مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
بىرىنچى :
ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن بەلەن قىلالىسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭدىن
باشقا تىل بىلەن دۇئا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس .
لىكىن ئەگەر نامازخان دۇئانى ئەرەبچە بىلەن قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز
تىلى بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ ، شۇ جەرياندا ئۇ ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىدۇ .
ناماز سىرتىدا ئەرەبچىدىن باشقىسى بىلەن دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچنىمە
بولمايدۇ ، بولۇپمۇ ئۇ نامازخاننى دۇئاسىغا تىخىمۇ دىققىتىنى يىغىدىغان بولسا .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
دۇئانى ئەرەب تىلى بىلەن ، ۋە باشقا تىللار بىلەن قىلىش دۇرۇس . ھەمدە ئاللاھ دۇئا
قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ۋە كۆزلىگىنىنى بىلىدۇ ،مەيلى ئۇ قايسى تىلدا سۆزلىسۇن ، چۈنكى
ئۇ ھەر تۈرلۈك ھاجەتلەرنى ھەر خىل تىللار بىلەن سوراۋاتقان ھەممە ئاۋازلارنى
ئاڭلايدۇ . . .
"مجموع الفتاوى " ( 22 / 488 – 489)
يەنە بۇ 3471- ، 11588- سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا قاراڭ .
ئىككىنچى :
قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان دۇئالار ، ھەتتا ئۇلار سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمىغان بولسىمۇ
ئۇلار بىلەن دۇئا قىلىشتىن توسۇلمايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ۋە توغرا يولنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ دۇئالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىز
قۇرئاندىن بىلدۇق ، شەكسىزكى ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئەڭ پاساھەتلىك ۋە ئەڭ مول مەنىگە
ئىگە دۇئالار .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
كىشىلەر كىتاب ۋە سۈننەت ئىلىپ كەلگەن بەلگىلەنگەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشى لازىم
، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە بەلەنلىكىدە ، ھەمدە ئۇنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىدە
شەك يوق . ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئىماملار بەلگىلەنگەن دۇئالارنى تىلغا ئىلىشتى
، ھەمدە يىڭى دۇئالاردىن يۈز ئۆرىدى ، شۇڭا بىز ئۇنىڭدا ئۇلارغا ئەگىشىشىمىز كىرەك
. "
“مجموع الفتاوى “(1 / 346 و 348)
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .