جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پالچى، رەممال ۋە مۇنەججىملەرنىڭ ماقالە-كىتابلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

مۇنەججىملەرنىڭ ئىلگىرىكى پارچىلىرىغا يېزىلغان ئىزاھلىرىدىن 2020-يىلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئوقۇدۇم، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ياكى ئىشەنمىگەنلىكىمنى ياخشى بىلىمەن، ئەمدى مېنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىم قوبۇل بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سوراش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سورىغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. بۇ ھەدىستىكى ئىشەنمەستىن پەقەت سورىغان كىشى توغرىسىدا، ئەمما سوراپ ئىشەنگەن كىشىنىڭ جازاسى بۇنىڭدىن ئېغىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالى ھەيزدار ۋاقتىدا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى ئايالنىڭ دۇبۇرىغا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى رەممال-پالچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دىنىغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ». رەممال-پالچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش ھارام بولىدۇ، بۇ ئۇلاردىن ئىلىم سورىغانغا يېقىن ئىشتۇر، ئەگەر قەستەن ئوقۇغان بولسىڭىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سوراپ بۇنداق ئىشنى مەڭگۈ تەكرارلىماڭ.

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

 ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەندىمۇ ئۇلاردىن ئىلىم سوراش توغرا بولمايدۇ.

   رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سوراش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەممال-پالچىلاردىن ئىلىم سورىغان كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2230-ھەدىس].

   ھەدىستە بايان قىلىنغىنى بولسا؛ ئىشەنمەستىن پەقەت سورىغان كىشى توغرىسىدا، ئەمما سوراپ ئىشەنگەن كىشىنىڭ جازاسى بۇنىڭدىن ئېغىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالى ھەيزدار ۋاقتىدا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى ئايالنىڭ دۇبۇرىغا مۇناسىۋەت قىلغان ياكى رەممال-پالچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان دىنىغا ئىنكار قىلغان بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد 9779-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 3904-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 135-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 936-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   رەممال-پالچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش ھارام بولۇپ، بۇ ئۇلاردىن ئىلىم سورىغانغا ئوخشاش ئىشتۇر.

   "كەشاپۇل قىنا"1-توم 434-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "يەھۇدى-نەسارالارنىڭ كىتابلىرىغا قاراش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان دەلىلدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا تەۋراتنىڭ پارچىسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئاچچىقلانغان ۋە: «ئەي خەتتابنىڭ ئوغلى! سەن شەك قىلىۋاتامسەن؟» دېگەن.

   بىدئەتچىلەرنىڭ، ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرىۋەتكۈچىلەرنىڭ كىتابلىرى ۋە قىلغان رىۋايەتلىرىگە نەزەر سالماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانغا زىيانلىق ۋە ئېتىقادىنى بۇزىدۇ.

   "كەشاپۇل قىنا"3-توم 34-بەتتە  چەكلەنگەن ئىلىملىرىنىڭ بايانىدا مۇنداق دېگەن: "پالچىلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ئىلمى كالام، پەلسەپە، تۇمار پۈتۈش، مۇنەججىملىك ، رەمماللىق، شىئېر توقۇش، تاش تىزىپ غەيىبنى بايان قىلىش، سېھرىگەرلىك، ئەرەب تىلىدىن باشقا تىللاردا مەنىسى بىلىنمەيدىغان  تىل تۇمار پۈتۈش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ۋە مۇرتەدنىڭ كىتابىنى ئوقۇش قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ ئىسمى، ئانىسىنىڭ ئىسمى ھېسابى بىلەن، يۇلتۇزلار بىلەن، يۇلتۇز ئۇ تەرەپتە بولسا مۇنداق، بۇ تەرەپتە بولسا مۇنداق بولىدۇ دېيىش، بىر ئىنساننىڭ باي-كەمبەغەللىكىگە ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرى ۋە زېمىن قاتلاملىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر قاتارلىقلارمۇ ھارام بولىدۇ".

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 1-توم 203-بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: "گېزىت-ژۇرناللاردا مەۋجۇد بولغان تەلەي يۇلتۇزىنى راست دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ھۆكمى قانداق؟.

   جاۋاپ:

   سېرىق تۇچ ئېسىۋېلىش، بەخت-تەلىيىنى يۇلتۇز، بۇرجلارغا ئالاقىدار قىلىش بۇرۇنقى ئەسىردىكى مەجۇسىيلار، پەلسەپەچىلەردىن يۇلتۇزغا چوقۇنغۇچىلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كاپىرلارنىڭ  شېرىك كەلتۈرۈش يولىدۇر، بۇ مۇشرىكلار ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلىملەرنى بىلىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تالاشماق ۋە چوڭ شىرىكتۇر. بۇ ھەقىقەتتە كۆز بويامچىلىق، يالغانچىلىق، كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئويناتقانلىق، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋېلىش، ئەقىدە-ئېتىقادىنى بۇزۇش ۋە خاتا ئويلارغا چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

   سوئال سورىغۇچىغا: گېزىت-ژورناللاردىكى بۇنداق نەرسىلەرنى ئوقۇش، تارقىتىش، كىشىلەر ئارىسىدا راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئىشىنىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى بۇ تەۋھىدكە تەسىر كۆرسىتىدىغان كۇپىرنىڭ بىر شاخچىسىدۇر، بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش، ئۇنى تەرك قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش، ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ۋە ھەممە ئىشلاردا ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

   پەتىۋا بەرگۈچىلەر: بەكىر ئەبۇ زەيد، ئابدۇلئەزىز ئال- شەيخ، سالىھ پەۋزان، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلار.

ئەگەر قەستەن ئوقۇغان بولسىڭىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى