جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پايپاق ئىشتانغا مەسھى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    ئىشتان بىلەن تۇتاش بولغان پايپاققا مەسھى قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟(بىر قىسىم ئاياللار كىيىدىغان خۇددى بالېت ئۇسۇلى ئوينايدىغان ئۇسۇلچىنىڭ ئىشتىنىغا ئوخشاش)بۇ ئىشتاننى سۆرەلتېۋىلىشنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر پايپاق پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى ياپىدىغان بولسا، ئۇنى تولۇق تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنى ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن كەيگەن بولسا، كىيىن تاھارەت ئالغاندا بۇ پايپاقنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلسا توغرا بولىدۇ. پايپاققا مەسھى قىلىشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ سۈپىتىنى بىلىش ئۈچۈن 12796-9640- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا قارالسۇن.

پايپاق ئىشتانغا تۇتاش بولسا بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بۇ ئىشتاننى سۆرەتكەنلىك ھېسابلانمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى