6,019

ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟

سوئال: 26304

ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاياللارنىڭ ئاۋازى شەرتسىز ئەۋرەت ئەمەس. ئايال ساھابىلاربەزى ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغاشىكايەت قىلىشاتتى ۋەئىسلامدىنى توغرىسىدا دۇچ كەلگەن ئىشلىرى توغرىسىدا بىلمىگەنلىرىنى ئۇنىڭدىن سورىشاتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن كېيىنكى ئىز باسار خەلىپىلەردىنۋە ئۇلاردىن كېيىنكى رەھبەرلەردىنمۇ شۇنداق قىلاتتى.

ئاياللار يات كىشىلەرگە سالام قىلاتتى ۋە ئۇلارنىڭ سالاملىرىغا جاۋاپ قايتۇراتتى. بۇ ئىشنى ئىسلام ئالىملىرىدىن ھېچ بىر كىشى ئىنكار قىلمىغان. لېكىن ئاياللار زۆرۈرىيەت بولۇپ يات ئەركىشىگە سۆز قىلغاندا ياكى بىرەر نەرسە سۆرىغاندا سۆزنىڭ ئۇسلۇبنى بۇزۇپ، نازلىنىپ سۆزلىمەسلىكى كېرەك.بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًاتەرجىمىسى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىپاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار. [سۈرە ئەھزاب 32-ئايەت].

ئاياللارنىڭ نازلىنىپ سۆزلىشى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك ئەرلەرنىڭ قەلبىگە تۈرلۈك خىياللارنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن پىتنە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android