بىرىنچى: جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بار ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلدى، بەزى ئالىملار: بۇنداق ناماز ئادا قىلىشنى ھارام دېدى، يەنە بەزىلىرى: مەكرۇھ-ياخشى كۆرەلمەيدۇ- دېدى.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمە ھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا قاراشتا: سۈرەت، كرېست بەلگىسى ۋە ئىنساننى نامازدىن مەشغۇل قىلىدىغان نەرسە بولغان ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ". ["ئەلمەجمۇ"3-توم 185-بەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەر ۋە ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملاردىن بايان قىلىنغان تېكىستلەردە شۇنداق بايان قىلىنغان: "چېركاۋدا سۈرەت بولسا ئۇ يەردە ناماز ئادا قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى پەرىشتىلەر سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كەبىدىكى بۇتلار ئۈچۈرلۈپ بولغىچە كەبىگە كىرمىگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ: "ئۇلارنىڭ چېركاۋلىرىدا سۈرەت بولىدىكەن بىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز دېگەن. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 162-بەت].
ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىم بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىكلەنگەن سۈرەتكە قاراپ ناماز ئادا قىلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، دېگەنگە تېكىست بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ كاپىرلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىق ھالىتىگە ئوخشاپ قىلىش بولىدۇ، يەنە بىر بۆلۈمدە: سۈرەت ۋە ھەيكەل بولغان تامغا قاراپ ناماز ئادا قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنغانغا ئوخشاش ھالەت تېپىلىدۇ". ["كەشاپۇل قىنا" 1/370-بەت].
دائىمىي كومىتېت ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا سۈرەت بار ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىش بولسا، بۇتقا چوقۇنغانغا ئوخشاپ قىلىشتۇر، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئەكسىنى قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، بىلىشىمىزچە، تاملارغا جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئېسىش بولۇپمۇ چوڭ سۈرەتلەرنى ئېسىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى بۇ ھەددىدىن ئېشىش ۋە شېرىكنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 6-توم 250-251-بەت].
پەتىۋادا: ئابدۇل ئەزىز بىن باز، ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، ئابدۇللاھ غۇدەييان، ۋە ئابدۇللاھ قەئۇد قاتارلىقلار.
كېيىنكى دەۋرىدىكى ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھەپ ئالىمىلرى -ھەنبەلى مەزھەبىنىڭ ئەكسىچە- سۈرەت بولغان ھەر قانداق ئورۇندا ناماز ئادا قىلىشنى چەكلىدى، ھەتتا سۈرەت ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئارقىسىدا بولسىمۇ ياكى يەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ كۆرۈنمەيدىغان بولسىمۇ بۇ يەردە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى.
شافىئىي مەزھىبىدىكى ئالىم شىبرامىسىي مۇنداق دەيدۇ: "سۈرەت بار كىيىمدە، سۈرەت بار ئورۇندا گەرچە سۈرەت زېمىنغا چاپلىشىپ ناماز ئادا قىلغاندا كۆرەلمىسىمۇ، سۈرەت ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسىمۇ، ئۇ كىشى ئەما بولسىمۇ ۋە نامازنى قاراڭغۇدا ئادا قىلغان بولسىمۇ ئوخشاشلا مەكرۇھ بولىدۇ، چەكلەنگەن سۈرەت بار ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك". ["ھاشىيەتى نىھايەتىل مىنھاج"2-توم 14-بەت].
ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىغان دەلىللەرگە كۆرە، سۈرەت ۋە ھەيكەل بولغان ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەنلىك ھېكمىتىنىڭ يوللىرىنى بىلىش ۋە ئۇنى مۇنداق بىر قانچە يوللارغا توپلاش مۇمكىن بولىدۇ:
بىرىنچى يول: سۈرەت بولغان ئۆيگە پەرىشتىلەر كىرمەيدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئېت، سۈرەت ۋە ھەيكەل بولغان ئۆيلەرگە پەرىشتىلەر كىرمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 3225-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2106-ھەدىس].
ناماز ئادا قىلغۇچى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ چۈشىشىنى، ياخشىلىقنىڭ كۆپ بولىشىنى سورايدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرى كىرمەيدىغان ئورۇندا بۇنى قانداقمۇ تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ؟.
ئىككىنچى يول: بۇت پەرەسلەردىن بولغان بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن يىراق بولۇش كېرەك، بەلكى ئىبادەتخانىلىرى-چېركاۋلىرىنى-يالغاننى توقۇپ ۋە بۆھتان قىلىپ ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرەتلىرىگە توشقىزىۋەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ باشقا ئۇممەتلەر ئارىسىدا نۈر چېچىپ تۇرغان ساپ ئەقىدىسىدە قىلىش، مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى توزۇپ كېتىش ۋە سېڭىپ كېتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەن مۇھىم ھۆكۈملەردە غەيري دىندىكىلەرگە ئوخشاپ قىلىشتىن يىراق بولۇش كېرەك.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇممۇ سەلەمە بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئۆزلىرىنىڭ ھەبەشىستاندا كۆرگەن چېركاۋلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىنىڭ سۈرەتكە توشۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياخشى كىشىلەر ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ قەبرىسىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلغان، ئۇ كىشىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئەتراپقا تىكلىۋەتكەن، ئاشۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرىدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى427-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 528-ھەدىس].
ئۈچىنچى يول: ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە غاپىل قىلىدىغان نەرسىلەردىن يىراق بولۇش كېرەك، ئەگەر سۈرەت ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ زېھنى چېچىلىپ، ئەس-ھوشى جايىدا بولمايدۇ، مۇسۇلمان ناماز ئادا قىلغاندا، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە خۇشۇ ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشتە بولىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ بىر دانە پەردىسى بولۇپ ئۇنى ئۆينىڭ بىر تەرىپىگە ئاسقان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ پەردىنى ئېلىۋېتىڭ، ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا كۆزۈمگە كۆرۈنىۋالدى»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى374-ھەدىس]. بۇ ھەدىسنى سۈرەت بار ئورۇنلاردا ناماز ئادا قىلىشنىڭ ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقى توغىرسىدىكى باپتا كەلتۈردى. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 161211-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.