4,446

ئىسرا ۋەقەلىكىدە رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولىشىدىكى ھېكمەت

سوئال: 46917

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا-مىئراج كېچىسىدە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تاكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىيارى بولغان ئەقسا مەسچىتىدە پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىدىكى سەۋەپ توغرىسىدا، ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئىسرا سۈرىسىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ئايەتلەرنى چۈشەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ۋە ھۆرمىتىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ".

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىمام بولۇشقا ئىشارەت قىلىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئارتۇقچىلىقى ۋە شان-شەرىپىنى ئاشكارا قىلىشتۇر".

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقتا بارلىق پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدا شەك يوق. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن قىيامەت كۈنى ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ خوجىسى، تۇنجى قېتىم قەبرىسى يىرىلىدىغان، تۈنجى شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائەت تەلەپ قىلغۇچىمەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 2278-ھەدىس].

بەزى ئالىملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھىكمەتنى بايان قىلىپ: ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا ئىمام بولىشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىنسانىيەتنى يىتەكلەش ئىشلىرىدا سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android