1,154

نەق پۇلنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاشنىڭ يولى

سوئال: 207972

   مېنىڭ ئون مىڭ رىيال مىقداردا پۇلۇم بار، بۇنىڭغا بىر يىل بولدى، بۇ پۇلغا قانچىلىك مىقداردا زاكات ئايرىيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نەق پۇلنىڭ زاكىتى 2.5% پىرسەنت بولىدۇ.

    نەق پۇلنىڭ زاكىتىنى ھېسابلاشنىڭ يولى: مىڭ رىيالدىن (1000) يىگىرمە بەش(25) رىيال ئايرىلىدۇ، ئون مىڭ رىيالغا(10000) ئىككى يۈز ئەللىك(250) رىيال زاكات كېلىدۇ.

يەنە بىر يول: ئومۇمى مەبلەغنى قىرىققا(40) بۆلسەك چىققان نەتىجە زاكاتنىڭ مىقدارى بولىدۇ.

سىز ئون مىڭ (10000) رىيالنى قىرىققا(40) بۆلسىڭىز ، نەتىجە ئىككى يۈز ئەللىك(250) بولىدۇ، بۇ قولىڭىزدىكى پۇلغا كېلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىدۇر.  بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 2795 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android