2,105

ئايروپىلاندا ئېھراملىقنى كىيىش قىيىن بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سوئال: 36606

   ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ، ئايروپىلاندا ئېھراملىقنى كىيىش قىيىن بولۇپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېھرامنى نىيەت قىلىپ ئۆتىدىغان ئورۇننى بىلمىسە، ئېھرامنى جىددە شەھرىگە بارغاندىن كېيىن كىيسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلىپ، ئايرۇپىلانغا چىققان كىشى، ئالدى بىلەن ئۆيىدە يۇيىنىۋېلىشى ۋە خالىسا ئېھراملىق كىيىمىنى كىيىۋېلىشى كېرەك، ئېھرامنى نىيەت قىلىدىغان ئورۇنغا ئازقالغاندا، مەقسەت قىلماقچى بولغان ھەجنى ياكى ئۆمرىنى نىيەت قىلىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ قانداق قىيىنچىلىق بولمايدۇ، ئېھرامنى نىيەت قىلىدىغان ئورۇننى بىلمىسە، ئايروپىلان خادىملىرىدىن ياكى مەسئۇللىرىدىن ياكى شۇ ئورۇننى بىلىدىغان ئىشەنچىلىك كىشى بولسا شۇنىڭدىن سورايدۇ. ئاللاھ تائالا توغرىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 11-توم 153-بەت.

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android