سوئالدا كەلگەن شۈبھە ئاجىز ۋە رەت قىلىنىدىغان شۈبھىدۇر. ئۇ «بايرام»نىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەنمەسلىكتىن — بايرامنىڭ شەرىئەتتە دەلىل بىلەن بېكىتىلىشى زۆرۈر بولغان ئىبادەت شەكلى ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتىن — ۋە مەنئى قىلىنغان تەقلىد (تەشبىھ)نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توغرا تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان.
ئانىلار بايرىمى توغرىسىدا
سوئال 246302
ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بۇ دەلىللەرنى كەلتۈرگەن كىشىگە قانداق رەددىيە بېرىمىز:
ئىنسانلار ئادەتتە «ئانىلار بايرىمى» دەپ ئاتىغان بۇ كۈندە، كىشىلەر ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا سوۋغات بېرىدۇ. بۇ كۈن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بايرام مەنىسىدىكى بايرام ئەمەس، بەلكى ئانىلارغا ۋاپادارلىق ۋە قەدىرلەش كۈنىدۇر. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كىشىلەر ئانىلارنىڭ مېھرى-شەپقىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مۇشۇ مەنىدە ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئادەتتىكى تەشكىلاتچان بىر ئىش بولۇپ، بۇ ھەر ۋاقىت ۋە ھەر زامان ئاتا-ئاناغا ۋاپادار بولۇش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە رەھمەت ئېيتىشنى تەكىتلەيدىغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكۈملىرىگە زىت كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ تەرجىمىسى: « (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر» [سۈرە لوقمان 14-ئايەت].
ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە ئېھتىرام قىلىش ھەققىدىكى ئەمىرلەردە ئەڭ چوڭ نېسىۋىسىگە ئېرىشكەن كىشى ئانىدۇر؛ چۈنكى ئۇ ئاتىدىن ئالدىغا قويۇلغان ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى ئەمىر قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىن كىم؟ دېگەن ئېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىن كىم؟ دېگەن ئېدى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاناڭ» دېدى، ئۇ كىشى يەنە: ئۇنىڭدىن كېيىن كىم؟ دېگەن ئېدى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاتاڭ» دېدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
ئانىلارنى «ئانىلار بايرىمى» كۈنىدە ھۆرمەتلەش مەنئى قىلىنغان تەقلىد قىلىشقا كىرىپ قالمايدۇ، بەلكى بۇ ئومۇمىي ھېكمەتتىندۇر. «ھېكمەت مۇئمىننىڭ يوقاتقان نەرسىسىدۇر؛ قەيەردە تاپسا، ئۇنىڭغا ئەڭ لايىق بولغىنى ئۆزىدۇر» دېيىلگەن. بولۇپمۇ بۇ ئىش ئىسلام شەرىئىتى رىغبەتلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زىت كەلمەيدىغان مەزمۇنغا ئىگە. مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ«ئاشۇرا كۈنى» روزا تۇتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىز مۇسا (ئەلەيھىسسالام)غا سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ لايىق» دېگەن. شۇنىڭدەك، بىز ئانىلارنى ھۆرمەتلەشكە باشقىلاردىن تېخىمۇ لايىق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەر ئىلگىرى ئۆتكەن قەۋملەرنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىسىلەر» دېگەن سۆزىنىڭ مەقسەت مەنىسى — باشقا ئۈممەتلەرنىڭ خاتا ۋە شەرىئەتكە زىت ئادەتلىرىگە ئەگىشىشتىن چەكلەش، دېگەنلىكتۇر.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: بايرامنىڭ شەرىئەتتىكى چۈشەنچىسى — ئۇ " ئادەت بويىچە قايتا-قايتا كېلىپ تۇرىدىغان، ئومۇمىي يىغىلىشنىڭ نامى بولىدۇ. بۇ يىلدا بىر قېتىم قايتىشى، ياكى ھەپتىدە، ئايدا قايتىشى مۇمكىن". شۇنداقلا بايرام بىر قانچە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
-روزا ھېيت ياكى جۈمە كۈنىگە ئوخشاش قايتىپ كېلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ.
- ئۇ كۈندە يىغىلىش قىلىش.
-ئۇ كۈندە ئىبادەت ياكى ئادەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان ئىشلار بولۇش.
بايرام بەزىدە مەلۇم بىر جايغا خاس بولۇشى مۇمكىن، بەزىدە ئومۇمىي بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرى «بايرام» دەپ ئاتىلىدۇ". [شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ "اقتضاء الصراط المستقيم مخالفة أصحاب الجحيم" ناملىق كىتابى 189-بەت].
ئانىلار بايرىمى كۈنى يىلدا بىر قېتىم قايتىپ كېلىدىغانلىقى، ئۇ كۈندە كىشىلەرنىڭ يىغىلىشى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ كۈندە ياخشىلىق قىلىش، تۇغقانچىلىقنى ساقلاش، سوۋغات بېرىش قاتارلىق ئىبادەت ۋە ئادەت ئىشلىرى ئادا قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، بايرامنىڭ ئۈچ خۇسۇسىيىتىمۇ ئۇنىڭدا جەم بولغان دەپ قارىلىدۇ.
ئىككىنچى: بايرام شەرىئەتتىكى بىر ھۆكۈمدۇر. ئۇ يا دەلىل بىلەن بېكىتىلگەن بولىدۇ، ياكى كېيىن پەيدا قىلىنغان بولىدۇ. بۇ بايرامنىڭ ئىسلامدا ئەسلى يوق. ئەگەر ئۇ شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ياخشى بىر ئىش بولغان بولسا، ئەلۋەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن شۇنى قىلىشقا باشلامچى بولغان بولاتتى. بولۇپمۇ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدىكى دەلىللەر ناھايىتى كۆپ ۋە مەلۇم، سوئالدا بايان قىلىنغىنىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن. ئەگەر ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، قەدىرلەش ۋە ۋاپادارلىققا بۇ شەكىلدىكىدەك يىلدا بىر كۈننى قىلىش لازىم بولغان بولسا، بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يول كۆرسەتكەن بولاتتى. ئۇ ياخشىلىق، ۋاپادارلىق ۋە ئېھساننىڭ پەيغەمبىرىدۇر. ئەمما ئۇ بۇ ھەقتە بىر سۆزمۇ دېمىگەن، بىر قېتىممۇ ئەمەل قىلمىغان، ساھابىلەرنىڭ بىرىدىنمۇ بۇ توغرىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىشنىڭ كېيىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.
ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايرام قىلىپ ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ قوبۇل قىلىنغان بايرام بولاتتى. ئەگەر ئۇ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقاندەك روزا تۇتقان بولسا، بۇ روزا مۇستەھەپ بولاتتى. شۇڭا، بۇ كۈننى بايرام قىلىشقا ياكى ئالاھىدە ئىبادەت بىلەن خاسلاشقا تىرىشقان كىشى بىدئەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
شاتىبى رەھىمەھۇللاھ "بِدئەتى ئىضافى"نى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "دېمەك، بىدئەت دىندىكى يېڭىدىن كەشىپ قىلىپ چىقىلغان بىر يول بولۇپ، شەرىئەتكە نىسبەت بېرىپ كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇ يولنى تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا ئارتۇقچە كۈچەش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: بەلگىلەنگەن مەلۇم شەكىل ۋە ھالەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، مەسىلەن: زىكرنى بىر ئاۋازدا جامائەت بولۇپ قىلىش، ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بايرام قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار.
يەنە ئۇنىڭدىن: شەرىئەتتە بەلگىلەنمىگەن ھالدا، مەلۇم ئىبادەتلەرنى مەلۇم ۋاقىتقا خاسلاشتۇرۇش. مەسىلەن: شەئبان ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنى ۋە شۇ كېچىنى قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش.[ئەل ئىئتىسام 1-توم 37-بەت].
ئۈچىنچى: كاپىرلارغا تەقلىد قىلىش-ئوخشىۋېلىش چەكلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «كىم بىر قەۋمگە ئۆزىنى ئوخشاتسا، ئۇ شۇلارنىڭ بىرىدۇر» . [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4031 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ دۈۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا كەلتۈرگەن.]
بۇ بايرام پەقەت كاپىر ئۈممەتلەردىن تونۇلغان بولۇپ، ئۇلاردىنلا ئېلىنغان. ھەتتا ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇشىمۇ بىر ژۇرنالىستنىڭ تەكلىپى بىلەن بولغان، ئۇ «مەدەنىيەتلەشكەن مىللەتلەر بۇنى قىلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلغان.
بۇ ئىشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىڭ: «سىلەر ئىلگىرى ئۆتكەن قەۋملەرنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىسىلەر» دېگەن سۆزى ماس كېلىدۇ. دېمەك؛ بۇنى تەبرىكلەش بىزدىن باشقا ئۈممەتلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش بولىدۇ.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر ئادەم «بۇۋانە» دېگەن جايدا تۆگە قۇربان قىلىشنى نەزىر قىلغان. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇنى ئېيتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يەردە جاھىلىيەت دەۋرىدە بايرام قىلىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىنىدىغان بىر بۇت بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ساھابىلار: ياق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ بايراملىرىدىن بىرى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: ياق دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «نەزىرىڭنى ئادا قىل، چۈنكى ئاللاھقا ئاسىيلىق بولغان ئىشقا نەزىر ئادا قىلىنمايدۇ، ئادەم ئىگىدار بولمىغان نەرسىدە نەزىر بولمايدۇ» دېدى. [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3313 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].
بۇنىڭدا جاھىلىيەتنىڭ ئادەت-بايراملىرىغا قارشى تۇرۇشنى تاللاشنى لازىم تۇتۇشنىڭ روشەن دەلىلى بار، بولۇپمۇ بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلاردىن ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھ تائالاغا بەك ئۆچ كۆرۈلىدۇ: ھەرەم دائىرىسىدە دىنسىزلىقنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئىسلام دىنىدا تۇرۇپ جاھىلىيەتنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ۋە ھەقسىزلىق بىلەن بىر ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكۈشنى تەلەپ قىلغۇچى». [بۇخارى رىۋايىتى 6882 -ھەدىس].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "كىم ئىسلامدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەرنىڭ بىرى بىلەن ئەمەل قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىمۇ بۇ ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ".
جاھىلىيەت سۈننىتى - ئۇلار ئىسلامدىن بۇرۇن ئادەت قىلىپ كەلگەن ھەر قانداق ئىشتىن ئىبارەتتۇر؛ چۈنكى "سۈننەت" دېگەن ئادەت بولۇپ، ئۇ قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان يولدۇر. كىشىلەر ئۇنى ئىبادەت دەپ قارىسۇن ياكى قارىمىسۇن، تۈرلۈك كىشىلەر ئۈچۈن يول بولۇپ كېڭىيىدۇ. كىم ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىدىن بىرەر ئىشنى قىلسا، جاھىلىيەت يولىغا ئەگەشكەن بولىدۇ. [اقتضاء الصراط المستقيم ناملىق ئەسەر 76-بەت].
كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش ھارامدۇر، گەرچە ئوخشىۋالغۇچى ئوخشىۋېلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىمۇ مەيلى.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: " تەشبىھ (ئوخشىتىش) دېگەن: باشقىلار ئۇ ئىشنى قىلغانلىقىدىنمۇ ئومۇمى بولغان بىر ئىشنى قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
بەزىدە كىشى بىر ئىشنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان سەۋەب بىلەن باشقىلارغا ئەگىشىپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنىڭ ئەسلى باشقىلاردىن ئېلىنغان بولىدۇ؛ بۇمۇ ئۇلارغا ئەگىشىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم بىر ئىشنى قىلغان بولۇپ، باشقىلارمۇ شۇ ئىشنى قىلغان بولسا، ئەمما ھېچبىرى باشقىسىدىن ئۆگىنىپ قىلمىغان بولسا، بۇنىڭ ئوخشاش بولۇپ-بولماسلىقى توغرىسىدا قاراش بار. لېكىن بەزىدە بۇ ئىش ئوخشاپ قىلىشقا يول ئېچىپ قويماسلىق ئۈچۈن چەكلىنىشى مۇمكىن چۈنكى ئۇنىڭدا مۇخالىپەتچىلىك بار، خۇددى ساقالنى بوياشقا ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىشقا بۇيرۇلغانغا ئوخشاش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاق چاچنى ئۆزگەرتىڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوخشۋالىماڭلار» دېگەن سۆزى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىز نىيەت قىلمىساقمۇ، ھەتتا بىر ئىشنى قىلىشسىزلا، ئاللاھ بىزگە يارىتىپ بەرگەن ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى تاشلاپ قويۇش ئارقىلىقمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ، پەقەت تاسادىپىي ھالدا ئەمەلدىكى ماس كېلىشتىنمۇ كۈچلۈك بىر ئوخشىشىش ھېسابلىنىدۇ .[اقتضاء الصراط المستقيم ناملىق ئەسەر 83-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىلىۋېلىش كېرەككى، ئوخشىۋېلىش نىيەت بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى شەكىل ۋە كۆرۈنۈش بىلەنمۇ بولىدۇ. دېمەك؛ بىر ئادەم كاپىرلارغا خاس بولغان، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىسى ھېسابلىنىدىغان بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ ئادەم ئۇلارغا ئوخشىغان بولىدۇ. ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئوخشىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ياكى مەقسەت قىلمىغان بولسۇن ئوخشاشتۇر.
كۆپلىگەن كىشىلەر ئوخشىۋېلىش پەقەت نىيەت بىلەن بولغاندا بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، بۇ خاتا قاراش؛ چۈنكى ئەسلىدە نەزەردە تۇتۇلغىنى - سىرتقى كۆرۈنۈشتۇر".[فتاوى نور على الدرب ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى].
تۆتىنچى: بىر قىسىم ئالىملار بۇ تەبرىكلەشنىڭ كېيىن پەيدا بولغان بىدئەت ۋە كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
تۆتىنچى: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ھەممىسى "ئانىلار بايرىمى كۈنى" پائالىيتى ئۆتكۈزۈشنى يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ۋە كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىق دېگەنگە دەلىل كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى بىلىش ئۈچۈن10070- ۋە 226504 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى