Table Of Contents
- -ئىسلامدا جىما قىلىشتىن بولغان مەقسەت.
- -ئىسلامدا جىمانىڭ ئەدەپلىرى.
- -ئايالنىڭ دۇبۇرىغا-كەينى تەرىپىگە مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.
- -جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش قانداق ۋاقىتتا ۋاجىپ بولىدۇ؟.
- ئايالى ھەيزدار ھالەتتە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.
- -جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقاندا ئىسپىرمىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش توغرا بولامدۇ؟.
- -ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىكى ئىشلارنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاش توغرا بولامدۇ؟.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شۇنداق، ئىسلام بىزگە ھەممىنى تەلىم بەردى دېگەن سۆزىڭىز بەك گۈزەل بولدى، ئىسلام ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈندۈلىك تۇرمۇشى، دىنى ئىشلىرى ھاياتى ۋە ماماتىغا ئالاقىدار بولغان بارلىق ياخشىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدۇر.
جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دېگەن دىنىمىز بىزگە ئىلىپ كەلگەن، ئوچۇق بايان قىلىپ بەرگەن، ھاياتلىقنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىندۇر، شەرىئەت بۇنىڭدا پەقەت جانلىقلارچە لەززەتلىنىش، ئۆتكۈنچى شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئەمەس، بۇنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ئەدەپ، ھۆكۈملەرنى بېكىتتى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۇنىڭغا نىيەتنىڭ خالىس بولىشى، دەسلەپتە ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە مۇسۇلمان بۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپقا ئېرىشىدىغان، ئۇنى ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى بىرگە كەلتۈردى.
-ئىسلامدا جىما قىلىشتىن بولغان مەقسەت.
نىكاھنىڭ مەقسىدىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەر كەلدى، ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "زادىل مىئاد" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "جىما قىلىش، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ مۇكەممەل يولىدۇر، بۇنىڭ بىلەن سالامەتلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ، لەززەت تامام بولىدۇ، كۆڭۈل خۇرسەن بولىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەتتىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دېگەن ئەسلىدە: ئاساسى مەقسەت قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان:
بىرىنچىسى: نەسلىنى مۇھاپىزەت قىلىش، بۇ نەسلىنىڭ ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئالەمدە گەۋدىلىنىشىنى بېكىتكەن مۇددەت تولۇق بولغىچە داۋام قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
ئىككىنچىسى: سىرتقا چېقىرىۋەتمەي ساقلاپ قالسا پۈتۈن بەدەنگە زېيىنى بولىدىغان ئىسپېرما سۈيىنى چېقىرۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۈچىنچىسى: شەھۋېتىنى ئادا قىلىپ لەززەت تېپىش، بۇ نېمەتتىن بەھرىمان بولۇش، بۇ بىرى جەننەتتىكى پايدىدىندۇر، چۈنكى جەننەتتە نەسىل قالدۇرۇش كېرەك بولمايدۇ، چىقىرىۋېتىش كېرەك بولىدىغان بۇ سۇمۇ ساقلانمايدۇ.
دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە: جىما قىلىش دېگەن سالامەتلىكنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ بىر سەۋەبىدۇر. ["پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەت كۆرسەتمىسى" 249 -بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "جىمانىڭ پايدىلىرىدىن: كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلاش، نەپسىنى كونترول ئېتىش، ھارامدىن ساقلىنىشقا قادىر بولۇش، بۇ ئىشلار ئايالغىمۇ ھاسىل بولىدۇ، بۇ ئەر-ئايال ھەر ئىككەيلەنگە دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ۋە بۇنى ياخشى كۆرەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا دۇنيادا ئايال ۋە خۇشبۇي نەرسىلەر ياخشى كۆرۈلدى» [ئىمام ئەھمەد"ئەلمۇسنەد" 3 -توم 128 -بەت. نەسائى "سۈنەن كۇبرا" 7 -توم 61 -بەت. بۇ ھەدىسنى ھاكىم سەھىھ دېگەن. ]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامائىتى! سىلەردىن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلىرىڭلار توي قىلسۇن، ھەقىقەتەن توي قىلىش كۆزىنى نامەھرەمدىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قادىر بولالمىغانلار نەپلە روزىنى كۆپ تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇ كىشىگە شەھۋەتنى توسىدىغان قالقان بولىدۇ ». [بۇخارى 9 -توم 92 -بەت. مۇسلىم "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىببى كۆرسەتمىسى" ناملىق ئەسەر 251 -ھەدىستە كەلتۈرگەن. ]
-ئىسلامدا جىمانىڭ ئەدەپلىرى.
جىما قىلىدىغان ۋاقىتتا رىئايە قىلىش مۇھىم بولغان ئىشلار:
1-بۇ ئىشتا نىيىتىنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ۋە ئەھلىنى ھارام ئىشلاردىن ساقلاشنى مەقسەت قىلىش، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ شەنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتىشنى ئىرادە قىلىش، چۈنكى كۆپلۈك بىلەن ئىززەت بولىدۇ، مۇشۇ ئىشىغا گەرچە شۇ ۋاقىتتا لەززەت ۋە كۆڭۈل خۇرسەنلىكىنى تاپسىمۇ، ئاخىرىدا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن جىما قىلىشىدىمۇ ئەجىر بولىدۇ» دېگەن ئېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىما قىلسىمۇ ئۇنىڭدا ئەجىر بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئويلاپ بىقىڭلار! ئەگەر ئۇ كىشى ئۇنى ھارامغا قويسا گۇناھ بولمامدۇ؟، شۇنىڭدەك، ئۆز ئورنىغا، ھالالغا قويسا ئەجىر بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى720-ھەدىس].
بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە قىلغان كاتتا پەزلى ۋە بەرىكىتى، بىزنى مۇشۇ ئۈممەتتىن قىلغان رەببىمىز ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن.
2-جىمادىن بۇرۇن مۇلايىملىق بىلەن ئوينىشىش، ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىش، سۆيۈش قاتارلىق ئىشلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزىنىڭ ئەھلى بىلەن ئوينىشاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى.
3-ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان ۋاقتىدا: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئى ئاللاھ! بىزنى شەيتاندىن يىراق قىلسىلا، بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىدىغان نەرسىدىنمۇ شەيتاننى يىراق قىلسىلا» دەيدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ مۇناسىۋەتتە، ئاللاھ ئۇلارغا پەرزەنت ئاتا قىلغان بولسا، ئۇ بالىغا شەيتان ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». [بۇخارى 9 -توم 187 -بەت.]
4- ئەر كىشى ئايالىغا جىنسى ئورنىنى مەقسەت قىلىپ قايسى شەكىلدە ۋە قايسى تەرەپتىن كەلسە بولىدۇ. مەقسەت بالا چىقىدىغان ۋە نەسىل قالدۇرىدىغان ئورۇن بولۇش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَّكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ تەرجىمىسى: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر(يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار». [سۈرە بەقەرە 223-ئايەت. ]
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىلار: ئەر كىشى ئايالىغا ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ جىنسى يولىغا يېقىنچىلىق قىلسا، بۇنىڭدىن بالا بولۇپ قالسا ئالغاي بولۇپ قالىدۇ دەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەقسەت جىنسى ئەزا بولسا ئالدىدىن، كەينىدىن، ياندىن قايسى تەرەپتىن كەلسەڭلار بولىدۇ». بۇخارى 8 -توم 154 -بەت. مۇسلىم 4 -توم 156 -بەت].
-ئايالنىڭ دۇبۇرىغا-كەينى تەرىپىگە مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.
5-ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايالىنىڭ دۇبۇرىغا-ئارقا تەرىپىگە-يېقىنچىلىق
قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار». بۇ ئايەتتىن شۇ مەلۇم بولدىكى: نەسىل تېرىيدىغان ئورۇن بولسا جىنسى ئەزادۇر، ئۇ بالا تەلەپ قىلىنىدىغان ئورۇندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاياللارنىڭ كەينى تەرىپىگە يەنى نىجاسەت چېقىدىغان ئورۇنغا جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ئادەم، لەنەت قىلىنغۇچىدۇر». ئىبنى ئەدى 1 -توم 211 -بەت. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ"توينىڭ ئەدەپلىرى" نامىلىق ئەسەرنىڭ 105 -بىتىدە كەلتۈرگەن.
بۇنداق قىلىشتا: تەبىئىي پىترەتكە قارشى ئىش قىلغانلىق، ساغلام ئىنساننىڭ تەبىئىتى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلغانلىق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا يەنە ئايالنىڭ جىمادىن ئالىدىغان لەززىتىنى يوق قىلىش بولىدۇ، ئارقا تەرەپ دېگەن نىجاسەتنىڭ ئورنى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دەلىللەر بۇنداق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 1103 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
6-ئەر كىشى ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ بولۇپ يەنە تەكرار مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا، تاھارەت ئېلىۋېتىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئاندىن يەنە تەكرار مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا ئارىلىقتا تاھارەت ئىلىۋەتسۇن. چۈنكى بۇ مۇناسىۋەتنى جۇشقۇنلاشتۇرىدۇ». [مۇسلىم 1 -توم 171 -بەت.]
بۇنداق قىلىش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەپتۇر .
بىرىنچى قېتىملىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيىنىۋېتىپ ئىككىنچى قېتىملىقىنى باشلىسا بەك ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ راپىئتىن بايان قىلنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ھەممە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولدى، ھەر بىرىنىڭ يېنىدىن چىقىدىغاندا يۇيۇنۇپ چىقتى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ھەممىگە بىرلا قېتىم يۇيىنسىلا بولمامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام : «ھەر بىرىدىن كېيىن يۇيىنىۋېتىش بەك گۈزەل، پاكىز ۋە ياخشى بولىدۇ» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. نەسائى "سۈنەن ئەلكۇبرا" 1 -توم 79 -بەت.]
-جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش قانداق ۋاقىتتا ۋاجىپ بولىدۇ؟.
7-تۆۋەندىكى ھالەتلەردە ئەر-ئاياللارنىڭ ياكى ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ جۇنابەتتىن يۇيۇنىشى ۋاجىپ بولىدۇ:
1-ئىككى خەتنىگاھ ئۇچراشقاندا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى خەتنىگاھ بىر-بىرىگە تېگىشسە ياكى بىر-بىرىگە كىرسە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى.526-ھەدىس].
بۇ ھالەتتە مەنى چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئىككى خەتنىگاھنىڭ ئۇچرىشىشى دېگەن: پەقەتلا بىر-بىرىگە تىگىپ سۈركىلىشى ئەمەس بەلكى ئەر كىشىنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ بوغمىقى ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تولۇق كىرىشىدۇر.
ياكى ئىككى خەتنىگاھ ئۇچراشمىسىمۇ مەنى چىقسا جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۇ سۇدىن بولىدۇ» يەنى مەنى چىقسا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. [مۇسلىم 1 -توم 269 -بەت.]
ئىمام بەغەۋى"شەرھى سۈننەت" 2 -توم 9 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ: " ئەر كىشىنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ بوغمىقىنىڭ ئايالنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا تولۇق كىرىشى ياكى ئەر ۋە ئايالدىن مەنىينىڭ ئېتىلىپ چېقىشى بىلەن بولىدۇ".
شەرىئەتتىكى يۇيۇنۇشنىڭ سۈپىتىنى بىلىش ئۈچۈن 83172 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر ئورۇندا يۇيۇنىشى دۇرۇس بولىدۇ، گەرچە بىر-بىرىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئورۇندا يۇيىناتتىم، ئىككەيلەننىڭ ئارىمىزدا سۇ قاچىسى بار ئېدى، قوللىرىمىزدا سۇ ئېلىپ بىر-بىرىمىزنى ئالدىرىتاتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىتتىك بولۇڭ دەيتتى، مەنمۇ: مەن سۇ ئىلىۋالاي، مەن سۇ ئىلىۋالاي دەيتتىم، ھەر ئىككىلىمىز جۇنابەتتىن يۇيىنىۋاتقان ئىدۇق». [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
8-يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان كىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلاپ، يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈپ ناماز ۋاقتىدىن بۇرۇن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە تەكىتلەنگەندەك، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇيىنىۋېتىپ ئۇخلاش مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىرىمىز جۇنۇپ ھالىتىدە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇرۇس بولىدۇ، خالىسا تاھارەت ئېلىۋەتسۇن». [ ئىبنى ھىببان رىۋايىتى232-ھەدىس].
ئايالى ھەيزدار ھالەتتە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇس بولامدۇ؟.
9-ئايالى ھەيزدار ھالەتتە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ھارام بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار .ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ». [سۈرە بەقەرە 222 -ئايەت].
ئايالى ھەيزدار ھالىتىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشى بىر دىنار ياكى يېرىم دىنار سەدىقە قىلىۋېتىشى كېرەك. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ مەسىلە ھەققىدە سوئال سورىغان كىشىگە مۇشۇنداق جاۋاپ بەرگەن. بۇ ھەدىسنى سۈننەت ساھىپلىرى بايان قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دە "توي ئەدەپلىرى" 122 -بەتتە كەلتۈرگەن].
لېكىن ئايالى ھەيزدار بولسا جىنسى ئەزاسىدىن باشقا جايلىرىدىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەردىن بىرىمىز ھەيز كۆرۈپ قالغاندا، ئىشتان كېيىۋىلىشقا بۇيرۇپ ئاندىن ئايالى بىلەن ئىشتاننىڭ ئۈستىدىن يېقىنچىلىق قىلاتتى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]
-جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقاندا ئىسپىرمىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش توغرا بولامدۇ؟.
10-ئەر كىشى پەرزەنت بولۇشنى خالىمىسا، ئىسپىرمىنى سىرتقا چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ساقلىنىش قاپچۇقلىرىنى ئىشلەتسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئايالى قوشۇلۇشى كېرەك، چۈنكى ئايالنىڭمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتە لەززەتلىنىش ھەققى بولىدۇ ۋە بالىدىمۇ ھەققى بولىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئەزلى قىلاتتۇق ( يەنى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقاندا ئىسپىرمىنى سىرتقا چىقىرىۋېتەتتۇق)، بۇ خەۋەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يەتكەن بولسىمۇ لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلىمىگەن». [بۇخارى 9 -توم 250 -بەت. مۇسلىم 4 -توم 160 -بەت. ]
ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا ئايالنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتتىكى لەززىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ ياكى ئازلىتىدۇ، شۇنداقلا بىز ئىلگىرى بايان قىلغاندەك، پەرزەنت بولۇش ۋە ئۈممەتنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت نىكاھتىن بولغان بەزى مەقسەتلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ.
-ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىكى ئىشلارنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاش توغرا بولامدۇ؟.
11-ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋەت جەريانىدا بولغان ۋە جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلىۋېتىشى ھارام بولىدۇ. بەلكى بۇنداق قىلىش ئەڭ ناچار قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئورۇن جەھەتتە: ئەر-ئايال بىر-بىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ بۇ جەرياندا بولغان مەخپى ئىشلارنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلغانلاردۇر». [مۇسلىم 4 -توم 157 -بەت].
ئەسما بىنتى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئەر ۋە ئاياللار ئولتۇرۇشقان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى ۋە ئايالمۇ ئېرى بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى باشقىلارغا خەۋەر قىلامدۇ؟» دېگەندە، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ قالدى، ھېچ كىشى بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىدى، مەن: شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىدۇ ۋە ئەرلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلماڭلار، بۇنداق قىلىش: خۇددى ئەركەك ۋە چېشى شەيتاننىڭ يول ئۈستىدە كىشىلەرگە قارىتىپ بىر-بىرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىنىگە ئوخشاشتۇر» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1 -توم 399 -بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "توي ئەدەپلىرى" 143 -بەتتە كەلتۈردى].
يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز جىمانىڭ ئەدەپلىرىدىن بايان قىلىشقا ئاسان بولغانلىرىدۇر. بىزنى مۇشۇنداق يۈكسەك ئەدەپ ساھىبى بولغان ئۇلۇغ دىنغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. بىزنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلاپ قويغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانالار بولسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.