز سىزنىڭ سوئالىڭىزنى دوكتۇر خالىد مۇشەيھكە سۇنساق، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەردى: ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، بۇنداق سۆز بىلەن تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى كەلگۈسىدە تالاق قىلىش بولۇپ، تالاق قىلمىدى ۋە تالاقمۇ چۈشمىدى".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android