بىرىنچى: تۆت مەزھەپ پىقھى ئالىملىرى: سۇ تاپالمىغاندا، سۇ ئىزدەپ بېقىشنى شەرت قىلىش بىلەن سۇنىڭ تىپىلىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغاندا تەيەممۇم قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قانچىلىك مۇساپىگىچە ياكى ئارىلىققىچە بېرىپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ دېگەن ئارىلىقنى بېكىتىشتە پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.
"پىقھى توپلاملىرى" 14-توم 255-256-بەتلەردە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى تەيەممۇم قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن يىراقلىق مۇساپىسىنى بېكىتىشتە پەرقلىق قاراشتا بولدى: ھەنەپى مەزھەپ ئالىملىرى: بىر مىل يەنى تۆت مىڭ قەدەم دەپ بېكىتسە، مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى ئىككى مىل دەپ بېكىتكەن، شاپى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا تۆتمىڭ گەز ئۇ بولسىمۇ: بىر ئوق يېتىم ئارىلىق بولغان "قۇتقۇزۇش مۇساپىسى" بولۇش دېمەكتۇر، بۇ سۇ بارمىكىن دەپ خىيال قىلىپ قالغا ياكى ئويلىنىپ قالغان ياكى شەكلىنىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ، ئەگەر سۇ تاپالمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدىمۇ ھۆكۈم تىنچلىق بولماقلىق بىلەن سۇنى تۆت يۈز قەدەم يېقىندا دەپ ئويلىسا ئۇ ۋاقىتتا سۇنى ئىزدەپ بېقىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يىراق بولسا تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
شاپى مەزھەپ ئالىملىرى سۇنىڭ يوق بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا، سۇ ئىزدىمەستىن تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دەيدۇ، ئەگەر سۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالىسا ئالتە مىڭ قەدەم ئەتراپىدا سۇ ئىزدەپ بېقىش كېرەك بولىدۇ، شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە: سۇ يېقىندا بولسۇن ياكى ئوق يەتكۈدەك يىراقتا بولسۇن پەقەت ئۆزىنى جېنى، مېلىدىن ۋە ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىققا ئىشەنچ قىلالىغاندا سۇ ئىزدەيدۇ، بولمىسا ئىزدىمەيدۇ.
مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى: سۇنىڭ ئىككى مىلدىن يىقىنراق ئارىلىقتا بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلسا ياكى شۇنداق قارىسا، سۇنى ئىزدەپ باقىدۇ. ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا: ئادەتتە ئۇنىڭدىن يىراق مۇساپىدە بولسا سۇنى ئىزدەپ باقىدۇ دەيدۇ.
شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: "سەپەردىكى مۇساپىرنىڭ ئەھۋالى تۆت خىل بولىدۇ:
بىرىنچى: سۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا سۇ ئىزدىمەستىن تەيەممۇم قىلىدۇ.
ئىككىنچى: سۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلسا ياكى گۇمان قىلسا ياكى پەرەز قىلسا، بۇنداق ھالەتتە، تۇرىۋاتقان ئورۇندىن، ئەتراپتىكى ھەمراھلىرىدىن سورايدۇ، تۆت يۈز گەز ياكى بىر ئوق يېتىم ياكى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ چاقىرسا ئاۋازى يېتىدىغان مىقدارىدا ئەتراپنى ئايلىنىپ ئىزدەپ باقىدۇ، ئۇ ۋاقىتتىمۇ سۇ تاپالمىسا تەيەممۇم قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى سۇنى يوقاتتى.
چاقىرسا ئاۋازى يېتىدىغان ئارىلىقنىڭ مۇساپىسى: يەر تۈزۈلىشى ۋە ئەتراپنىڭ ئىگىز-پەس، دۆڭ-چوڭقۇرلىقىغا قارىتا پەرقلىق بولىدۇ.
ئۈچىنچى: سۇنىڭ ئورنىڭ مۇساپىر كىشى ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئوتۇن-چاۋا تېرىپ كېلىدىغان ئارىلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلسە (يۇقىرىدا توۋلىسا ئاۋازى يېتىدىغان ئارىلىقنى ئالتە مىڭ گەز دەپ بېكىتتى) ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىققا ۋە نامازنىڭ ۋاختى چىقىپ كەتمەسلىككە ئىشەنچ قىلالىسا بېرىپ سۇ ئىزدەش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالمىسا، سۇ ئىزدەش ۋاجىپ بولمايدۇ.
تۆتىنجى: سۇ بار قارالغان ئورۇن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇساپىدىن يىراق بولسا، بۇ يىراق مۇساپە دەپ ئاتىلىپ، تەيەممۇم قىلىدۇ، ئورۇن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن سۇنى ئىزدەپ بىقىش ۋاجىپ بولمايدۇ، ئەگەر نامازنىڭ ئاخىرىقى ۋاختىغىچە سۇ تىپىلىشقا ئىشەنچ قىلالىسا، تەيەممۇم قىلىپ نامازنى بۇرۇن ئوقۇغاندىن ئاخىرقى ۋاقىتقىچە ساقلاپ تاھارەت ئىلىپ ئوقۇغان ياخشى، ئەمما سۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلسا ياكى سۇنىڭ كىلىپ قىلىشى گۇمانلىق بولسا ياكى نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاختىغىچە سۇ كىلىشتىن شەكلىنىپ قالسا، بۇنداق ھالەتتە نامازنى دەسلەپكى ۋاختىدا تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇش ياخشى بولىدۇ".
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن "رەۋزەتۇل تالىبىين" 1-توم 93-بەت، "ھاشىيەتىل بۇجەيرىمى" 2-توم 453-454-بەت، "ئەسىننىل مەتالىپ"1-توم 73-بەت ۋە "مۇقەددىمەتۇل ھەزرەمىيە" 46-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇساپىلار پىقھى ئالىملىرىنىڭ پەرقلىق ئىجتىھادلىرىدىن بولغان، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن بولغان مەقسىدى: سۇ يوق بولغاندا سۇ تىپىلىپ قالامدىكىن دېگەن گۇمان بىلەن سۇنىڭ بولماسلىقى، نامازنىڭ ۋاختى چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى مۇساپىرنىڭ سۇنى ئىزدەپ بېقىشى مۇمكىن بولىدىغان دائىرە ئېچىدە بولىشىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەتتۇر.
ناماز ئادا قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ئىشى ئالدى بىلەن سۇ ئىزدەپ بېقىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا تەرجىمىسى: «سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار» [سۈرە نىسا 43-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نۇرغۇن پىقھى ئالىملىرى بۇ ئايەتتىن مۇنداق ھۆكۈم ئالغان: "سۇ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلىش پەقەت سۇنى ئىزدەپ باققاندىن كېيىن بولىدۇ، سۇنى ئىزدەپ بېقىپ تاپالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇلار "ئەلپۇرۇ (شاخچىلار)ناملىق كىتاپتا سۇنى قانداق ئىزدەش ئەھۋالىنى بايان قىلدى". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 2-توم 318-بەت].
ئىككىنچى: سۇ ئۇزۇلۇپ قالسا ۋە بولمىسا، سۇ ئىزدەشتە قىيىنچىلىق ھاسىل بولسا: بۇ بەندىنىڭ ئۈستىدە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان شەرئى تەكلىپلەرگە ئوخشاش كۆتۈرەلمەيدىغان ئاشكارا قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ھالىغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەرئى رۇخسەتنى تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ.
ئەمما بۇنداق ھالەتتىمۇ ئۈستىگە ئالالايدىغان يەڭگىل قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قىيىنچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ سۇ ئىزدەپ بېقىش ۋاجىپ بولىدۇ، تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.
ھاپىز سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قىيىنچىلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1-كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنساندىن ئايرىلمايدىغان قىيىنچىلىق، قىش ۋاقتىدا تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇش، كۈننىڭ ئۇزۇقى ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا روزا تۇتۇش دېگەندەك، ھەج ۋە جىھاد قاتارلىق سەپەرلەردىكى ئىنسان ئاجرىمايدىغان قىيىنچىلىقلار، ھەد-جازا-ئىجرا قىلىنغان كىشىنىڭ ئاغرىقلىرى، پاھىشە خوتۇن رەجمە قىلىنغاندا تەككەن تاش-چالمىلارنىڭ ئاغرىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىبادەتنى چۈشۈرىۋېتىدىغانغا تەسىرى بولمايدۇ.
2-كۆپ ۋاقىتلاردا ئىبادەت ئۇنىڭدىن ئاجراپ كېتىدىغان قىيىنچىلىقلار بىر قانچە دەرىجىدە بولىدۇ:
بىرىنچى: قىيىنچىلىق بەك چوڭ بولسا، جېنىدىن، ئەزالىرىدىن، ئەزالىرىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەنسىرەيدىغان دەرىجىدە بولسا: بۇ ۋاقىتتا كەسكىن يەڭگىللىك ۋە رۇخسەتنى تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى نەپسىنى، ئەزالىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش دېگەن دىنى مەنپەئەتنى تۇرغۇزۇشتۇر، ئىبادەتتە ئۇنى زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى ئىبادەت ئۇنىڭ ئوخشاشلىرىنى يوق قېلىۋېتىشتىن ئالىدۇر.
ئىككىنچى: ئاددى قىيىنچىلىقلار: بارمىقى ئاغرىغان ياكى بېشى ئاغرىغان ياكى مىجەزى ناچارلاشقان ھالەتلەرنىڭ ئىبادەتكە تەسىرى بولمايدۇ، ئېتىبارغىمۇ ئېلىنمايدۇ، بۇنداق ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان ئىشلارنىڭ ئوخشىشىنى يوق قىلىشتىن ئىبادەتنىڭ مەنپەئەتىنى ھاسىل قىلىش ياخشىدۇر.
ئۈچىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرىھال قىيىنچىقلار بولسا، يۇقىرى دەرىجىگە يېقىن بولسا، يەڭگىللەشتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ، ئازراق قىززىپ قالغان ياكى بىر ئاز چېشى ئاغرىپ قالغانغا ئوخشاش تۆۋەن دەرىجىگە يېقىن بولسا، بۇ ھالەتتە يەڭگىللىتىش ۋاجىپ بولمايدۇ.
ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىگە قېتىشتا ئىكىلىنىپ قالغان ئىش توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.
بۇ دەرىجىلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن قائىدە يوق، پەقەت يېقىنلاشتۇرۇش يولى بىلەن بولىدۇ.
شەيخ ئىززىددىن بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ: ئىبادەتتىكى قىيىنچىلىقنى بېكىتىشتە: ھەر بىر ئىبادەتتىكى قىيىنچىلىقنى بېكىتىش كېرەك: ئاشۇ ئىبادەتنى يەڭگىللىتىشتە ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئاددى قىيىنچىلىق بولسا ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش بولسا ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە بولسا رۇخسەتنى بېكىتىش ئەۋلادۇر دېدى". ["ئەلئەشبا ۋەن نەزائىرى" 80-81-بەتلەر].
شەيخۇل ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھارىس(قوغدىغۇچى) سۇ ئىزدەپ كەتسە مالنى ئوغرى ئېلىشتىن ياكى ئېھتىياجلىق بولغان ئىشى بىكار بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە تەيەممۇم قىلىپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئەگەر تاھارەت ئىلىپ ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇش مۇمكىن بولسا بۇ ئىككى نامازنى تەيەممۇم قىلىپ ئايرىم-ئايرىم ئوقۇغاندىن ياخشىدۇر، شۇنىڭدەك باشقا ئۈزۈرلۈك كىشىلەر ئۈچۈنمۇ تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارغىمۇ مۇمكىن بولسا بۇ ئىككى نامازنى تەيەممۇم قىلىپ ئايرىم-ئايرىم ئوقۇغاندىن تاھارەت ئىلىپ بىرگە ئوقۇشى ياخشىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 457-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يىقىن ئەتراپتىن سۇ ئىزدەپ بېقىش ياكى سۇ بار ئورۇنمۇ يېقىنمۇ بۇنى سۈرۈشتۈرۈش ياكى ئەتراپتا قۇدۇق دېگەندەك نەرسىلەر بارمۇ ياكى سۇ بار ئورۇنغا باشلاپ ئاپىرىدىغان كىشى بارمۇ بۇنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. يېقىنلىقنىڭ ئايرىم بىر بەلگىلىمىسى يوق، بۇنى بىلىشتە شۇ جاينىڭ ئۆرپە-ئادىتىگە قارىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆرپە-ئادەتلەرمۇ ئۆزگىرىدۇ، ھازىرقىدەك ماشىنا ۋە باشقا قاتناش ۋاستىلىرى بولغان ئەھۋالدا، ئىلگىرىكى بەك يىراق جايلارمۇ يېقىن بولىدۇ، ئىلگىرىكىدەك تۆگە ىاتارلىق قاتناش ئۇلاغلىرى بولغان ئەھۋالدا ھازىرقى يىقىن جايمۇ يىراق كۆرىنەتتى، يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەش دېگەنلىك ئىزدەس جەريانىدا قىيىنچىلىق بولماسلىق ۋە نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمەسلىك ئاساسىدا بولىدۇ.
سۇ بار ئورۇننى بىلىدىغان كىشىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سۇ ئىزدەش ۋاجىپ بولىدۇ دېگەندە، ئىنسان ئۆزىدە ۋە چۈشكەن ئورنىدا سۇ يوق بولۇپ، ئەتراپنى ياخشى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن يېقىن بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزى سۇ بار ئورۇننى تىپىپ بېرىپ بولالمايدۇ ياكى بارسا ئېزىقىپ كېتىشى ئېنىق، بۇنداق ھالەتتە شۇ يەرنى بىلىدىغان بىر كىشىنى تىپىپ پۇل تەلەپ قىلسا پۇل بېرىپ بولمىسا بىرگە بېرىپ سۇ ئىلىپ تاھارەت ئىلىش كېرەك، ئەگەر چۈشكۈن قىلغان ئورۇندا ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا سۇ بولمىسا ۋە سۇ بار ئورۇننى بىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاپالمىسا، بۇنداق ھالەتتە تەيەممۇم قىلىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 386-بەت].
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "مەن يايلاقتا بولۇپ يېنىمدا ئۆزۈمنىڭ ئېھتىياجىمغا يەتكۈدەك سۇ بولسا، بىر كىلۇ مىتىر ياكى ئۇنىڭدىن يىراقراق جايدا سۇ بولسىمۇ مەن تەيەممۇم قىلسام توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ ناماز ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سۇ بار ئورۇن سىزگە يېقىن ئىكەن، ئۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن سىزگە قىيىنچىلىق ھاسىل بولمايدۇ، بۇ ھالەتتە سۇ ئىزدەپ بولغىچىمۇ نامازنىڭ ۋاختىمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ". ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 4-توم 179-بەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە كۆرە: شەھەردە سۇ بولمىغان، ئۆي ۋە مەسچىتلەردە سۇ توختاپ قالغان ئەھۋالدا، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن سۇ ئىلىپ چېقىش بەك قىيىن بولىدىغان بولسا ياكى ئۇ يەردىن ئالىدىغان سۇ مەلۇم مىقداردا بولۇپ، ئۇ سۇ تۇرمۇش ئىشلىرى، تاھارەت ئىلىش ۋە غۇسلە قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا يېتەرلىك بولمىسا، سىلەر تەيەممۇم قىلساڭلار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].
ئەمما سۇ پەقەت يوق، ھەممە يەردە ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدىن سۇ ئىلىپ چېقىش نورمالدا بۇنداق ئىشلاردا ئىنسانلار ئورتاق دۇچ كىلىدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئوخشاش بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇ يەردىن سۇ ئېلىپ چېقىپ تاھارەت ئېلىش ۋاجىپ بولىدۇ، يەنى تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ،