جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوغۇل دوستى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ بىر ياش بىلەن پەقەت ئېنتىرنىت ئۇچۇر ئالاقەم بار، مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان بۇ ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋېتىشنى خالايمەن، لېكىن بۇنى قىلالمايمەن، مەلۇم مەزگىل ئۈزۈسەممۇ ئاندىن يەنە ئالاقە قىلىمەن، سىلەردىن ماڭا مۇشۇ ئالاقىنىڭ ئۆزۈمدىن ئىلگىرى دىنىمغا قانداق زىيانلارنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقى تەلىم بېرىشىڭلارنى خالايمەن، سىلەر بۇ ئالاقىنى تەرەققى قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، مەن ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشىنىمەن، مەن ئۇ ياش بىلەن تىلېفۇندىمۇ سۆزلەشمەيمەن ۋە يۈز تۇرانىمۇ ئۇچراشمايمەن، مەن قانداق قىلغاندا نەپسىمدىن غالىپ كېلىمەن؟، بۇ ئالاقىنى تەرك قىلىشتا مېنى قانائەتلەندۈرگۈدەك بىر سەۋەبنى خالايمەن، ئۇنى تەرك قىلىش باسقۇچلىرىدا قانداق تەرك قىلىمەن؟ بۇ توغرىدا تەپسىلى جاۋاپنى خالايمەن، كېيىن ئۇ ياشنىڭ ئايالى بار ئىكەنلىكىنى بىلدىم؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىزنىڭ بۇ ياش بىلەن بولغان ئالاقىنى كەسكىن ئۈزىدىغانلىقىڭىز، بىزنى خۇرسەن قىلدى، ئاللاھ تائالادىن سىزنى شۇ ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز، بۇ ئالاقىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ھېچ كىشى ئېككىلەنمەيدۇ، بۇنىڭدا شۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىنى تۇيغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، بۇ ئىشنى كىشىلەردىن مەخپى تۇتىدۇ، كىشىلەر ئالدىدا ئېلان قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئۆزى بۇ ئىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتە كۇپايە قىلىدۇ.

    ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: گۇناھ دېگەن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ خەۋەر تېپىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئىشتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 2553-ھەدىس]

بۇ چەكلەنگەن ئالاقىنىڭ بىرقانچە يامانلىق تەرىپى بار:

   -بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ھارام بولۇپ، بۇنىڭ دىلغا كۆرسىتىدىغان بۇزۇقچلىقىنىڭ تەسىرى بەك چوڭ بولىدۇ، ئاستا-ئاستا دىلىنى قارىدىتىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھنىڭ ھەممىسى دىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    -ئەگەر بۇنىڭغا ئوخشاش خاتا ئالاقە ئاشكارا بولسا بۇ قىزنىڭ ئابرۇيىغا يامان تەسىر بېرىدۇ، ئۇ قىزنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ قىزنىڭ پەقەت مۇشۇ خاتالىقىنىلا زىكىر قىلشىدۇ، سىز بىلىسىزكى، ئەگەر بۇ قىزچاقنىڭ بۇ ئىشى مەشھۇر بولسا، كىشلەرنىڭ بۇ قىزغا بولغان مۇئامىلىسى قانداق بولىدۇ؟، ئۇنىڭ تارتىدىغان زىيىنى قانچىلىك بولىدۇ؟.

    -بۇ ئۇچۇر ئالاقىسى داۋاملاشسا ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ۋە چوڭ بولغان چەكلەنگەن ئشلارغا ئىلىپ بارىدۇ، كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ، ھەيران قالارلىقى ھەقىقەتەن ھەرقانداق ئولجىلار: مەن ئۆزۈمگە ۋە ئاشىقىمغا بەك ئىشىنىمەن، بىز باشقا قىز-يېگىتلەرگە ئوخشىمايمىز دەيدۇ، بۇنداق ھېكايىلەر بەك كۆپ تۈگىمەيدۇ، ئەپسۇس بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدىغانلار بەك ئاز، بىزنىڭ تور بەتكە مۇشۇ تۈردىكى مەسىلىلەردىن ئون نەچچىسى يوللاندى، لېكىن ھەممىسى زىيان تارتقاندىن كېيىن بولدى.

   نەپسىڭىزنى تىزدىن بۇ ئىشتىن چەكلەڭ، بىز سىزنىڭ ھالاكەت تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈۋاتىمىز، سىز بۇنى ھېس قىلمايۋاتىسىز، بەزى ۋاقىتتا سىزدىن باشقىلار ھالاكەتكە تىزراق كېتىشى مۇمكىن، بىز ئۆزىمىزنىڭ قىزلىرىمىز ۋە ھەمشىرىلىرىمىزدىن ئەنسىرىگەندەك سىزدىنمۇ بەك ئەنسىرەيمىز.

ئىش بۇ چەكلەنگەن ئالاقىنى تەدرىجى تەرك قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، بەلكى بۇ شەيتاننىڭ ھىلە-مىكرى بولىشى مۇمكىن. مۆئمىن ئەر-ئاياللار بۇ ئىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى قاچان بىلسە، ئۇلارغا پەقەت بۇنى تەرك قىلىشتىن باشقا يول بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْراً أَنْ يَكُونَ لَهُمْ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلالاً مُبِيناً  تەرجىمىسى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:   إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَنْ يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَأُوْلَئِكَ هُمْ الْمُفْلِحُونَ * وَمَنْ يُطِعْ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقِيهِ فَأُوْلَئِكَ هُمْ الْفَائِزُونَ   تەرجىمسى: «(پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر،ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر. [سۈرە نۇر 51-52-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالادىن سىزنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى ۋە تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز.

    سىز بۇ ياشنى توي قىلغان ئىكەن دېدىڭىز، سىز مۇشۇ ئالاقە بىلەن ئۇنىڭ ئايالى بولغان دىنى قېرىندىشىڭىزغا زۇلۇم قىپسىز، شەكسىزكى، ئۇ ياش سىزگە ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن، چىرايلىق سۆزلىرىدىن ۋە مېھرى-مۇھەببىتىدىن مەلۇم نەرسىلەرنى سىزگە بغىشلايدۇ، ئەسلىدە بۇنىڭغا سىزدىنمۇ ئۇنىڭ ئايالى بەك لايىق ئىدى، سىز ئۇ ئايالنىڭ ھەققىنى بۇلىۋالغان بولدىڭىز.

    بەلكى سز بۇ ئالاقە ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ۋە بالىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى بۇزۇشقا سەۋەپ بولغان بولىسىز.

   سىز ئويلىنىپ بېقىڭ، ئەگەر بۇ يىگىت سىزنىڭ يولدىشىڭىز بولغان بولسا، سىز يولدىشىڭىزنىڭ باشقا بىر قىز بىلەن مۇشۇنداق ئالاقىلەرنى قىلىپ يۈرۈشىگە رازى بولامسىز؟.

    ئەگەر بۇنىڭغا رازى بولمىسىڭىز، نېمە ئۈچۈن دىنى قېرىندىشىڭىزغا شۇنداق قىلىشقا رازى بولدىڭىز؟.

     سىز بۇ ئالاقىنى ئۈزۈشكە ئالدىراڭ، ئۆزىڭىزنى پايدىلىق ئىشلارغا مەشغۇل قىلىڭ، بەلكىم سىز مۇشۇ چەكلەنگەن ئالاقە سەۋەبىدىن ياخشى ئەمەللەرنىڭ ياكى بەزى ئەمەللەرنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن.

    نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇڭ، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، ئاللاھ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا كۆپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاللاھغا ئىلتىجا قىلىشنىڭ لەززىتىنى تېتىڭ، ئاللاھ سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىپ، خاتالىقىڭىزنى كەچۈرۈم قىلىشى مۇمكىن.

    بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 84089- ۋە 84102- نومورلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن .

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى