بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ قورالى ۋە ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرەت ئىشلىرىغا ياردەم ئالىدىغان سەۋەپ قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، زېمىن ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الأرْضِ جَمِيعاً تەرجىمىسى: «ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى» [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الأرْضَ ذَلُولاً فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» [سۈرە مۈلۈك 15-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زېمىننىڭ قايسى تەرىپىنى خالىساڭلار شۇ يەرگە سەپەر قىلىڭلار، زېمىننىڭ ھەممە ئەتراپىنى ئايلىنىپ تۈرلۈك كەسىپ ۋە تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىڭلار". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر"8 -توم 179-بەت].
كەسىپ قىلىشقا ۋە زېمىندا سەيرى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۇنىڭ ھەممىسى مال توپلاش ئەمەس بەلكى مالغا ئېرىشىش، ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى ساقلاش، سىلە رەھىم قىلىش، رەببىنىڭ تائىتىگە ياردەم ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مال-دۇنيانىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ئورۇندا مالنى ياخشىلىق دەپ ئاتىدى، بۇ ئايەتلەردىن: كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِنْ تَرَكَ خَيْراً الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالأقْرَبِينَ تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋە خىش ـ ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى» [سۈرە بەقەرە 180-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنَّهُ لِحُبِّ الْخَيْرِ لَشَدِيدٌ تەرجىمىسى: «ئىنسان پۇل ـ مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر» [سۈرە ئادىيات 8-ئايەت].
شۇنى بىلىڭكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھ مالنى روھنىڭ ئاساسى قىلدى، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇنى ئاياللاردىن، بالىلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىن بولغان ئەقىلسىز، نادانلارغا تۇتقۇزۇشتىن چەكلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مالنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «ياخشى كىشىنىڭ ئىلكىدە بولغان ياراملىق مال نېمە دېگەن ياخشى» [ئىمام ئەھمەد سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان].
سەئىد ئىبنى مۇسەييىب مۇنداق دەيدۇ: "ھالالدىن مال جۇغلاشنى مەقسەت قىلمىغان كىشىدە ياخشىلىق بولمايدۇ، ئۇ كىشى ھالال مال بىلەن كىشىلەردىن يۈز-ئابرۇيىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، سىلە رەھىم قىلىدۇ، مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدۇ".
ئەبۇ ئىسھاق سەبۇئىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكىلەر بىھاجەتلىك ۋە كەڭىرچىلىكنى دىنغا ياردەم بېرىدۇ دەپ قارايتتى".
مۇھەممەد ئىبنى مۇنكەدىر مۇنداق دەيدۇ: "بايلىق دېگەن تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر".
سۇپيان ئەسسەۋرى مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە مال بولسا مۆمىننىڭ قورالىدۇر".
يۇسۇپ ئىبنى سۇبات مۇنداق دەيدۇ: "مال دۇنيادا يارىتىلغان زاماندىن تەرتىپ تاكى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەنپەئەتلىك بولمىغان ئېدى، يەنى ھازىرقى دەۋرىدە بەك مەنپەئەتلىك....".
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مالنى بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلدى، بەدەننى مۇھاپىزەت قىلىش بولسا، ئاللاھنى تونۇش، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشنىڭ ئورنى بولغان روھنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر، مال بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
مال-دۇنيانىڭ پايدىلىرىدىن: مال بولسا: ئىبادەت ۋە تائەتنىڭ تۇتقۇسىدۇر، ھەج ۋە جىھادتىن ئىبارەت بولغان ياخشىلىقنىڭ بازىرى مال بىلەن بولىدۇ، ۋاجىپ بولغان ۋە مۇستەھەپ بولغان نەپىقە-خىراجەتمۇ مال بىلەن ھاسىل بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش ئۈچۈن، قۇل ئازاد قىلىش، ۋەخپە قىلىش، مەسچىت بىنا قىلىش، كۆۋرۈك سېلىش، يول ياساش قاتارلىق ئىشلارمۇ مال بىلەن بولىدۇ، نەپلى ئىبادەت بىلەن يالغۇز ياشىغاندىن ئەۋزەل بولغان نىكاھ-توي قىلىش ئىشىمۇ مال بىلەن بولىدۇ، ئېسىللىك ۋە سېخىلىق سۈپەتلىرى مال بىلەن نامايەندە بولىدۇ، يۈز-ئابرۇي مال بىلەن ساقلىنىدۇ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مال بىلەن ۋۇجۇتقا چېقىدۇ، مال ياخشىلارنى ئاللاھ تائالا نېمەت قىلغانلار بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىبارەت ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋېگە يەتكۈزىدۇ، مال جەننەتتىكى ئەڭ يۇقىرى قەۋەتكە ئۆرلەيدىغان پەلەمپەيدۇر، شۇنداقلا ئەڭ تۆۋەن قاتلامغا چۈشۈپ كېتىشنىڭمۇ سەۋەبىدۇر، ئۇلۇغلۇقنىڭ شان-شەرىپىنى تۇرغۇزغۇچىدۇر. بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: " ئى ئاللاھ! مېنى پەقەت بايلىق بىلەن ياراملىق بولىدىغان بەندىلىرىڭنىڭ جۈملىسىدىن قىلغىن"، مال بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىدىن رازى بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە غەزەپ قىلىشىنىڭمۇ سەۋەبىدۇر". ["ئۇددەتۇس سابىرىين" 221-223-بەتلەر].
مال ئۈچۈن بولغان شەرەپلىك غايىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن: پەيغەمبەرلەر ئىشلىگەن، ئەلچىلەر تەر تۆككەن، ھۈنەر-كەسىپ قىلغان، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەر قوي باقتى» دېگەن ئېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىمۇ قوي باقتىلىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، مەنمۇ ئازراق ئىش ھەققىگە مەككە ئەھلىنىڭ قويىنى باققانتىم» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى2143-ھەدىس].
شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىرگە تىجارەتكە بىرگە بارغان، ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ماللىرىدا تىجارەت قىلغان، بۇ سىيرەت كىتاپلىرىدا بايان قىلىنغان.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ياغاچچىلىق قىلاتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى2379- ھەدىس].
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەسپىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُدَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ وَكُنَّا فَاعِلِينَ وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَكُمْ لِتُحْصِنَكُمْ مِنْ بَأْسِكُمْ فَهَلْ أَنْتُمْ شَاكِرُونَ تەرجىمىسى: «جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار» [سۈرە ئەنبىيا 80-ئايەت].
خالىد ئىبنى مەدان مىقدام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆز قولى بىلىن ئىشلەپ يېگەندىنمۇ لەززەتلىك، ياخشى بىر نەرسە يېمىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يەيتتى» [بۇخارى رىۋايىتى 1966-ھەدىس].
داۋۇد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ھەم پادىشاھ ئېدى، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە كاتتا پادىشاھلىق ئاتا قىلغان، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئىشلەپ يەيتتى، تۆمۇردىن ساۋۇت-دۇبۇلغا قاتارلىق ئۇرۇش كېيىملىرىنى تەييار قىلىپ ساتاتتى.
ئىسلام ھالال رىزىق تېپىش ئۈچۈن زېمىندا سەپەر قىلىش پىرىنسىپىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىغان ھەدىستە: «ئوكاز جاھىلىيەت دەۋرىدە تىجارەت مەركىزى بولغان، ئىسلام كەلگەندە ئۇلار ئۇ يەردە تىجارەت قىلىشنى ياقتۇرمىغاندەك قىلغان ئېدى. ئاللاھ تائالا بۇ تۇغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَبْتَغُوا فَضْلاً مِنْ رَبِّكُمْ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 198-ئايەت]. بۇخارى رىۋايىتى1681-ھەدىس.
پىقھى ئالىملىرى ۋە ھەدىس ئالىملىرى بۇ توغرىدا دەلىل بايان قىلدى، ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىدا: "سودا-سېتىق بۆلۈمىدە" تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چېقىش دەپ باپ كەلتۈرۈپ بۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى: فَانْتَشِرُوا فِي الأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ تەرجىمىسى: « ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار» [سۈرە جۈمە 10-ئايەت].
ئاندىن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىسىدا بولغان بۇ ھەدىسنى بايان قىلدى: «بىزنى بازاردا سودا-تىجارەت مەشغۇل قىلىپ قويدى» يەنى: تىجارەتكە چېقىش ئىشلىرى دېمەكچى. [بۇخارى رىۋايىتى1956-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2153-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى مۇنزىر ھاشىيەدە مۇنداق دېگەن: " ئىمام بۇخارىنىڭ مەقسىتى: يىراققا بولسىمۇ تىجارەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، بازارغا ھازىر بولماي، نەدىن كېلىدىكىن دەپ كۈتۈپ ئولتۇرماسلىق". [پەتھۇل بارى 4-توم 349-بەت].
ئىمام بۇخارى يەنە: "دېڭىز ئارقىلىق تىجارەتكە چېقىشنىڭ بابى"، "زەرگەرلىك توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ بابى"، تۆمۈرچىلىك توغرىسىدا سۆزلەرنىڭ بابى"، تىككۈچىلىكنىڭ بابى"، "توقۇمىچىلىقنىڭ بابى"، "ياغاچچىلىقنىڭ بابى"... قاتارلىق باپلارنى كەلتۈرگەن.
ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ باپلار ۋە بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنى كەلتۈرىشى: ئىشلەش، ھۈنەر-كەسىپ قىلىش ۋە تىجارەتنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.
بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئىشلەشكە، ھۈنەر -كەسىپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ دېگەن قاراشلىرى توغرا بولمىغان قاراشلاردىن ئىبارەتتۇر.
نۇرغۇن كىشىلەر ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك ۋە پادىچىلىق قىلىش دېگەندەك بەزى ھۈنەر-كەسىپلەرنى تۆۋەن ئىشلار دەپ ئويلىشى توغرا ئەمەس، مۇشۇ ئىشلارنى، كەسىپلەرنى ئاللاھنىڭ خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ۋە ئەۋزەللىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ قىلغانلىقى بۇ خاتا قاراشنى رەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى: ئىسلام ئىنساننىڭ ئېسىل كەسپلەرنى قىلىشى ۋە گۈزەل خىزمەتلەردە بولىشىغا قارشى تۇرمايدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ تۇرمۇشتا يۇقىرى سەۋىيەدە بولىشى، ھالىنىڭ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن ئىسلام بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بەلكى ئىنساندىن دىنىغا ۋە تائەت-ئىبادىتىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالەتتە ئەڭ گۈزەل ۋە يۇقىرى سەۋىيىدە سۈپەتلىك ياشاشنى تەلەپ قىلدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاجىز مۆمىندىن سۆيۈملۈكتۈر، دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىدۇر» [مۇسلىم رىۋايىتى2664-ھەدىس].
ئىسلام كىشىلەرنىڭ بەزى ئېتىبارسىز كەسىپلەرنى قىلىشنى ياقتۇرمىغان، مۇسۇلمانلارنى ئورنى بولغان ھۈنەر-كەسىپلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان، بۇ توغرىدا ئىبنى مۇھەيسەنە ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئۇنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھىجامە قىلغۇچىغا ياللىنىپ ئىشلەش توغرىسدا رۇخسەت سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىنى ئۇنىڭدىن چەكلىگەن، رۇخسەت قىلىشنى سوراۋەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ پۇلىنى تۆگەڭگە ھەلەپ ئېلىپ بەرگىن ۋە قۇللىرىڭغا يىمەكلىك قىلىپ بەرگىن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3422-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى1277-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار ھىجامە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى، كۆپچىلىك ئالىملار بۇنى ھالال دەپ قاراپ، ھارام ئەمەس بەلكى بۇ تۆۋەن كەسىپ دەپ، ھەدىستە كەلگەن چەكلىمىنى ياخشى كۆرەلمەسلىككە قاراتتى". ["پەتھۇل بارى" 4-توم 459-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ھۈنەر-كەھىپنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن ئۇنى يولغا قويماسلىق لازىم كەلمەيدۇ، تازىلىقچىنىڭ ئەھۋالى ھىجامە قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك ناچار بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر تازىلىقنى تەرك ئەتسە بۇنىڭ زېيىنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بولىدۇ". ["پەتھۇل بارى" 4-توم 324-بەت].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تۆۋەن كەسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى قىلىش ھارام بولمىسىمۇ ياقتۇرمىغان، ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پۇلنى قۇللارغا يىمەكلىك قىلىپ بېرىشكە بۇيرىغان، بۇ، ئۇ كەسىپنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چەكلىمە بولسا ھارام بولماستىن بەلكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ". ["ئەلمۇغنى"6-توم 133-بەت].
بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە: ھىجامە قىلىش، ئەخلەت توپلاش، كېرەكسىز سۇ يوللىرىنى رىمىنۇت قىلىش قاتارلىق بەزى خىزمەت ۋە كەسىپلەرنى ئاتالغۇدا ئېتىبارسىز ياكى تۆۋەن كەسىپ دەپ ئاتاش مۇمكىن بولىدۇ.
بۇ يەردە تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئاگاھلاندۇرىمىز:
1-بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، تۆۋەن كەسىپنى قىلىش ھەرگىز ھارام بولمايدۇ.
2-بۇ كەسىپلەر بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى ياخشى قىلالمايدىغان بەزى كىشىلەرگە مۇناسىپ كېلىشى مۇمكىن، بىكار يۈرگەندىن ۋە كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىگە تەلمۈرۈپ يۈرگەندىن بۇ تۈردىكى خىزمەتلەرنى قىلىش ياخشى بولىدۇ.
3-شەكسىز مۇسۇلمانلار جەمئىيتى مۇشۇنداق خىزمەتلەرگىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ زۆرۈر ئىشتۇر، جەمئىيەتتە بىر قانچە كۈن ئەخلەتنى توپلايدىغانغا ئادەم بولمىسا، بۇ جەمئىيەتتە ياشاش قېيىن بولىدۇ، تۈرلۈك كېسەللىك تارقىلىدۇ، مۇھىت بۇلغىنىدۇ، ئىسلام دۆلەتلىرى كىشىنىڭ بۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىشنى ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى ئۈچۈن، بۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرىشى ۋە مۇكاپاتلاپ تۇرىشى كېرەك.
4-بۇنداق كەسىپلەرنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنى ئەيىپلەش، كۆزگە ئىلماسلىق ۋە ئاھانەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، كۆپ بىلىم ئالمىغان ياكى ئەقلى قابىلىيىتى تۆۋەن بولغان ياكى ئائىلە ئەھۋالى قېيىن بولغان كىشىلەر بۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار ئۆزىنى خار قىلىپ كىشىلەرگە تەلمۈرۈپ قول سوزغان كىشىلەردىن كۆپ ياخشىدۇر".
ئۈچىنچى: ئىسلام دىنى كىشىلەرنى دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن مۇكەممەل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، بۇ ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەقسىم قىلغان نەرسىگە رازى بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بولغان سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىش، ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى بىلەن پەيدا قىلغان سەۋەپلەرنى بىۋاستە قىلىش ۋە ئۇنى تەپەككۇر قىلىش بولسا كۆپ ھالەتتە سەۋەپ بولىدىغان نەرسىگە ئېلىپ بارىدۇ.
ئەمما ئىنسان تەلەپ قىلىدىغان نەرسىنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، يالغانچىلىق قىلىش ياكى پاراخورلۇق قىلىش دېگەندەك ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان سەۋەپنىڭ غەيرى بىلەن تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بۇ دۇنيالىق مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ۋە بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتى بىلەن نەتىجەلەندۈرمەسلىك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئاللاھ تائالا تەقسىم قىلغان نەرسىگە رازى بولماستىن گۇناھ - مەسىيەتكە چۈشكەن بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ مال-دۇنياغا بولسان ھېرىسمەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان كاتتا بىر مىسالنى بايان قىلىپ بەردى. كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ قوي پادىسىنى بۇزىشىدىنمۇ ئىنساننىڭ مالغا ھېرىس بولۇپ ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە شەرىپىنى بۇزىشى كاتتىدۇر». [تىرمىزى رىۋايىتى 2376-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سۈنەن تىرمىزى"دا كەلتۈرگەن].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ دۇيا ھاياتىدا مال دۇنيا ۋە مەنسەپ-ئابرۇيغا ۋە دۇنيا ھاياتىغا بەك ھېرىسمەن بولۇپ كىتىشى شەكسىز زىيانلىقتۇر. بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ قوي پادىسىنى بۇزىشىدىنمۇ ئىنساننىڭ مالغا ھېرىس بولۇپ ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە شەرىپىنى بۇزىشى كاتتىدۇر». [تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مالغا ۋە شەرەپكە، مەنسەپپەرەسلىككە ھېرىس بولۇشنى سۆكۈپ ئۇنىڭ دىننى بۇزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، ئۇنى ئاچ ئىككى بۆرىنىڭ قوي پادىسىنى بۇزۇشنىڭمۇ ئۈستىدە قىلدى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"20-توم 142-بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھالال بولمىغان يولدىن ئېرىشكەن ۋە ئۆز يولىغا سەرىپ قىلىنمىغان، ئىگىسى ئۇنى قۇل قىلغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىگە بولغان، ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى ۋە ئاخىرەت دىيارىدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان، شۇنىڭ بىلەن ساھىبى ماختالمايدىغان مەقسەتكە يەنى بۇزۇق مەقسەتكە يېتىدىغان، ياكى ماختالغۇچى گۈزەل مەقسەتلەردىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان مال-دۇنيا سۆكىلىدۇ، تەنقىتلىنىدۇ، قىلغۇچى تەنقىتلىنىدۇ ۋە سۆكىلىدۇ، قىلىنغۇچى سۆكەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن، تىللانىڭ، چارۋىلار ۋە ماتالارنىڭ قۇلى بەختسىزدۇر» [بۇخارى رىۋايىتى2730 -ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مال-دۇنيانى سۆكمىدى بەلكى ئۇنىڭغا قۇل بولغان ئىنساننى سۆكتى. ["ئۇددىتۇس سابىرىين"221-222-بەتلەر].
ئەمما دۇنياغا بېرىلمەسلىك مال-دۇنيا، مەنسەپ، ئەمەل ۋە يۇقىرى خىزمەت تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
ئاخىرىدا: يۇقىرى دەرىجىلىك، خىزمەت ۋە ئەمەل-مەنسەپ تەلەپ قىلغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى: بۇ مەنسەپ ۋە خىزمەتلەرنى پەقەت ئۆز يولى بىلەن ئېلىپ بۇنىڭدىكى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەمما بۇ مەنسەپلەرگە توغرا بولمىغان يوللار بىلەن ئېرىشسە ياكى ئاللاھتىن قورقمىسا، ياكى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلمىسا، بەلكى بۇنى كىشىلەرگە بېسىم قىلىش، زۇلۇم قىلىش ئۇسۇللىرى ياكى ئۇلارغا چوڭچىللىق قىلىش بىلەن ياكى ھارامدىن توپلىغان مال بىلەن ئالغان بولسا، بۇ مەنسەپ، ئابرۇي، خىزمەت قىيامەت كۈنىدە ئۆز ساھىبىغا بالا-مۇسىبەت بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسى بۇنى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ: «سىلەر دۇنيادا ئەمەل-مەنسەپكە بەك ھېرىس بولىسىلەر، بۇ قىيامەت كۈنىدە سىلەرگە نادامەت بولىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى7148-ھەدىس].
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنى بىرەر ئەمەل-مەنسەپكە قويماملا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولى بىلەن مېنىڭ دولامغا ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن: « ئى ئەبۇ زەر! سەن ئەمەل-مەنسەپ تۇتۇشتىن ئاجىز كېلىسەن، ئەمەل-مەنسەپ دېگەن ئامانەت بولۇپ، ئۇنى ئۆز يولى بىلەن ئېلىپ ئۇنىڭدا ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلغان كىشىلەردىن باشقىلارغا قىيامەت كۈنىدە ھەسرەت، نادامەت ۋە خارلىق بولىدۇ، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى1825-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ئومۇمى كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئەمەل-مەنسەپنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەمەل-مەنسەپتىن يىراق بولۇشى توغرىسىدىكى كاتتا ئاساستۇر، ئەمما ئاخىرەتتىكى خارلىق ۋە نادامەت بولسا بۇ مەنسەپكە لايىق بولمىغان ياكى لايىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئادىللىق قىلمىغان كىشىلەرگە ھەق بولىدۇ، ئۇنداق كىشىنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە خار قىلىدۇ، رەسۋا قىلىدۇ، دۇنيادا قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، نادامەت چېكىدۇ، ئەمما ئەمەل-مەنسەپكە لايىق بولغان، ئۇنىڭدا ئادىللىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن كاتتا پەزىلەت-ئارتۇقچىلىق بولىدۇ. بۇ سەھىھ ھەدىسلەردە ئوچۇق بايان قىلىنغان: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسىدا سايىدىتىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرىمۇ ئادىللىق قىلغۇچىدۇر» ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ھەدىسلەر بار. مۇسۇلمانلارمۇ بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭدىن كېلىدىغان خەتەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان، ئۆلىمالارمۇ ھەزەر قىلغان، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىك ئەمەل-مەنسەپتىن يىراق بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋېر قىلغان".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.