14,536

ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟

سوئال: 5207

مەن ئائىلىدە يالغۇز قىز، مەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى بالام بار، يولدىشىم بىلەن ئامېرىكىدا ياشايمەن، باشقا تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرقتە ياشايدۇ، يولدىشىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، مىنىڭ ھەج قىلىش شارائىتىم تولۇق، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە پەرز ھەجنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا مەن بۇ پەرزنى قانداق ئادا قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشى ئۈچۈن مەھرەمنىڭ بىرگە بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر بىرگە ھەج قىلىدىغان مەھرەم تېپىلمايدىكەن ئۇ ئايالنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرى تولۇقلانغان بولمايدۇ، چۈنكى شەرىئەت ئاياللارنى يالغۇز سەپەر قىلىشتىن چەكلىگەن، سىزگە مەھرەم تېپىلمايدىكەن ھەجمۇ پەرز بولمايدۇ. سەبرى قىلسىڭىز ئاللاھ سىز بىلەن بىرگە ھەج قىلىدىغان مەھرەم ئىشىنى ئوڭۇشلۇق قىلسا ئەجەب ئەمەس. سىز ئۆزۈرلۈك بولغاندىن كىيىن گۇناھكار بولمايسىز، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە كېلىپ ھەج قىلىشىڭىز توغرا ئەمەس. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى ۋە ئەرلەرنىڭ مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا كىرىشى توغرا ئەمەس، دېگەندە، بىر كىشى: يا رەسۇلۇللاھ! مەن جىھادقا چىقىشقا تىزىملاتقان، ئايالىم ھەجگە بارماقچى ئىدى؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىگە، سەن ئايالىڭ بىلەن ھەجگە بىرگە بارغىن دەيدۇ. بۇ 1729-نومۇرلۇق ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان. شۇ ۋاقىتتىمۇ ھەج قىلغۇچىلار مەدىنەدىن ھەجگە تەشكىللىنىپ كېلەتتى، شۇنداق تۇرۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قىلىشىنى چەكلىگەن.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android