921

يېرىم يالىڭاچلىق تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ئەمەس

سوئال: 103755

يېرىم يالىڭاچلىق تاھارەتنى بۇزامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمان ئايال شەرئى ھىجابنى لازىم تۇتۇشى، يات ئەرلەرگە زىنەتلىرىنى ئاشكارا قىلماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ  تەرجىمىسى: «تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا)زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، دىنداش ئاياللاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن»  [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 21134-، 21536- ۋە 11774- نۇمورلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا قىز-خانىملارنىڭ ھېجابلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەر تەپسىلى بايان قىلىندى.

    تاھارەت ئالغان ئايال يېرىم يالىڭاچ كيىنگەن بولسا، تاھارىتى توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاھارىتى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن يېرىم يالىڭاچ كېيىنىش بىلەن ھارام ئىشنى سادىر قىلغان بولىدۇ. تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللارنىڭ تەپسىلاتى 14321 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android