پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

قەدىمقى پۇللارنى ئەسلى قىممىتىدىن يۇقىرى باھادا سېتىش توغرىسىدا

سۇئال

قەدىمى پۇللارنى (ئەرەبلەرنىڭ ۋە پىرانسىيلىكنىڭ رىياللىرىغا ئوخشاش) ساتماقچى بولساق، بۇ پۇل ھېسابلىنامدۇ ياكى تىجارەت ماللىرى ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    قەدىمى پۇللار ئەگەر ئالتۇندىن بولسا ئالتۇنغا سېتىلىدۇ، كۈمۈشتىن بولسا كۈمۈشكە سېتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋەزنى ئېغىرلىقى ئوخشاش بولۇش ۋە سودا قىلغان ئورۇندا بىر-بىرىدىن تاپشۇرۇپ ئىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئالتۇن-كۈمۈشنى ئۆز جىنىسىغا ساتماي جىنسى ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ساتسا، يەنى ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى نەخ پۇلغا ساتقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ۋەزنى-ئېغىرلىقىنىڭ ئوخشاش بولىشى كېرەك بولمايدۇ لىكىن سودا قىلغان ئورۇندا بىر-بىرىدىن تاپشۇرۇپ ئىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئۇبادە بىن سامىت رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا ۋە تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ۋەزنى-ئېغىرلىقى ئوخشاش بولسۇن، نەخ بولسۇن، سودا بولغان جايدا تاپشۇرۇلسۇن، ئەگەر بۇ تۈرلەرنىڭ جىنسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا نەخ بولسا، سودا بولغان جايدا تاپشۇرۇلسا، ۋەزنى-ئېغىرلىقىنى قانداق ساتساڭلار بولىۋېرىدۇ». [مۇسلىم  رىۋايىتى 2970-ھەدىس].

   بۇ مەسىلىدە قەدىمى پۇل ئۇنىڭدا جازانە ئىجرا بولىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش بولۇپ قالسا، ئۇ ھازىر ئىشلىتىلسۇن ياكى ئىشلىتىلمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈم بويىچە بولىدۇ.

   ئەمما قەدىمى پۇل ئالتۇن، كۈمۈشتىن بولماي، تۇچ، ئاليۇمىن ياكى قەغەزدىن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ھازىر مۇئامىلە قىلىنمايدىغان بولسا، بۇ پۇل دەپ ئاتالمايدۇ، ئۇنىڭدا جازانىنىڭ ئىللەت-سەۋەبلىرى يوقالغان بولۇپ، تىجارەت مېلىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى ئىككى تەرەپ قانداق ئىتتىپاق كەلگەن بولسا شۇ بويۇنچە سودا قىلسا بولىدۇ، لىكىن ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپ-چېچىش بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى بەزى كىشىلەر مۇشۇنداق قەدىمى پۇللارنى سېتىۋالىمەن دەپ كۆپ مىقداردا ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى مال-مۈلۈكنى ساقلاشقا بۇيرىغان، بۇزۇپ چېچىشتىن چەكلىگەن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قەدىمى پۇللارنى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممىتىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۇنداق قىلسا بولىدۇ، چۈنكى قەدىمى پۇل ھازىر پۇل ئەمەس، مەسىلەن ھازىر بىزدە  ئىشلىتىش ئەمەلدىن قالغان ئون رىياللىق قەدىمى رىيال بولسا، بىرسى ئۇنى بىزدىن يۈز رويالغا ئالسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھازىر پۇل ئەمەس بەلكى تىجارەت مېلىغا ئوخشاشتۇر" .  "[ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت233/18 "].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى