1-مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ھارام ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولۇپ، ھالال، مۇباھ بولغان ئىشلارغا مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشى كېرەك.
2-مالنى ئىدارە قىلىش، زىيادە قىلىش، پاي سېلىش ۋە ئايلاندۇرۇش ئىشلىرىغا تەجرىبىسى بولغان كۈچلۈك، ئىشەنچىلىك كىشىلەرنى تاللاش كېرەك.
3-باتىل ۋە ھارام شەرتلەردىن خالى بولغان، شەرىئەتتە توغرا بولغان مۇزارىبە ئەقدىسىگە مۇۋاپىق شەكىلدە مەبلەغ سېلىش، سالغان سەرمايىسىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ياكى پايدىدىن ئالىدىغان نېسبىتى بېكىتىلگەن شېركەتكە مەبلەغ سالماسلىقى كېرەك، تېگىشلىك پايدىنىڭ نىسبىتى ئىككى شېرىكنىڭ ئارىسىدا ئېنىق بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
4-كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سالغان مېلىدا مۇزارىبە قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ مېلىنى ئىدارە قىلىشتا ئاللاھ تائالادىن قورقىشى كېرەك. ئىدارە قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ماللارنى ئالماسلىق، كىشىلەردىن پايدىسىنى چېقىرىشقا كۆزى يەتمەيدىغان ماللارنى قوبۇل قىلماسلىق، مۇزارىبەتنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، بەلگىلەنگەن شەرتتىن چېقىپ كېتىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى بۇنى مەلۇم بىر مال ياكى ئورۇندا قىلىشنى شەرت قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىش توغرا بولمايدۇ، پايدا ئالمىغان نەرسىدە پايدا ئالدىم دەپ كىشىلەرنى ئالداپ، ھىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ مالنى كۆپەيتىپ پايدا ئالىدىغان ھەقىقى بىر تىجارىتى يوق تۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئۆزلىرى سالغان سەرمايىدىن پايدا ئايرىپ بېرىشنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھتۇر. شۇنىڭدەك، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تىجارەتتە بۇنچىلىك پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۇقىرى نىسبەتتە پايدا ئايرىپ بېرىدىغانلىقىغا قىزىقتۇرۇپ ئۇلارنى ئالداش توغرا بولمايدۇ.
5-كىشىلەرنىڭ مېلىدا ئاللاھدىن قورقىشى كېرەك، كىشىلەر قازىنىمىز دەپ تاپشۇرۇپ بەرگەن مالنى زىيادە قىلىش توغرىسىدا ئىدارى، مالىيە ئىشلىرىغا قادىر بولالايدىغان، تەجرىبىلىك كىشىلەرنى تولۇق قىلىشى كېرەك.
زىيان يۈز بەرگەن ۋاقىتتا:
- مۇزارىبە قىلغۇچى كىشىلەرگە سەمىيمىلىك بىلەن ئىشەنچىلىك ئەمەلى ئەھۋالنى يەتكۈزىشى كېرەك.
-ئەگەر ئۇ كىشىدىن چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ياكى سەل قاراش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا، سەل قارىغان ئىشلىرىغا كىپىل بولىدۇ، چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن ياكى سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ماددى زىياننى ئۈستىگە ئالىدۇ.
-مال ئىگىسى زىيان تارتقان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇشى، مۇسىبەتنى يەڭگىللىتىش، ئۇنى ھەل قىلىش ۋە شەرىئەتتە يوللۇق بولغان ھەرقانداق بىر يول بىلەن بولسۇن ئاساسى مەبلەغتىن قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولغاننى قۇتۇلدۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلىشى كېرەك.
-ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە رازى بولۇش مالنى زىيان تارتىش بىلەن كېلىپ چىقىدىغان روھى جەھەتتىن بۇزۇلۇش ۋە مەنىۋى تەرەپتىن چۈشكۈنلىشىشتىن يىراق بولىدۇ، ئۇ كىشىگە ئەقىلنى يوقۇتۇش، يۈرىكى توختاپ قىلىش دېگەندەك ئەھۋاللار يەتمەيدۇ ياكى بەزى سەۋېرسىز كىشىلەردەك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئەھۋاللار يۈزبەرمەيدۇ، ئۇ كىشى تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرنى ئەسلىشى كېرەك:
ئىنساننىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، مېلىغا ياكى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە يەتكەن مۇسىبەت ساپلا داد-پەرياد قىلىشنى لازىم تۇتىدىغان يامانلىق بولمايدۇ، بەلكى مۆمىن بۇنى گۈزەل شەكىلدە قوبۇل قىلىپ، توغرا يول بىلەن مۇئامىلە قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئا-بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشلىرىغا ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر. بۇ مۆمىندىن باشقا كىشىگە بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ مۆمىنگە بىرەر خۇرسەنلىك يەتسە، بۇنىڭغا رەھمەت-تەشەككۇر ئېيتسا، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر زىيان-خاپىلىق يەتسە، بۇنىڭغا سەۋېر قىلسا، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر» [مۇسلىم رىۋايىتى2999 -ھەدىس].
ب-ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلغان بولىشى مۇمكىن: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىگە مۇسىبەت يېتىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى5645-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ئۇبەيد ئەلھىرەۋىي مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشىنى دىندا مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ".
ج-ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىرەر قەۋمنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارنى سىنايدۇ، كىمكى سەۋېر قىلسا، ئۇ كىشىگە سەۋېرنىڭ مۇكاپىتى بولىدۇ، كىمكى داد-پەرياد قىلسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نەرسە قىلمىشىغا كۆرە بولىدۇ» بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرى ئىشەنچىلىك.
سەخبەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بېرىلسە شۈكۈر ئېيتسا، سىنالسا سەۋېر قىلسا، زۇلۇم قىلسا ئىستىغپار ئېيتىپ كەچۈرۈم سورىسا، زۇلۇم قىلىنسا كەچۈرىۋەتسە، ئۇلار ئۈچۈن خاتىرجەملىك بولىدۇ ۋە ئۇلار توغرا يول تاپىدۇ» تەبرانى ھەسەن ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن "ئىبنى ھەجەرنىڭ سۈزى تۈگىدى".
د-ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قەلىپنى راھەتلەندۈرىدىغان، تېڭىرقاپ قالغان نەپسىنى ھىدايەت قىلىدىغان توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلىپ بەردى، بۇ سەۋېرچانلىق ۋە ئىستىرجا يەنى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكى، ئاللاھ ئۆزى بېرىپ، ئۆزى ئالغانلىقىنى ئېيتىشتۇر، بۇنىڭدا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان تولۇق مۇكاپات، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەۋېر قىلغۇچىلارنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى بولىشىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ۋەدىسىنى چوقۇم ئورۇندايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وبشّر الصابرين الذين إذا أصابتهم مصيبة قالوا إنا لله وإنا إليه راجعون أولئك عليهم صلوات من ربهم ورحمة وأولئك هم المهتدون وَلَنَبْلُوَنَّكُم بِشَيْءٍ مِّنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِّنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ ، الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ، أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ تەرجىمىسى: «(بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن،ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار:«بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ، ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» [سۈرە بەقەرە 155-157-ئايەتلەر].
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بەندە مۇسىبەتكە ئۇچرىغان دەيدىغان ئىستىرجا كەلىمىسىنى إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ تەرجىمىسى: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» مۇسىيبەت ئىگىلىرىنىڭ پاناھلىنىدىغان، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىدىغان ئورۇن-قورغان قىلدى، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا شەيتان مۇسەللەت بولۇپ ئۇلارنى ناچار پىكىر-خىياللارغا تاشلاپ ئېچىنى ئۆرلىتىپ، كۆڭلىگە يوشۇرغاننى نامايەندە قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلماسلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئىنسان بۇ كۆپ مەنىنى، ياخشىلىقنى ۋە بەرىكەتنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئىستىرجا كەلىمىسىگە ئىلتىجا قىلغاندا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى ۋە پادىشاھى ئىكەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ ئۆز مۈلكىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشتۇر. "بىز ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىمىز" دېگەندە: ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ۋاپات تاپتۇرۇپ ئاندىن يەنە تىرگۈزىدىغانلىقىنى ئەۋۋەلدىمۇ ھۆكۈم ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاخىردىمۇ ئاللاھ ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. بۇنىڭدا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش باردۇر.
بۇ ئىستىرجا كەلىمىسىنى ئېيتىشنىڭ پايدىسى يۇقىرىدا سۆزلەندى. بۇ توغرىدا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ : «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا مۇسىبەت يەتكەندە، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان: إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ (بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز) دېگەن سۆزنى ۋە ئى ئاللاھ! ماڭا مۇشۇ مۇسىبىتىمدە ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلسىلا، بۇنىڭدىن ياخشىراق بىرنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرسە دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يەتكەن مۇسىبەتتىن ياخشىراق بىر ئىشنى ئورۇن باسار قىلىپ بېرىدۇ».
ھ-ئىستىرجا كەلىمىسى خاتالىقلارغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا مۇسىبەت يەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يەتكەن مۇسىبەت ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، ھەتتا بىر تېكەن كېرىپ كەتكەن بولسىمۇ شۇنداق» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
د-يامان خەۋەرنى دەسلەپتە ئاڭلىغان ۋاقىتتا سەۋېر قىلىپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۆزى مەبلەغ سالغان شېركەتنىڭ ۋەيران بولغانلىق خەۋېرى كەلسە سەۋېر قىلسا، سەۋېر قىلىش ئۇ كىشىنى يۈرەك توختاپ قىلىش، روھى ۋە نېرۋېسى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىنسان دەسلەپتە مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندا سەۋېر قىلسا بۇنىڭغا كۆرە، ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەۋېر قىلىش دېگەن مۇسىبەت دەسلەپتە بولغاندا بولىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 1238-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 926-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى: مۇسىبەتكە دەسلەپتە ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا سەۋېر قىلىش بەك قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ دېمەكتۇر".
و-بەندىگە مۇسىبەت يەتكەندە بۇنىڭغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلسا، مۇسىبەت ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدە نېمەت بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە مەرتىۋېسىنى يۇقىرى قىلىدۇ. بالا-مۇسىبەت ھەر قانچە كاتتا بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن نېمەت ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى نېمەت بىلەن سىنايدۇ.
ز-مۇسۇلمان كىشى مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە ئاھانەت قىلغانلىقى بولمايدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزگە: بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ سىناق ۋە ئىمتىھانى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَأَمَّا الإِنسَانُ إِذَا مَا ابْتَلاهُ رَبُّهُ فَأَكْرَمَهُ وَنَعَّمَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَكْرَمَنِ . وَأَمَّا إِذَا مَا ابْتَلَاهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَهَانَنِ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ ئەزىز قىلسا ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرسە، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى ئەزىز قىلدى، پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ» دەيدۇ » [سۈرە پەجىر 15-16-ئايەتلەر].
خ-مۇسۇلمان ئۆزىگە مۇسىبەت يەتكەندە ئۆزىدىن ئىلگىرى مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئەگىشىشى كېرەك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيىنچىلىقىنى يوق قىلغانلىق توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا تەرجىمىسى: «چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن» [سۈرە ئەنبىيا 84-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
يەنى: بىز ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ، مېھرىبانلىق قىلىپ، ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا يەتكەن ئېغىرچىلىق، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق. يەنى: بەدىنىدە، مېلىدە ياكى پەرزەنتىدە سىنالغان، ئىمتىھان قىلىنغان كىشىلەرگە ئىبرەت-ئەسلەتمە قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەييۇپ ئەلەيھىسسالام ياخشى نەمۇنەدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنى ناھايتى كاتتا مۇسىبەت بىلەن سېنىدى. ئۇ زات بۇنىڭغا سەۋېر قىلدى، ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلدى، ھەتتا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ بىشىغا كەلگەن بالا-مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۋەتتى.
ۋەلىيد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ يېنىغا ئەبەس دېگەن جايدىن كۆزى كۆرمەس بىر كىشى كەلدى، بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ كىشى ۋەلىيدنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا، ۋەلىيد ئۇ كىشىدىن ئەھۋال سورىدى؟. ئۇ كىشى: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئەبەس دېگەن يۇرتتا مەندىنمۇ مېلى، ئاتلىرى، تۆگىلىرى، پەرزەنتلىرى كۆپ، ئىززەتلىك، يۈز-ئابرۇيلۇق بىر كىشى يوق ئېدى، بىزنىڭ يۇرتقا سەل كېلىپ ئائىلەم، ماللىرىم ۋە پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كەتتى، بىزنىڭ يېمىنىزدا يېڭىدىن تۇغۇلغان بىر بوۋاق، بىر قاچقاق بوتۇلاق قالدى، مەن بالىنى كۆتۈرۈپ ئاندىن ئۈركىگەك تۆگىنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئەمما تۆگىنى تۇتالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنى يەردە قويۇپ، بوتۇلاقنىڭ ئارقىسىدىن يۈردۈم، شۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ چېقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، قايتىپ كېلىپ قارىسام بوۋاقنى بۆرە يەپتۇ، بوتۇلاققا يېتىشىپ بېرىپ ئۇنى تۇتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ يۈزۈمگە تېپىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمدىن ئايرىلىپ ئوڭدامغا چۈشتۇم، ھۇشۇمغا كېلىپ خىيال قىلسام: مەن ئاخشام يۇرتۇم ۋە قەبىلەم ئېچىدە ھالال مال-دۇنيا ئىگىسى، ئائىلە -بالىلىرىم بار، قەبىلە ئېچىدە يۈز ئابرۇي ئىناۋېتىم بار كىشى ئېدىم، ئەتىسى ئەتتىگەندە قولۇمدا ھېچ نېمەم يوق، كۆزۈم كۆرمەيدىغان، بالام، ئائىلەم، مال-مۈلكۈم يوق بىرسىگە ئايلاندىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن دېدى. ۋەلىيد مۇنداق دېدى: "بۇ كىشىنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىڭلار، دۇنيادا ئۆزىدىنمۇ كۆپ بالا-مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ناھايتى بەك سەۋېر قىلغان بىرسى بار ئىكەنلىكىنى بىلسۇن".
قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت بىلەن سىنالغاندا، ئۇنىڭغا ئېسىللىق بىلەن سەۋېر قىلىڭ، بۇ ئەڭ ياخشىدۇر، بەك قىيىنچىلىق بىلەن سىنالغاندا، ئۇنىڭغا سۇكۇت كىيىمىنى كىيگۇزۇڭ، بۇ ئەڭ ياخشىدۇر، بۇنى بەندىلەرگە شىكايەت قىلماي، مېھرى-شەپقەتسىزلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدىغان زاتقا شىكايەت قىلىڭ.
نۇرغۇن بالا-مۇسىبەتلەر ئۆز ساھىبىغا نېمەت بولىدۇ، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىك پايدىلىق بولىدۇ، ئەگەر تېنى ساق، مال-مۈلكى كۆپ بولسا، كۆرەڭلەپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئېدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْ بَسَطَ اللَّهُ الرِّزْقَ لِعِبَادِهِ لَبَغَوْا فِي الْأَرْضِ وَلَٰكِن يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَّا يَشَاءُ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ» [سۈرە شۇرا 27-ئايەت].
غەم-قايغۇدىن بۇرۇلۇپ، ئىشلىرىڭىزنى تەقدىرگە تاپشۇرۇڭ، دۇنيادا ئېرىشىدىغان ياخشىلىقتىن خۇرسەن بولۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنۇتۇڭ، بەزى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشنىڭ ئاقىۋېتى رازى بولىدىغان ئىشتۇر، بەزى قاتتىق قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن بىر كەڭىرچىلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغاننى قىلىدۇ، بۇنىڭغا قارشى چىقماڭ، ئاللاھ سېزگە ئەڭ ئېسىلنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرۇڭ.
ت-مەبلەغ سالغان شېركەتنىڭ ۋەيران بولىشى دېگەنلىكتىن، سىزنىڭ مەبلەغ سالغان مېلىڭىزدىن ھېچ نەرسە قايتمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مالنىڭ يېرىمى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپراقى ياكى ئۇنىڭدىن ئازراقى قايتىشى مۇمكىن، ئەگەر مالنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس، بارلىق ئۈمىت-ئارزۇلارنى يوقۇتۇش ئەمەس، بەلكى سەۋېر قىلسا، ئاللاھ تائالا كەلگۈسىدە كۆپ مال-دۇنيا ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
6-يالغان مەلۇمات بەرگەن ياكى باشقىلارنى ھەقىقى بولمىغان ئىشلار بىلەن سەراسىمىگە سالغان ياكى ساختىپەزلىك، ھەق بىلەن باتىل ئارىلاشتۇرۇش يولىنى تۇتۇش ياكى كىشىلەرنى مەلۇم بىر تۈرگە مەبلەغ سېلىشغا رىغبەتلەندۈرۈپ مېلىنى ئېلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ مېلى ۋەيران بولغان مەبلەغ سېلىش شېركىتىگە مەبلەغ سىلىپ، پايدىنى ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ مەنپەئەتلىنىدىغان دېگەندەك بارلىق گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، كىمكى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى دوغا تېكىۋەتسە ياكى ھەمشىرىسى، ئانىسى ياكى ئايالىنىڭ مېلىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلمىسا، مەبلەغ سېلىش شېركىتىگە كېرىش ئۈچۈن جازانە شەكىلدە قەرز ئالسا، بەلكىم ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان، ساۋاقلار ۋە ئىبرەتلەر بار.
7-ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئالدامچىلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرىشى، بۇنداق ئەھۋاللاردا خۇرسەن بولۇشقا ئورۇن يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشى، بارلىق ۋاستىلار بىلەن مۇسىبەتنى يەڭگىللىتىشكە تېرىشچانلىق قىلىشى، قايغۇلىرىغا تەسەللى بېرىپ، زىيانغا ئۇچرىغانلارغا تۈرلۈك شەكىلدە ياردەم بېرىشلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ.
8-ئىسلام دىنى ۋە بۇ دىننىڭ سەمىمى ئەگەشكۈچىلىرى ھەر قانداق ئەھۋالدا يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، خىيانەت، مالنى ياخشى ئىدارە قىلماسلىق، مالنى توغرا بولمىغان يولغا دو تېكىش، قالايمىقان ئىشلىتىش ياكى زىيان تارتقان ئورۇنلارغا يېڭىدىن پاي قوشۇش ياكى مالنى قۇيمىچى، ئالدامچىلارغا تۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلاردىن كىلىپ چىققان نەتىجىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەمما ئۆزى يالغۇز قىلغان خاتالىق، سەل قاراش، جىنايەت قاتارلىق ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك، ئاچ كۆزلۈك، توغرا شەكىلدە تەسەررۇپ قىلماسلىق، يالغانچىلىق ۋە ھىلە-مىكىر قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭمۇ مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى تەرجىمىسى: «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)» [سۈرە نەجمى 38-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» [سۈرە نىسا 58-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ تەرجىمىسى: « (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر» [سۈرە مائىدە 8-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار» [سۈرە نىسا 135-ئايەت].
9-زىيان كۆرۈلگەندە شەرىئەتنىڭ يولىدا مېڭىش كېرەك بولىدۇ. زىياندىن كېيىن قالغان مال، مال ئىگىلىرىنىڭ سەرمايىسىگە كۆرە تەقسىم قېلىنىدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا ئۈلگە بولىدۇ، قالغان مالدىن بىر كىشىگە ئۇنىڭ ئەسلى سەرمايىدىكى مەبلىغىگە كۆرە بېرىلىدۇ.
بىر-كېلىشتۈرگۈچىلەر ئارقىلىق ھارام ئىشلارنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، يەنى: قەرزنى ۋە قولغا كەلمىگەن مالنى ئەسلىدىكى باھاسىدىن تۆۋەن ھالەتتە سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، بۇنىڭدا نىسى جازانە بىلەن ئوخشاش تۈردىكى نەرسىنى زىيادە سېتىشتىن ئىبارەت جازانىنى جۇغلىغان بولىدۇ، جازانە بولسا ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر.
10-مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىسى بەزىسى ئۈچۈن كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭىر تۇتىشى كېرەك، بىر-بىرىنى تىللاش، دەشنام قىلىش، ئايالىنى تالاق قىلىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، سىلە رەھىمنى ئۈزۈش ياكى باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا ئورۇن يوق.
مۇسۇلمانلاردىن ئىمكانىيىتى بولغانلار زىيانغا ئۇچرىغان مەبلەغ سېلىش شېركىتىگە پاي قوشۇش ئۈچۈن ھەممە تىجارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پۈتۈن ئىقتىسادنى شۇنىڭغا سالغان ياكى ئۆي-ماشىنىلىرىنى سېتىپ مەبلەغ سالغان، تۇراقلىق ئايلىق كېرىمىنى مەبلەغ قىلغان، ياشانغان، تۇل، يېتىم، ئاجىز، نامراتلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك بولىدۇ. شۇنداقلا، خەيرىيەت ماللىرىدىن ئىئانە قىلغۇچىنىڭ رۇخسىتىسىز، بۇ ھەقنى تەلەپ قىلىدىغان كىشى يوق دەپ، ھېچ كىم ئاۋاز چىقارمايدۇ دەپ، ھەقلىق كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ، دۈشمەنلىك قىلىپ مۇشۇ شېركەتكە مەبلەغ سالغانلىرىدىن قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولغانلىرىنى قۇتقۇزۇش كېرەك.
مۇسۇلمان ئادۇكاتلارنىڭمۇ ئاجىزلار ھەق-ھوقۇقىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، خەيرىيەت ماللىرىنى ۋە پاك كىشىلەرنىڭ ئىئانىلىرىنى قۇتقۇزۇشتا ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىشى، دىنغا ئۇيغۇن بولغان نەسىھەت ۋە پىكىرلەرنى تەقدىم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن مۇسىبەتكە ئۇچرىغانلارغا ئۆز ھوزۇرىدىن ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى، ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەتلىرىگە سەۋېرچانلىقنى رىزىق قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز،
ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى رىزىق بەرگۈچىدۇر.