ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
25/ذو الحجة/1446 , 21/ئىيۇن/2025

مۆمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرىگە قارىتا مەنا ۋە كەيپىيەت جەھەتتىن تۇتقان ئورنى توغرىسىدا

سوئال: 178915

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائەت ئالىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بېكىتمەستىن، شەكىللەندۈرمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن ۋە يوققا چىقارماستىن ئىسپاتلايدۇ، ئۇلار بۇنى ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ:   "ئۈستۈنكلىكى مەلۇم، سۈپىتى ئېنىق ئەمەس"دېگەن مۇنۇ مەشھۇر سۆزىنى دەلىل قىلىپ ئىسپاتلاپ كەيپىيەتنىڭ مەنىسىنى تونۇتىدۇ.

ماڭا ئېنىق بولمىغان بىر مەسىلە:  ئەگەر ھەر قانداق سۈپەت توغرىسىدا بۇ سۆزنى دېسەك، بىزگە:  ئاللاھ تائالا كۈلدى ياكى  ئاللاھنىڭ يۈزى ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياكى ئاللاھنىڭ پۇتى دېگەن سۈپەتلەرنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ دېيىلسە، بىز ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرىۋېتىدىغان(مۇپەۋۋىزە)لاردىن بولماسلىقىمىز ئۈچۈن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا لايىق بولغان ھەقىقى مەنىسىنى بىلىشىمىز لازىم بولمامدۇ؟. بۇ يەردىكى مەسىلە : ئەرەبلەر بۇ سۈپەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلىسا، مەخلۇقاتلاردىن ئۆزلىرى كۆرگەن نەرسىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئىزاھلايدۇ، بىز بۇ مەسىلىدە تېڭىرقاپ قالدۇق، ئەشئەرىلەردىن بولغان بەزى بىدئەتچىلەر بىزنى بۇ مەسىلىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائەت ئالىملىرى ئىزاھلىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىلمىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە سۈپەتلىرىگە ۋە ئۇ سۈپەتلەرنىڭ مەنىسىگە ئىمان كەلتۈرىدۇ، ئۇنىڭ كەيپىيىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ.

ئىبنى ماجىشۇن، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئاللاھ تائالا ئۆزى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن سۈپەتلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەگەر بىلسەك ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە مەنىسىنى بىلىمىز". ["ئەقىل بىلەن نەقىلنىڭ قارىمۇ-قارشىلىقىنى يىراق قىلىش"  1 -توم 115 -بەت. ]

ئەبۇ ھەپسە ئىبنى شاھىيننىڭ ئاتىسى ئەبۇ تەييىب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئەبۇ جەپەر تىرمىزىنىڭ سورۇنىغا بارغاندا ئۇ كىشىدىن ئاللاھ تائالانىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىستىن سوراپ: چۈشۈش قانداق بولىدۇ؟، ئاللاھنىڭ ئۈستىدە ئۈستۈن تەرەپ قالامدۇ؟دېسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: " چۈشۈش ئەقىلگە ئۇيغۇن، قانداق چۈشىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشىنىش ۋاجىپ، بۇ توغرىدا سوئال سوراش بىدئەتتۇر، دېدى".

ئىمام زەھەبى مۇنداق دەيدۇ: "ئۆز زاماندىكى باغداتتىكى كاتتا ئالىم، پەقىھ راست ئېيتىدۇ: چۈشۈشتىن سوئال سوراش ئورۇنسىز، چۈنكى ئەرەب تىلىدا سوئال دېگەن ئاز ئۇچرايدىغان سۆزدىن بولىدۇ، لېكىن: چۈشۈش، سۆزلەش، ئاڭلاش، كۆرۈش، ئىلىم، ئۈستۈنلۈك دېگەن سۆزلەر ئاڭلىغۇچىغا ئېنىق بولغان كاتتا سۆزلەردۇر، ھېچ قانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغان زات، بۇنداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنسە، سۈپەت دېگەن سۈپەتلەنگۈچىگە ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئېنىقسىزدۇر" . [ئەلى ئەلغەپپارنىڭ" ئۈستۈنلۈك" ناملىق ئەسىرى 213 -214-بەتلەر].

ئەبۇ بەكىر ئىسمائىلىي مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئەرشى ئۈستىدە قارار ئالدى، قانداق قارار ئالغانلىقى ياكى قانداق ئۈستۈن بولغانلىقى زىكىر قىلىنمىدى". [ "مەئارىجىل قەبۇل"  1 -توم 198 -بەت].

ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ئەقىدىسى بولسا:  ئۇلار ئاللاھ سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇ سۈپەتنىڭ ھەقىقىتى ۋە لۇغەت بويۇنچە قويۇلۇشىنى بىلدۈرىدىغان مەنالىرىنىمۇ ئىسپاتلايدۇ. ئۇ سۈپەتلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ بىر نەرسىگە ئوخشىتىلمايدىغانلىقى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان بىر نەرسىگىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىش بىلەن ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ۋە ماھىيىتىنى بىلىشنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ.  چۈنكى ئاللاھ تائالا زاتىدىمۇ ۋە سۈپەتلىرىدىمۇ ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.

ئىككىنچى:  سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ:  بىز مۇشۇ سۆزنى دېسەك، بىزگە:  ئاللاھنىڭ كۈلىشى ياكى ئاللاھنىڭ يۈزى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟دېيىلىدۇ دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بىز دەيمىزكى: ئاللاھنىڭ كۈلىشى دېگەن ھەقىقى بولغان مەجاز بولمىغان كۈلۈش بولۇپ،  بۇ سۈپەتنى  بىر نەرسە بىلەن شەكىللەندۈرمەستىن ۋە قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن ئاللاھ تائالانىڭ شەنىگە لايىق بولغان رەۋىشتە ئىسپاتلاشتۇر. سۈپەتنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىسپاتلايمىز، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇنىڭ قانداق كەيپىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز، ھەممە سۈپەتلەردە شۇنداق قىلىمىز.

شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىز سۈپەتنى ئىسپاتلايمىز، ئۇنىڭدىن ئوخشىتىشنى چەكلەيمىز، ئوخشىتىش دېگەن مەخلۇقلارغا خاس بولىدۇ، ۋە شۇنداق دەيمىز:  ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ سۈپەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن ئىسپاتلىدى، بىزمۇ ئۇ سۈپەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشتە چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەستىن ياكى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولمىغان سۆزنى قىلماستىن ئىسپاتلايمىز، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مەخلۇق سۈپىتى مەخلۇقنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدۇ، مەخلۇقنىڭ كۈلىشى بولسا، بىر نەرسىدىن ئەجەپلەنسە، خۇرسەن بولسا ياكى سۆيۈنسە، قاقاھلاپ ئاۋاز چىقىرىش بىلەن بولىدۇ، لېكىن رەببىمىزنىڭ كۈلىشى بولسا ئۆزى خالىغانچە بولىدۇ، بىز ئۇ سۈپەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز".  ["شەيخ جىبرىين پەتىۋالىرى" (96/63).].

ئۈچىنچى: سوئال سورىغۇچىنىڭ: بىز ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرىۋېتىدىغان (مۇپەۋۋىزە) لاردىن بولماسلىقىمىز ئۈچۈن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا لايىق بولغان ھەقىقى مەنىسىنى بىلىشىمىز لازىم بولمامدۇ؟ دېگەن سۆزىنىڭ جاۋابى؛ ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىكى (مۇپەۋۋىزە) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى 138920 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  تاپشۇرۇش دېگەن ئىككى تۈرلۈك مەنىنى بىلدۈرىدۇ:  بىرى:  لەۋزىنى ئىسپاتلاش ۋە لەۋزى ئىپادىلەيدىغان مەنانىمۇ ئىسپاتلاش، ئاندىن ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشتۇر. بۇ توغرا ئىپادىلەشتۇر، بۇ ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

ئىككىنچىسى:  لەۋزىنى ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەستىن ئىسپاتلاش، بۇ باتىلدۇر.

سۈپەتنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە ھەقىقىتىنى ئىسپاتلاش بىلەن سۈپەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش ئارىسىدا پەرق بار.

سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن ئىسپاتلىغان:  ئىككى قول، ئىككى قەدەم، بارماق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قۇرئان، ھەدىستە كەلگەن سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالاغا لايىق بولغان يول بىلەن ئۆزگەرتمەستىن، قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، شەكىللەندۈرمەستىن ۋە بىكار قىلىۋەتمەستىن ئىسپاتلاش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ ماجاز ئەمەس بەلكى ھەقىقى سۈپەتتۇر". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  2 -توم 376 -بەت].

بىز ئۆزىمىز مەنىسىنى بىلىش لازىم بولغان سۈپەتلەرگە ئىشىنىشىمىز ۋە ئىمان كەلتۈرىشىمىز ۋە بىزنىڭ بىلىشىمىز مۇمكىن بولمايدىغان كەيپىيەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىمىز ۋاجىپتۇر. چۈنكى رەببىمىز ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوقتۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەلەپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئالىملاردىن بىر قانچىلىرى سۈپەتلەرنى مۇتلەق قويدى، بۇنىڭدا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى:  سۈپەتلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى ئوخشىتىشنى چەكلەش بىلەن كۆرۈنۈشىگە قويدى. بۇنىڭدىن مەسىلەن: سۆزلەش سۈپەتتە زاتتىكى سۆزنىڭ شاخچىسىدۇر، سۈپەت ئۈلگىسىنىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ئەگەشتۈرىلىدۇ، زاتىنى ئىسپاتلاش ۋۇجۇدنى ئىسپاتلاش بولۇپ، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى-كەيپىيىتىنى-ئىسپاتلاش ئەمەس. شۇنىڭدەك، سۇپەتنى ئىسپاتلاش، ۋۇجۇدنى ئىسپاتلاش بولۇپ، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى-كەيپىيىتىنى-ئىسپاتلاش ئەمەس. بىز شۇنداق دەيمىز: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قول، قۇلاق بار دەيمىز، لېكىن قولنىڭ مەنىسى: قۇدرەت، ئاڭلاشنىڭ مەنىسى:  ئىلىم دېمەيمىز... ھەممە نەرسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆز زاتىغا نىسبەت بەرگەندەك، بۇ سۈپەتلەر ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس زاتىغا نىسبەت بېرىلگەن. ئۇ زاتنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىغا(شانۇ شەۋكىتىگە) لايىق بولغان سۈپەتتۇر. بۇنىڭدىن:  ئىلىم دېگەن بۇنىڭ بىلەن سۈپەتلەنگۈچىنىڭ زاتى سۈپىتىدۇر، بۇ سۈپەتنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرى بار، يۈز دېگەن سۈپەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر... شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ پىېلىمۇ (يەنى ھەرىكىتىمۇ) شۇنداق، يارىتىشنىڭ كائىناتنى يوقتىن پەيدا قىلىپ بار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، گەرچە بىز پەيدا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئوخشىمىسۇمۇ، چۈنكى بىز بىر ئىشنى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا قىلىمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەممە جەھەتتىن ماختالغۇچىدۇر، بىر نەرسىگە ئېھتىياجى بولمايدۇ، زاتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. بىز ئۇنى ئومۇمى تەرەپتىن بىلىمىز، مەخلۇقاتلارنىڭ زاتىدا شەكىللەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ زاتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىلىنمەيدۇ، بۇ سۈپەتلەرنى مۇتلەق بايان قىلغاندا بىزگە نامايەندە بولىدىغىنى مۇشۇلاردۇر. قۇرئان ۋە سۈننەتتە بىزگە بىلدۇرۇلگەن سۈپەتلەرنى مۇشۇ قائىدىگە قارىتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

مۆمىن كىشى مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئەسەرلىرىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىندىن ئىرادە قىلغان ئىشمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلىم بىلەن ھەممە نەرسىنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە زېمىننىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىغا قاتلىنىپ چاڭگىلىدا بولىدۇ. مۆمىنلەر جەننەتتە ياراتقۇچى زاتنىڭ جامالىغا قاراپ ئالاھىدە لەززەتلىنىدۇ. باشقا بارلىق لەززەت ۋە نېمەتلەر بۇ لەززەتنىڭ يېنىدا چۆكۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ رەببى، ياراتقۇچىسى، مەبۇدى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ بىر نەرسىنىڭ كەيپىيىتىنى(قانداق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ، بەلكى ئىنسانلار ئىلمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى مۇشۇنداق:  شەيئىلەرنى بەزى تەرەپتىن بىلىدۇ، ھەممە تەرەپتىن تولۇق بىلىپ بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىمۇ مۇشۇ تۈردىن بولىدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  6 -توم 355 -358 -بەتلەر].

تۆتىنچى: يەنە بىر مەسىلە: سوئال سورىغۇچىنىڭ: ئەرەبلەر بۇ سۈپەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئېزاھلىسا، مەخلۇقاتلاردىن ئۆزلىرى كۆرگەن نەرسىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئىزاھلايدۇ، دېگەن سۆزىگە قارىتا شۇنداق دەيمىز:  ئەرەبلەر مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ مەنىسىنى ئېزاھلىسا، مەخلۇقاتلاردىن ئۆزلىرى كۆرگەن، بىلگەن ۋە تاپقان نەرسىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئىزاھلايدۇ، بۇنى ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، دۇنيادا كۆز بىلەن ئىدراك قىلغىلى بولمايدىغان، ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدىغان، رەببىمىز بولغان ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ كەيپىيىتىگە(قانداق ئىكەنلىكىگە)زىت كەلتۈرۈش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟.

سەلەپلەرنىڭ ئېتىقادى پرىنسىپىگە ئەگەشكەنلەر، ئۇلارنىڭ يولىدىن يۈرگەن ۋە ئېزىدىن ماڭغانلاردىن باشقىلار بىدئەتچىلەرنىڭ شۈبھىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
مۆمىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرىگە قارىتا مەنا ۋە كەيپىيەت جەھەتتىن تۇتقان ئورنى توغرىسىدا - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ