چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال كىشى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھەيز ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

سۇئال

ئايال كىشى ھەيز ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامازنى قاچان باشلايدىغانلىقىنى قانداق بېكىتىدۇ؟ ئەگەر ئايال ھەيز ۋاقتىم ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، نامازنى باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە قان كەلگەنلىكىنى چىققانلىقىنى ياكى بېغىررەڭ سۇيۇقلۇق كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسا قانداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئايال كىشى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەيز قىنىنىڭ ئۈزۈلۈشى بىلەن بولىدۇ، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملار ھەيز مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتى بىر كېچە-كۈندۈز، ئەڭ كۆپ ۋاقتى ئون بەش كۈن دېگەن قاراشتا بولغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، قاچان ھەيزنىڭ مەلۇملۇق سۈپەتلىرى تېپىلسا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا قۇرئان-ھەدىستە نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ھەيزگە ئالاقىدار قىلدى، ئۇنىڭ ئاز ياكى كۆپ ۋاقتىنى بىكىتمىدى، ئۈممەت ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئومۇمى مەسىلە بولۇپ قالغان ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ۋاختىنىمۇ بىكىتمىدى. ئىسلام ئالىملىرىدىن بەزىسى ھەيزنىڭ ئاز ۋە كۆپ ۋاقتىنى بېكىتتى، ئاندىن ئۇلار بۇ بېكىتىشتە ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەرنىڭ ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى بېكىتتى، ئەڭ ئاز ۋاقتىنى بىكىتمىدى، بۇنىڭ ئەڭ توغرا بولغىنى ئۈچىنچى قاراش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق دېگەندىن ئىبارەتتۇر". ["پەتىۋالار توپلىمى" 19-توم 237-بەت].

ئىككىنچى: بۇ يەردە ئىستىھازە(ئاياللار كېسىلى) دەيدىغان يەنە بىر قان بولۇپ، ئۇ قاننىڭ سۈپىتى ھەيزنىڭ قىنىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ قان بىلەن ھەيزنىڭ قىنىنى تۆۋەندىكى سۈپەتلەر بىلەن پەرىقلەندۇرىمىز:

رەڭگى: ھەيزنىڭ قىنى قارامتۇل بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قىنى قىزىل بولىدۇ.

قويۇق-سۇيۇقلۇقى: ھەيزنىڭ قىنى قويۇق، يىرىك بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قىنى سۇيۇق بولىدۇ.

پۇرىقى: ھەيزنىڭ قىنىنىڭ پۇرىقى سىېسىق بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قىنىنىڭ پۇرىقى سىېسىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ تومۇردىن كەلگەن ئادەتتىكى قاندۇر.

ھەيز نامازدىن چەكلەيدۇ، ئىستىھازە نامازدىن چەكلىمەيدۇ. پەقەت ئوبدان ساقلىنىش، گەرچە قان نامازنى ئوقۇغۇچە ۋە ناماز ئاخىرلاشقاندىن كىيىن داۋاملاشسىمۇ ھەر ناماز ئۈچۈن ئايرىم تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ، ناماز ئوقۇۋاتقاندا قان كېلىپ قالسىمۇ بۇنىڭ زېيىنى يوق، ئەسلى قائىدىدە قان ھەيزنىڭ قىنى بولسا، ئەمما بۇ قان بىر ئاينىڭ ھەممىسىدە كەلسە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا ئىستىھازە بولىدۇ، باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى بولغان ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئىستىھازە بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى تۆەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بىلنىدۇ:

بىرىنچى: ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ كېلىشى بىلەن بولىدۇ، بۇ ئايالنىڭ پاك بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بالىياتقۇدىن چىقىدىغان ئاق سۇيۇقلۇقتىن ئىبارەت.

ئىككىنچى: تولۇق قۇرۇغاندىن بىلنىدۇ، ئايالدىن ئاق سۇيۇقلۇق كەلمىسە، قاننىڭ چىقىدىغان ئورنىغا ئاق پاختىنى كىرگۈزىدۇ، پاختا پاكىز ھالەتتە چىقسا بۇ ئۇ ئايالنىڭ پاك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيدۇ.

ئەگەر كىرگۈزگەن پاختا پاكىزە ھالەتتە چىقماي، قىزغۇچ ياكى ساغۇچ ياكى بېغىررەڭ ھالەتتە چىقسا ئۇ ۋاقىتتا پاك بولمىغان بولىدۇ، ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاياللار خۇش-بۇي نەرسە سالىدىغان قاچىلىرىغا سىرغىش پاختىلارنى سىلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ يىنىغا ئەۋەتەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇلارغا: ئاق سۇيۇقلۇقنى كۆرمىگۈچە ئالدىرىماڭلار دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى. ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى "ھەيزنىڭ بابىدا: ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى دېگەن باپقا ئالاقىدار قىلىپ كەلتۈرگەن. ئىمام مالىك مۇئەتتادا 130-نۇمۇردا كەلتۈرگەن].

ئاياللاردىن پاكلىق ۋاقىتلىرىدا ساغۇش ياكى دۇغ بىر نەرسىلەر كەلسە، ھېچ نەرسە بولمايدۇ، نامازنى تەرك قىلمايدۇ، يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلمايدۇ ۋە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس.

ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىز پاكىز بولغاندىن كېيىن كەلگەن ساغۇش ياكى دۇغ نەرسىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق(پەقەت تاھارەت ئېلىنىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 307-نومۇرلۇق ھەدىس، بۇخارى رىۋايەت قىلغان 320-نومۇرلۇق ھەدىستە "پاكىزە بولغاندىن كېيىن" دېگەن سۆز زىكىر قىلىنمىغان].

ئەمما ساغۇش ۋە دۇغ نەرسىلەر ھەيزگە ئەگىشىپ كەلسە ئۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى: ئايال كىشى ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىنى تەكىتلىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قان كەلگەن بولسا، ئاينىڭ كۆپ قىسمىدا كەلمىگەن بولسىلا ئۇ ھەيز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد