نېمە ئۈچۈن ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ۋە تامنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئۆلگەنلەر شېھىتلەردىن ھېسابلىنىدۇ؟

سوئال: 226987

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ۋە تامنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئۆلگەنلەرنىڭ شېھىتلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولىدىغانلارغا ئىشارەت قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شېھىتلەر بەش تۈرلۈك بولىدۇ:  ۋابا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان، قورساق ئاغىرقى بىلەن ۋاپات بولغان، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن، تامنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئۆلگەن ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشتا شەھىد بولغانلار». [بۇخارى رىۋايىتى 653 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1914-ھەدىس].

جابىر بىن ئەتىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر قانداق سەۋەپ بىلەن ۋاپات بولغانلارنى شېھىت ھېسابلايسىلەر؟ دېگەندە، ساھابىلار: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: شېھىتلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا شېھىت يەتتە تۈرلۈك بولىدۇ:  ۋابا كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شېھىدتۇر، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر، بېقىنى ئاغرىپ ۋاپات بولغان كىشى شېھىدتۇر، قورساق ئاغىرقى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى شېھىدتۇر، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر، تامنىڭ ئاستىدا قىلىپ ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر، تۇغۇتىدا ۋاپات بولغان ئايال شېھىدتۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى23804 -ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3111-ھەدىس. نىسائىي رىۋايىتى 1846 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.]

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ:  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھالەتتە ۋاپات بولۇش ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى بىلەن شاھادەت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ھالەتتە ۋاپات بولغان بەك دەرت-ئەلىم چېكىپ جان بېرىدۇ".

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شېھىتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان(جىھاد مەيدانىدا) دېيىلمەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە شېھىتلەرنىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئەمما دۇنيادا بولسا يۇيۇپ، كېپەنلىنىپ، نامىزى ئوقۇلۇپ دەپنە قىلىنىدۇ".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android