7

ھەۋزى كەۋسەر توغرسىدا

سوئال: 48995

ھەۋزى كەۋسەر دېگەن نېمە؟، بۇ پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كەۋسەر دېگەن ئەرەپ تېلىدا زىيادە كۆپلۈكنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزدۇر.

ئەمما شەرىئەتتە بۇ سۆزنىڭ ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار:

بىرىنچى مەنىسى: كەۋسەر جەننەتتىكى بىر دەريا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ تەرجىمىسى: «بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق» [سۈرە كەۋسەر 1-ئايەت].

بۇ ئايەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كۆپ ياخشىلىق دەپ ئىزاھلىغان، بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىسقا مۇگىدىدى، ئاندىن كۈلۈمسىرىگەن ھالەتتە بېشىنى كۆتۈردى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىنى نېمە كۈلدۈردى؟ دېسەك، پەيغەمبە رئەلەيھىسسالام: «ماڭا ھازىر بىر سۈرە نازىل بولدى» دەپ بۇ سۈرىنى ئوقۇدى: بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم: ‎إِنَّآ أَعۡطَيۡنَٰكَ ٱلۡكَوۡثَرَ ، فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَٱنۡحَر، اِنَّ شَانِئَكَ هُوَ ٱلۡأَبۡتَرُ تەرجىمىسى: «بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ» ]سۈرە كەۋسەر 1-3-ئايەتكىچە].

ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كەۋسەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى، بىز: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ بىر دەريا بولۇپ، رەببىم ماڭا ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىقنى ۋەدە قىلغان، ئۇ قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۈممىتىم كېلىپ سۇ ئېچىدىغان كۆل» دېدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كەۋسەر دېگەن جەننەتتىكى بىر دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقى ئالتۇندىن، ئۇ ياقۇت، مەرۋايىتلارنىڭ ئۈستىدىن ئاقىدۇ...». [تىرمىزى رىۋايىتى3294 -ھەدىس. ئىمام تىرمىزى: ھەسەن سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3-توم 135-بەتتە كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى مەنىسى: بۇ سۇ توپلىنىدىغان بەك كاتتا كۆل بولۇپ، قىيامەت كۈنى مەھشەر زېمىنىغا قويىلىدۇ، بۇنىڭغا سۇ ئېچكىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى كېلىدۇ، بۇ كۆلنىڭ سۇيى جەننەتتىكى كەۋسەر دەرياسىدىن كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆل "كەۋسەر كۆلى" دەپ ئاتالغان.  بۇنىڭ دەلىلى: بۇ توغرىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇ كۆلگە جەننەتتىن ئىككى نۆكەشتىن سۇ قۇيىلىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 4255-ھەدىس].

ھەدىسنىڭ زاھىرى كۆرۈنىشىدىن: كۆل جەننەتنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ئېچىدىكى دەريادىن سۇ قۇيىلىدۇ، ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن. ["پەتھۇل بارى" 11-توم 466-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بۇ كۆل پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس بولامدۇ ياكى باشقا پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئورتاق بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك:

ئەمما سۇيى كۆلگە قۇيىلىدىغان كەۋسەر دەرياسى توغرىسىدا، ئۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا نەقىل يوق، چۈنكى كەۋسەر دېگەننى ئاللاھ تائالا سۈرە كەۋسەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس قىلغان بولۇپ، بۇ سۈرىدىن بۇنىڭ پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكى، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق ئەمەسلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

ئەمما كەۋسەر كۆلىگە كەلسەك، بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكى ئۆلىمالار ئارىسىدا مەشھۇردۇر، بۇنى ئىمام قۇرتۇبى "ئەل مۇپھەم" ناملىق ئەسىرىدە ئوچۇق بايان قىلدى، لېكىن تىرمىزىنىڭ ھەدىسىدە، سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئايرىم كۆلى بولىدۇ، ئۇلار قايسىسىدىن سۇ ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئېچىدە مېنىڭ كۆلۈمگە سۇ ئېچكىلى كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىدىن كۆپ بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن» [تىرمىزى رىۋايىتى2367-ھەدىس].

يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ بارلىق ئىسنادلىرى زەئىپ بولسىمۇ لېكىن بەزى ئالىملار بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلغان. شەيخ ئەلبانىمۇ 1589-ھەدىستە سەھىھ دېگەن.  يەنە بەزى ئالىملار زەئىپ دەپ ھۆكۈم قىلغان. ھەدىستە پەقەت كەۋسەر دەرياسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدىكەن، كەۋسەر كۆلىنىڭمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكى يىراق سانالمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سەھىھ ھەدىسلەردە جەننەتتىكى دەريانىڭ ۋە قىيامەت مەيدانىدىكى كۆلنىڭ سۈپەتلىرى زىكىر قىلىنغان، جەننەتتىكى كەۋسەر دەرياسىنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن جەننەتتە سەيرى قىلىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز بىر دەريانىڭ بويىغا كېلىپ قالدىم، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئېچى كاۋاك مەرۋايىتتىن ياسالغان چېدىرلار بارئىكەن، مەن: ئى جەبرائىل! بۇ نېمە؟ دەپ سورىسام، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ رەببىڭ ساڭا ئاتا قىلغان كەۋسەر دەرياسى دېدى، بىر پەرىشتە سۇنى ئۇرغان ئېدى، ئۇنىڭ پۇرىقى ئىپاردىنمۇ خۇشپۇراق ئېدى» [بۇخارى رىۋايىتى].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا كەۋسەر دەرياسى بېرىلدى، بۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە ئاقىدىغان بىر دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدا مەرۋايىت چېدىرلار بار، ئۇنىڭ ئۇستى يىپىق ئەمەس ئېدى، قولۇمنى توپىسىغا ئۇرسام ئۇنىڭ توپىسى خۇشبۇي ئىپاردىن، شېغىل تاشلىرى مەرۋايىتتىن ئىكەن» [ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە12084-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 2513-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىمام ئەھمەدنىڭ مۇسنەدتە بايان قىلىنغان 12828-نومۇرلۇق يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەۋسەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئاللاھ تائالا ماڭا ئاتا قىلغان جەننەتتىكى بىر دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى سۇتتىنمۇ بەك ئاق، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىق، ئۇ يەردە بىر قۇش بولۇپ، ئۇنىڭ بوينى تۆگىنىڭ بوينىدەك چوڭ ئېدى، ئى ئۆمەر! مەن ئۇنىڭدىن لەززەتلىكراق بىر قۇش گۆشىنى يەپ باقمىدىم دېدى». [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "تەرغىيب ۋە تەرھىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3740-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەمما قىيامەت مەيدانىدىكى كۆلنىڭ سۈپەتلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كۆلۈمنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاقراق، پۇرىقى ئىپاردىنمۇ بەك خۇشپۇراق، ئۇنىڭ سۇ ئېچىدىغان قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن بىر قېتىم سۇ ئىچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسۇمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى6093-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى4244-ھەدىس].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇ كۆلدىن سۇ ئېلىپ ئېچىدىغان ئىبرىقلار ئالتۇندىن ۋە كۈمۈشتىن، ئۇنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىغا ئوخشاشتۇر».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ» دەپ كەلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 4261-ھەدىس].

سوۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇ كۆلنىڭ سۇيى توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ سۈيى سۇتتىنمۇ بەك ئاق، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىق، ئۇنىڭغا جەننەتتىن سوزۇلغان ئىككى نوكەشتىن سۈ قۇيىلىدۇ، ئىككى نوكەشنىڭ بىرى ئالتۇندىن يەنە بىرى كۈمۈشتىن ياسالغان. دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 4256-ھەدىس].

كۆل توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئالىملارنىڭ قارىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن تەۋاتۇرلۇق دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ توغرىدا ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەللىكتىن ئارتۇق ھەدسنى بايان قىلغان، ھاپىز ئىبنى رەجەپ ساھابىلاردىن ئۇ ھەدىسلەرنى بايان قىلغان ساھابىلارنىڭ ئىسىملىرىنى زىكىر قىلغان. ["پەتھۇلبارى" 11-توم 468-بەت].

ئىمام قۇرتۇبى سەھىھ مۇسلىمغا يازغان"ئەلمۇپھەم" ناملىق شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس قىلغان كۆلنىڭ ئىسمى، سۈپەتلىرى، ئېچىدىغان سۇلىرىنىڭ ھەممە تەپسىلاتى تولۇق بايان قىلىنغان مەشھۇر سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇغلىغاندا بۇنىڭ ھەممىسىدىن قەتئى بولغان ئىلىم ھاسىل بولىدۇ"...

كۆلنىڭ قىيامەت مەيدانىدىكى ئورنى توغرىسىدا:

ئالىملار بۇ ھەقتە ئوخشىمايدىغان قاراشلاردا بولدى، ئۇلاردىن بەزىلىرى: بۇ كۆل سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بولىدۇ، دېدى.

بەزىلەر: سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن بولىدۇ، دېدى، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى ۋە كۈچلۈك قاراشتۇر. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

چۈنكى سۇ ئېچكىلى كەلگەنلەرنىڭ بەزىسى تۇتۇپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنى سىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بولىدىغان بولسا ئېدى، ئۇلار بۇ ئورۇنغا يىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلار سىراتتىن ئۆتۈپ بولغىچە دوزاخقا چۈشۈپ كېتەتتى، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرىدا ناھايتى ئەھمىيەتلىك ۋە خەتەرلىك بولغان بىر ئىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە نىسبەت بېرىلگەن بەزى كىشىلەرنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قولىدىن، كەۋسەر كۆلىدىن سۇ ئېچىشتىن ئىبارەت شەرەپلىق نېمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ،.بەلكى بەزى سەھىھ ھەدىسلەردە: بىر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ كۆلدىن يىراقلاشتۇرىدىغانلىقى ھەتتا كۆلگە يېقىنمۇ بارالمايدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

ئۇنداقتا ئۇ كۆلدىن سۇ ئېچىدىغانلار كىملەر ۋە كۆلگە يېقىن كەلتۈرۈلمەي سۇ ئېچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلار كىملەر؟.

بۇ سوئالغىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايتى تولۇق، قانائەتلىنەرلىك، ئۈزۈر قويغۇچىغا ئۈزۈر قالمىغۇدەك، قىياس قىلغۇچىغا ھۆججەت بولمىغىدەك دەرىجىدە جاۋاپ بەردى. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىستانلىققا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىستان ئەھلى! بىز ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قېتىلىمىز، مەن قىرىنداشلىرىمنى كۆرۈشنى بەك ياخشى كۆرىمەن دېدى»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سېلىنىڭ قىرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر مېنىڭ ساھابىلىرىم، قىرىنداشلىرىم دېگەن ئۇلار ھازىر كەلمىدى، كېيىن دۇنياغا كېلىدۇ، دېۋىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىنىڭ ئۈممەتلىرىدىن ھازىر دۇنياغا كەلمىگەن، كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان كىشىلەرنى قانداق تونۇيلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قاراڭلار: بىر ئادەمنىڭ تۇم قارا ئاتلارنىڭ ئارىسىدا ئاق قاشقىلىق ئېتى بولسا ئۇ كىشى ئاتلارنىڭ ئارىسىدىن بۇ ئاتنى تونىيالماسمۇ؟» دېگەن ئېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەلۋەتتە تونۇيدۇ، دېيىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار تاھارەتنىڭ ئىزلىرىدىن قول-پۇتلىرى، قويۇق-قاشقىلىرى ئالاھىدە پەرقلىق نۇرلۇق پاقىراپ تۇرىدۇ، مەن ئۇلاردىن ئىلگىرى كۆلنىڭ بويىغا يېتىپ كېلىمەن، شۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر مېنىڭ كۆلۈمدىن خۇددى قوتۇر تۆگە ساق تۈگۈلەرنىڭ يېنىدىن قوغلانغاندەك قوغلىنىدۇ، مەن ئۇلارنى كېلىڭلار دەپ چاقىرىمەن، ماڭا: ئۇلار سەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئىمان-ئېتىقادلىرىنى تېگىشكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەن دېيىلىدۇ، مەن: لەنەت بولسۇن، لەنەت بولسۇن دەيمەن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 367 -ھەدىس].

ئەبۇ ھازىم: سەھەلنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، سەھەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كۆلگە سىلەردىن بۇرۇن كېلىمەن، كۆل بويىغا كەلگەن كىشى سۇ ئېچىدۇ، سۇ ئېچكەن كىشى ھەرگىز ئۇسسىمايدۇ، بىر تۈرلۈك كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كەلمەكچى بولىدۇ، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى تونۇيمەن، ئاندىن ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئارامدا بىر توساق پەيدە بولىدۇ. ئەبۇ ھازىم مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، نۇمان ئىبنى ئەبى ئىياش ئاڭلاپ: سەن سەھەلدىن مۇشۇنداق ئاڭلىغانمۇ؟ دېدى. مەن: ھەئە دېدىم، ئۇ: مەن ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىنىڭ يىنىدا بولغان ئېدىم، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار مېنىڭ ئۇممىتىمدىن» دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنىڭ سەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلمەيسەن دېيىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەندىن كېيىن دىنىنى، ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەن كىشىلەرگە لەنەت بولسۇن، دەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6528-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4243-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئۈممىتىمدىن بىر تۈرلۈك كىشىلەر خۇددى يات تۆگىلەر كۆل بويىدىن ھەيدەلگەندەك مېنىڭ كۆلۈمنىڭ ئەتراپىدىن يىراق قېلىنىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2194 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4257-ھەدىس].

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ئالىملىرىمىز-ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- مۇنداق دەيدۇ: " كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن ياكى دىندا ئاللاھ تائالا رازى بولمايدىغان، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان، ئىش-ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر كۆلدىن قوغلىنىدۇ، يىراقلاشتۇرىلىدۇ، ئۇلاردىن ئەڭ بەك قوغلىنىدىغىنى: مۇسۇلمانلار جامائىتىگە خىلاپلىق قىلغان، ئوخشىمىغان خاۋارىج پىرقىلىرىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى ئايرىۋەتكەن، راپىزىلارغا ئوخشاش ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا بولغان، مۆتەزىلىگە ئوخشاش ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن ياكى ئۇلارنىڭ يولىدىن ماڭغانلار، كىشىلەرگە بەك زۇلۇم قىلغان، ھەقسىزلىك قىلغان، ھەقىقەتنى يوق قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇلارنى خارلىغان، يوشۇرۇن قىلىنغان چوڭ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلغان، ئازغۇن، نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن، بىدئەتچى جامائەتلەردۇر". [قۇرتۇبىينىڭ"ئەتتەزكىرە" 306-بەت].

بەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بەك تېرىشچانلىق قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان مۇبارەك كۆلدىن سۇ ئېچىشنى ئۈمىت قىلىدىكەن ھېچ ئىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆزۇرىدىن ھەيدىلىشتىنمۇ بەك ھەسرەت-نادامەت، خارلىق بولامدۇ؟!، ئۇسسۇزلۇق چېكىگە يەتكەن، بۇنىڭغا ھېچ تاقەت قىلالمىغان بىر ھالەتتە شۇنداق ئېسىل، تەملىك، خۇشپۇراق سۇنى ئېچىشتىن چەكلەنسە، ئاندىن ئۇ ئىنسانغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ لەنەت قىلىشى ۋە يېنىدىن يېراق قىلىنىشى بىلەن ئازاب، خارلىق، ھەسرەت زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. بۇ ئازابنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئازابقا توغرىلانغان ئىنساننىڭ ھالى قانداق بولۇپ كىتەر؟!.

ئاللاھ تائالادىن بىزگە ۋە بىزنىڭ بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزغا نېمەت ئاتا قىلىشىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى، بىدئەت، ئاسىيلىقتىن يىراق قىلىشىنى سورايمىز ئامىن. بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

شەيخ ئۆمەر ئەشقەرىنىڭ "چوڭ قىيامەت" 257-262-بەت، "جەننەت ۋە دوزاخ" 166-167-بەتكە، ھاپىز ئىبنى ھەجەرنىڭ "پەتھۇل بارى" 11-توم 466-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android