11

ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ زىددى بولغان باتىل ئەقىدە مەسىلىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئېنىقلىما

سوئال: 108579

ساغلام ئېتىقاد قايسى؟، شۇنداقلا، بەزى باتىل ئېتىقادلار نېمىلەردىن ئېبارەت؟ ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

1-قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئېلىنغان شەرئى دەلىللەردىن مەلۇم بولدىكى: ھەقىقەتەن سۆز ۋە ئەمەللەر توغرا ئەقىدىدىن سادىر بولغان بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەگەر ئەقىدە-ئېتىقاد توغرا بولمىسا، ئۇنىڭدىن شاخلىنىپ چىققان سۆز-ھەرىكەتلەر بىكار-باتىل – بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَكْفُرْ بِالإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ تەرجىمىسى: «كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلنى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ» [سۈرە مائىدە 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ تەرجىمىسى: «ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ۋەھىي قىلىندى» [سۈرە زۈمەر 65-ئايەت].

2--قۇرئان كەرىمنىڭ ئېنىق ئايەتلىرى، ئۆز رەببى تەرىپىدىن ئەڭ ئېسىل شەكىلدە ھۆرمەت ۋە ئىززەتلەنگەن، ئىشەنچىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ساغلام ئەقىدىنىڭ تۆۋەندىكىچە خۇلاسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدا: ئاللاھقا ئىشىنىش، پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش، كىتابلارغا ئىشىنىش، ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنى ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى-يامان بولىشىغا ئىشىنىش قاتارلىقلاردۇر. مانا بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالتە ئىش بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن كىتاپ نازىل قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتىلگەن سەھىھ ئەقىدىنىڭ ئۇسۇلى ۋە يىلتىزىدۇر. بۇ ئالتە ئاساس توغرىسىدا قۇرئاندا ۋە ھەدىسلەردە كۆپ دەلىللەر كەلگەن. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندە بايان قىلغان ئايىتىمۇ مۇشۇنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَـكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلآئِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش قاتارلىقلار ياخشى ئەمەللەردىندۇر» [سۈرە بەقەرە 177-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ تەرجىمىسى : «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى» [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ آمِنُواْ بِاللّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِيَ أَنزَلَ مِن قَبْلُ وَمَن يَكْفُرْ بِاللّهِ وَمَلاَئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلاَلاً بَعِيداً تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە نىسا 136-ئايەت].

ئەمما بۇ ئۇسۇل توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر بەك كۆپ بولۇپ، ئۇ  ھەدىسلەردىن: ئىمام مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان مەشھۇر بولغان سەھىھ ھەدىسنى كەلتۈرگەن: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىمان توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەبرائىل ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن:  سېنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشىڭ، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىشىڭ، ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىغا ئىشىنىشىڭ، ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە ئىشىنىشىڭ، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشىغا ئىشىنىشىڭدىن ئىبارەتتۇر». بۇ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ۋە بۇخارى ۋە مۇسلىم كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستۇر.

مۇشۇ ئىماننىڭ ئاساسىدىن ئاللاھ تائالانى ھەق دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا غەيبى ئىشلارغا ئىشىنىش ۋە مۇسۇلمانغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپ بولغان بارلىق شاخچە مەسىلىلەرگە  ئىشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

3-ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەنلىك: ئاللاھ تائالانى ئىبادەتكە لايىق بولغان ھەق ئىلاھ دەپ، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچىنىڭ بەندىسى، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خەير-ئېھسان قىلغۇچى، ئۇلارغا رىزىق ئاتا قىلغۇچى، ئاشكارا -ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلگۈچى، ئىتائەت قىلغانلارغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىشكە، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا قادىر، ئاللاھ تائالا ئىنسان بىلەن جىننى مۇشۇ ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان دېگەننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

مۇشۇ ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتى: بەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىبادەتلىرىدە: دۇئادا، قورقۇشتا، ئۈمىد قىلىشتا، ناماز، روزا، قۇربانلىق، نەزىر، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدە، ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇش يولىغا ئاساسەن، ئۇنى مۇكەممەل سۈپەتتە ياخشى كۆرمەكلىك بىلەن، ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئاللاھ تائالانى  يەككە-يىگانە ۋە بىر دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا بويسۇنۇشتۇر.

ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشتىن يەنە: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەرز قىلغان ۋە ۋاجىپ قىلغان ئىسلامدىكى بەش ئاساس قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ شاھادەت كەلتۈرۈش، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، ۋاجىپ بولغان زاكاتنى بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، يولغا قادىر بولغان كىشىنىڭ بەيتۇللاھغا بېرىپ ھەج قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرىئەت ئىلىپ كەلگەن بارلىق پەرزلەرگە ئىشىنىشتۇر.

بۇ ئاساسلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە كاتتا بولغىنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ شاھادەت كەلتۈرۈشتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، دەپ شاھادەت كەلتۈرۈش ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلىش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىن نەپى قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇ بولسىمۇ لائىلاھە ئىلەللاھ دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى بولسا:  ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىۋاتقان ئىنساندىن بولسۇن ياكى پەرىشتىدىن بولسۇن ياكى جىندىن ياكى ئۇنىڭ غەيرىدىن بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتىل، مەبۇد-چوقۇنۇلغۇچىلاردۇر، ھەقىقى مەبۇد بولسا ئۇ يالغۇز بىر ئاللاھدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ذَلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ تەرجىمىسى: «بۇ قۇدرەت شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى(يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر» [سۈرە ھەج 62 -ئايەت].

ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشتىن يەنە: ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلگەن گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىگە، ئۇنى ھېچ ئۆزگەرتمەستىن، بىكار قىلىۋەتمەستىن، كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن ئىشىنىشتۇر، بەلكى بۇ ئىسىم-سۈپەتلەر قۇرئان ھەدىستە قانداق كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆزگەرتمەستىن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان كاتتىلىق مەنىلىرى بىلەن ئىپادىلەپ شۇ بويۇنچە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالانى ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرىدە ئۆز خەلقىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بولغان بىرەر سۈپەتكە ئوخشاتماستىن، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق يول بىلەن سۈپەتلەش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ البَصِيرُ﴾‏  تەرجىمىسى: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر» [سۈرە شۇرا 11 -ئايەت. ]

4-پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش بولسا:  ئۇلارغا ئومۇمى تەرەپتىين ۋە تەپسىلى تەرەپتىن ئىشىنىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنى پەقەت ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ئىززەتلىك-ئىكراملىق بەندىلەر دەپ سۈپەتلىگەنلىكىگە، ھېچ بىر ئالدىراپ ئالدىدا سۆز قىلمايدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَى وَهُم مِّنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ».[سۈرە ئەنبىيا 28 -ئايەت.]

پەرىشتىلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا، بەزىلىرى جەننەتنىڭ، بەزىلىرى دوزاخنىڭ ئېشىكلىرىگە مۇئەككەل قىلىنغان، بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسمىنى ئاتىغان پەرىشتىلەرگە تەپسىلى يول بىلەن ئىشىنىمىز، ئۇلاردىن: جەبرائىل، مىيكائىيل، مالىك(جەننەتنىڭ ئىشىك باقارى) خازىن(دوزاخنىڭ ئىشىك باقارى، سۈرنى پۈۋلەشكە مۇئەككەل قىلىنغان ئىسراپىل قاتارلىقلارغا ئىشىنىمىز، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوت ئۇچقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەندەك توپىدىن يارىتىلغان». [مۇسلىم رىۋايىتى].

5-كىتابلارغا ئىشىنىش: ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابلىرىغا ئومۇمى تەرەپتىن ئىشىنىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق». [سۈرە ھەدىد 25 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئىسمىنى ئاتىغان:  تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان كەرىم قاتارلىق كىتابلارغا تەپسىلى يول بىلەن ئىشىنىمىز.

قۇرئان كەرىم بولسا ئۇ كىتابلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە تۈگەنچىسىدۇر، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىدۇر، ئۇنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، بارلىق مىللەتلەرگە قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ بولغان ھەدىسلىرىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ بىلەنمۇ ھۆكۈم قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.  چۈنكى ئاللاھ تائالا  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئاللاھ تائالا بۇ قۇرئان كەرىمنى ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا شىپا قىلىپ، ھەممە نەرسىنى بايان قىلىپ، مۆمىنلەرگە رەھمەت قىلىپ نازىل قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهَـذَا كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ وَاتَّقُواْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ تەرجىمىسى: «بۇ بىز نازىل قىلغان(قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار». [سۈرە ئەنئام 155 -ئايەت].

6-پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشتىن: بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئومۇمى تەرەپتىن تەپسىلى تەرەپتىن ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، بىز ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە ئۇلارغا جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بېرىش، دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش، ھەقكە دەۋەت قىلىش، ئىجابەت قىلغان كىشىنىڭ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ خار بولۇپ، ھەسرەت-نادامەت چېكىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى بۇ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولاً أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ وَاجْتَنِبُواْ الطَّاغُوتَ  تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە:  ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن(يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق». [سۈرە نەھل 36 -ئايەت].

بىز ئۇلاردىن ئاللاھ تائالا ئىسمىنى ئاتىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسمىنى ئاتىغانلارغا شۇ بويۇنچە ئىشىنىمىز. مەسىلەن: نۇھ، سالىھ، ئىبراھىم ۋە باشقىلارغا ئىشىنىمىز، ئۇلارغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش.  ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ قاتارىغا ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنشىمۇ كېرىدۇ، مەسىلەن: قەبىردە بولىدىغان ئىشلار، قەبىرنىڭ ئازابى ۋە نېمەتلىرى، قىيامەت كۈنىدە بولىدىغان دەھشەتلىك ئەھۋاللار، قىيىنچىلىق، سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش، ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىشى، ھېساب، جازا-مۇكاپات، كىشىلەرگە ئەمەل سەھىپىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى، بەزىلىرىنىڭ ئو قولىغا يەنە بەزىلىرىنىڭ سول قولىغا بېرىلىشى ياكى كەينى تەرەپتىن بېرىلىشى قاتارلىقلار. يەنە:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە كېلىدىغانلىقىمىزغا، جەننەت ۋە دوزاخقا، مۆمىنلەرنىڭ رەببىنى كۆرىدىغانلىقىغا، رەببىنىڭ ئۇلارغا سۆز قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا ئاخىرەتكە ئالاقىدار قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش ۋە بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن يولغا كۆرە تەستىقلاش ۋاجىپ بولىدۇ.

8-تەقدىرگە ئىشىنىش، ئەمما تەقدىرگە ئىشىنىش دېگەن تۆۋەندىكى تۆت نەرسىگە ئىشىنىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ: بىلىش، يېزىش، يارىتىش ۋە خالاش قاتارلىقلار.  بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن34732- 49004 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

9-ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىشىڭ قاتارىغا:  ئىماننىڭ سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە، تائەت بىلەن زىيادە بولىدىغان، خاتالىق بىلەن ناقىس بولىدىغانلىقى ئىشىنىش، مۇسۇلمانلاردىن ھېچ بىرىنى زىنا، ئوغۇرلۇق، جازانە يېيىش، مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئېچىش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش قاتارلىق شېرىكتىن تۆۋەن چوڭ گۇناھلار قىلغان سەۋەبىدىن ئەگەر ئۇ گۇناھلارنى ھالال دەپلا قىلمىغان بولسا كاپىر ياكى مۇشرىك دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ». [سۈرە نىسا   48 -ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇتەۋاتىر شەكىلدە بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە:  ئاللاھ تائالانىڭ دىلىدا زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىنى دوزاختىن چىقىرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

10-ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ جۈملىسىدىن:  ئاللاھ توغرىسىدا ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ توغرىسىدا ئۆچ كۆرۈش،  ئاللاھ توغرىسىدا دوست تۇتۇش، ئاللاھ توغرىسىدا دۈشمەن تۇتۇش، مۆمىن مۆمىننى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇش، كاپىرنى ئۆچ كۆرۈش ۋە دۈشمەن تۇتۇش، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بار، ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەت كىشىلىرى ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ دەۋرىمدە ياشىغانلار، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا زامانداش بولغانلار» دېگەن بۇ ھەدىسگە كۆرە، بارلىق پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى:  ئەبۇ بەكىر سىددىق، ئاندىن ئۆمەر پارۇق، ئاندىن ئوسمان زىننۇرەين، ئاندىن ئەلى دەپ،-ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن- ئاندىن ئۇلار بىلەن بىرگە جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە، ئاندىن قالغان ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ساھابىلار ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئىشلاردىن تىلىنى ساقلايدۇ، ئۇلارنى بۇ ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلغۇچى دەپ قارايدۇ، بۇنىڭغا توغرا قىلغانلارغا قوش ئەجىر، خاتا كەتكەنلەرگە بىر ئەجىر بار دەپ قارايدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمەتلىرىدىن مۆمىن بولغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ، دوست تۇتىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى بولغان ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۆچ كۆرىدىغان، دەشنام قىلىدىغان، تىللايدىغان، ئۇلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالا مۇئەييەنلەشتۇرگەن مەرتىۋېسىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن راپىزى-شىئەلەردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، ئۇلارغا ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ناسىبىيە يولىدىكىلەردىنمۇ ئادا-جۇدادۇر.

11- يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇ ئۇتۇق قازانغۇچى جامائەتنىڭ ۋە ئەھلى سۈننەت ۋە جامائەتنىڭ ئەقىدىسىدۇر. ئۇلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر جامائەت دائىم ھەقنىڭ ئۈستىدە غەلىبە قىلغۇچى بولىدۇ، ئاللاھ بۇيرۇقى بولغان ئۆلۈم ياكى قىيامەت كەلگۈچە ئۇلارنى خار قىلماقچى بولغانلار ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ».

يەنە بىر ھەدىستە:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يەھۇدىيلار يەتمىش بىر گۇرۇھقا ئايرىلىدۇ، خرىستىئانلار يەتمىش ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلىدۇ، بۇ ئۈممەت يەتمىش ئۈچ گۇرۇھقا ئايرىلىدۇ، ئۇلاردىن: بىر پىرقىىدىن باشقىسى ھەممىسى دوزاختا» دېگەن ئىدى، ساھابىلار:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  ئۇلار كىم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا بولغان كىشىلەر دېدى». ئۇ بولسا سىزنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشىڭىز چېڭ ئېسىلىشىڭىز ۋاجىپ بولغان، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىنغان ساغلام ئەقىدەدۇر.

12-ئەمما بۇ ساغلام ئەقىدىدىن چەتنەپ كەتكەن، بۇنىڭ زىددىدا يۈرگەنلەرنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولۇپ،  ئۇلاردىن :بۇت-ھەيكەلگە، پەرىشتىلەرگە، ئەۋلىيالارغا، جىنلارغا، دەرەخلەرگە، تۈرلۈك تاشلارغا، باتىل مۇرشىد ۋە پىرلارغا، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگىمۇ چوقۇنىدىغانلار بولىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، دۈشمەنلىك قىلىدۇ، بۇ خۇددى قۇرەيشلىكلەر ۋە باشقا ئەرەب مۈشرىكلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك قىلغاندەك، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەبۇدلىرىدىن ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ بېرىشىنى سورايتتى، كېسەللىكىگە شىپالىق، دۈشمەنگە قارشى ياردەم تىلەيتتى، ئۇلارغا ئاتاپ مال بوغۇزلايتتى، نەزىر-چىراق قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئىبادەتنى پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلىشقا بۇيرىغان ۋاقىتتا بۇ ئىشنى يات كۆردى ۋە ئىنكار قىلدى ۋە بۇ ئايەتنى ئوقۇغان: أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَهاً وَاحِداً إِنَّ هَذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ تەرجىمىسى: «ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش». [ساد سۈرىسى 5 -ئايەت].

نۇرغۇن كىشىلەرگە نادانلىق غالىپ كەلدى، كۆپچىلىك كىشىلەر جاھىلىيەت دىنىغا قايتتى، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەۋلىيالار ھەققىدە قىلغان دۇئالىرىدا ، ياردەم تېلەشتە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلاردا تۈرلۈك شېرىكلەرگە چۈشۈپ قالدى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەرەب كاپىرلىرى بىلگەندەك بىلمىدى، كىشىلەرنىڭ نادانلىقى ۋە پەيغەمبەرلىك زامانىدىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا شېرىك ئەمەللەر مۇشۇ دەۋرىمىزگىچە ئۇلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

13-ساغلام ئەقىدىلەرنىڭ زىتتىدىكى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن توغرا دىنغا مۇۋاپىق بولمىغان پىكرى ئەقىدىلەردىن: مۇشۇ دەۋرىدىكى ماركىس ۋە لېنىننىڭ تەرەپدارلىرى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ غەيرىدىكى ئىلاھسىزلىق ۋە كۇپىرغا چاقىرىۋاتقان دىنسىزلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان  نەرسە، مەيلى سوتسىيالىزم بولسۇن ياكى كومۇنىزم بولسۇن ياكى تېرىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملاردىكىلىرى بولسۇن ، ئاشۇ دىنسىزلارنىڭ ئۇسۇلىدىن:  ئاللاھ يوق ۋە ھايات بىر ماددىدىن ئىبارەت دېمەكتۇر. ئۇلارنىڭ پرىنسىپىدىن يەنە:  قىيامەتنى ئىنكار قىلىش، جەننەت ۋە دوزاخنى ئىنكار قىلىش، دىنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىغا نەزەر سالغاندا كىتاپلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى شۇنىڭدىن ئۆگەنگەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، شۈبھىسىزكى بۇ بارلىق ساماۋى ئەقىدىلەرگە زىدتۇر، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى دۇنيا-ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە ئىلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.

14-ھەق ئېتىقادقا زىت بولغان ئەقىدىلەردىن: بەزى باتىنىيە پىرقىسىنىڭ ئەقىدىسى، ئۆزلىرىنى ئەقتاب، ئەۋتاد ۋە ئەغۋاس دەپ ئاتايدىغان، ئالەملەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەدبىر قىلىشتا ئاللاھ تائالاغا شېرىك بولىدىغان ئەۋلىيالار دەپ ئاتايدىغان بەزى سوپىلارنىڭ ئەقىدىسى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئىلاھلىرى ئۈچۈن تاللىغان ئىسىملىرى، بۇلار رەبلىك جەھەتتىكى ئەڭ قەبىھ شېرىك ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئەرەبلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى شېرىكلىكىدىنمۇ بەتتەردۇر، چۈنكى ئەرەب كاپىرلىرى رەبلىك سۈپەتكە بىر نەرسىنى شېرىك قىلمايتتى، ئۇلار پەقەت ئىبادەتكە شېرىك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى باياشات ھالىتىدە بولاتتى، ئەمما قاتتىق قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە بولسا ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلاتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار بەرگەن نېمىتىمىز (يەنى دېڭىزدىن ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا ـ قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، توساتتىن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ ». [سۈرە ئەنكەبۇت 65 -ئايەت.]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ تەرجىمىسى: « ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم ئاللاھ دەيدۇ». [سۈرە زۇخرۇپ 87 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ والأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيَّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللّهُ فَقُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ زېمىندىن گىياھ ئۈندۈرۈپ كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟، ئۇلار بۇلارغا جاۋابەن: ئاللاھ ، دەيدۇ.  ئېيتقىنكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمامسىلەر». [سۈرە يۈنۈس 31 -ئايەت].

بۇ مەنىدە كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.

15-ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرى بابىدىن ساغلام ئەقىدىگە زىت بولغان ئەقىدىلەردىن: جەھمىيە، مۆتەزىلە ۋە ئاللاھ سۈپەتلىرىنى رەت قىلىشتا، مۇكەممەل سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىشتا، ئاللاھ تائالانى كائىناتتا بولمىغان، ياكى جانسىز، ئەقىلگە زىت بولغان نەرسىلەر بىلەن سۈپەتلەشتە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان بىدئەتچىلەرنىڭ ئەقىدىسى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئالىدۇر ۋە كاتتىدۇر.

ئەشئەرىلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بەزىسىنى ئىسپاتلاپ، بەزىسىنى رەت قىلغانلارمۇ بۇنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ دەلىلىنى تەۋىل قىلىپ ئىسپاتلاشتىن قاچقان سۈپەتلەرنىڭ ئوخشىشىدىن بولغان سۈپەتلەرنى ئىسپاتلاش لازىم كېلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىلى بىلەن ئەقلى دەلىلگە خىلاپلىق قىلدى، ئوپئوچۇق قارمۇ-قارشى ئىش قىلدى. "شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ" ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ زىتتى" ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android