سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ "ئەل ھەكىيم" دېگەن ئىسمىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

260383

تارقاتقان ۋاقىت : 28-07-2022

كۆرگۈچىلەر : 805

سۇئال

    ئاللاھ تائالانىڭ "ئەل ھەكىيم" دېگەن ئىسمىنىڭ مەنىسى نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھنىڭ "ئەل ھەكىيم" دېگەن ئىسمى "پەئىيل" ۋەزنىسىدە بولۇپ، پەئىيل ۋەزنىسى مورفولوگىيىلىك تەرەپتىن ئاشۇرما سۈپەت بولۇپ، "پائىل" ۋەزنىدىن بولسا ھاكىم يەنى ھۆكۈم قىلغۇچى دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقىگە ھاكىمدۇر، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ھۆكمى بولسۇن ياكى تەقدىردىكى ھۆكمى بولسۇن بۇ ھۆكۈمدە ھېچ كىم تالاش-تارتىش قىلالمايدۇ.

     ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقىگە يەنە شەرئى ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ، ئاللاھنىڭ قىلغان ھۆكمى ئالماشتۇرۇلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە توسالغۇ بولغۇچى  بولمايدۇ.

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ يَقُصُّ الْحَقَّ وَهُوَ خَيْرُ الْفَاصِلِين  تەرجىمىسى: «بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر». [سۈرى ئەنئام 57 ئايەت].

    ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى رەت قىلغۇچى ۋە توسالغۇ بولغۇچى يوق.  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِ وَهُوَ سَرِيعُ الْحِسَابِ  تەرجىمىسى: « ئاللاھ خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر» [سۈرە رەئەد 41-ئايەت]. 

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّى يَحْكُمَ اللَّهُ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ  تەرجىمىسى :«ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.» [سۈرى يۈنۈس  109-ئايەت].

   ياكى "پەئىيل" دېگەن ئاشۇرما سۈپەتتىن بولۇپ، "مۇپئىل" مەنىسىدە يەنى ئاللاھ تائالا پۇختا ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا يارىتىشنى پۇختا، مۇستەھكەم، گۈزەل ۋە چىرايلىق قىلغۇچىدۇر.

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قال الله تعالى:  صُنْعَ اللَّهِ الَّذِي أَتْقَنَ كُلَّ شَيْءٍ إِنَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَفْعَلُونَ  تەرجىمىسى: «تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.» [سۈرە نەملە  88-ئايەت].

    خەتتابى رەھىمە ھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەل ھەكىيم" دېگەن: شەيئىيلەرنى يارىتىشنى پۇختا قىلغۇچى دېمەكتۇر.

بۇ"مۇپئىيل"دىن "پەئىيل"گە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ"مۇلىم"بەك ئازاپلانغۇچى مەنىسىدە"ئەلىم"ئازاپلانغۇچى دېگەن، "مۇسمىئ" بەك ئاڭلىغۇچى مەنىسىدە"سەمىيئ" ئاڭلىغۇچى دېگەن سۆزىگە ئوخشاش.

    شەيئىلەرنى يارىتىشنى پۇختا قىلغۇچى دېگەننىڭ مەنىسى، ھەقىقەتەن: شەيئىلەرنىڭ تەدبىرىنى مۇستەھكەم قىلغۇچى، ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىرايلىق قىلغۇچى دېگەنگە ئىشلىتىلىنىدۇ، چۈنكى، بۈرگە، چۈمۈلە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يارىتىلىشى ئاجىز بولغان نەرسىلەرگە ئوخشاش بارلىق يارىتىلغۇچى شەيئىلەر قۇرۇلمىلىرى بىر-بىرىگە باغلانغان ۋە قوراشتۇرىلىشى كۈچلۈك دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ، لىكىن بۈرگە ۋە چۈمۈلە توغرىسىدىكى باشقۇرۇش-ئاسراش- ئۇ ئىككىسىنىڭ ياراتقۇچىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئىسپاتلايدۇ، ئۇنى ئىپادىلەش ۋە ئىسپاتلاشتى دەلىلى ئاسمان، زېمىن، تاغ قاتارلىق كاتتا شەيئىلەرنى يارىتىشنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەردىن تۆۋەن ئەمەس.

    شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنىڭ يارىتىلىشىنى چىرايلىق قىلدى» دېگەن سۆزىدىن ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ كۆرۈنىشىنى گۈزەل، چىرايلىق قىلدى دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ چۈنكى بۇ مەنا مايمۇن، چوشقا ۋە ئېيىق قاتارلىق شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلاردا تېپىلمايدۇ، بۇ يەردە ئايەتنىڭ مەنىسى:  ئاللاھ تائالا ئۆز خەلقىدىن ھەر شەيئىنى يارىتىشتا باشقۇرۇش ۋە ئاسىراشنى گۈزەل-چىرايلىق قىلدى، ھەر نەرسىنى ئۆزى ئىرادە قىلغان-خالىغان ھەيئەتتە پەيدا قىلىشنى ۋە ئاشكارا قىلىشنى ياخشى كۆردى دېمەكتۇر. بۇ مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغانغا ئوخشاشتۇر: « ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى». "دەۋەتچىلەرنىڭ ئىشى" 73-74-بەت.

    ئۈچىنچى مەنىسى: "ئەل ھەكىيم" دېگەن ھىكمەت ئىگىسى دېمەكتۇر.

ئىبنى ئەسىير مۇنداق دەيدۇ:"ھەكىم دېگەن ھىكمەت ئىگىسى دېمەكتۇر، ھىكمەت دېگەن شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ئارتۇقى بىلەن بىلىشتۇر." [" ئەن نىھايەتە غەرىيبىل ھەدىس"1-توم 419 بەت].

     ئاللاھ تائالا مۇشۇ كائىناتتا بارلىق بۇيرۇق، چەكلىمە ۋە تەسەررۇپاتلارنى بۈيۈك ھىكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالادىن ھىكمەتسىز ئىش سادىر بولمايدۇ، چۈنكى ھىكمەتسىز قىلىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە تەسەررۇپاتلار  بىكاردۇر ۋە باتىلدۇر، ئاللاھ تائالا بۇنداق ئىشلاردىن پاكتۇر، مۇنەززەھتۇر.

     بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ذَلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ  تەرجىمىسى: «ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!» [سۈرە ساد  27 ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ  تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟» [سۈرە مۆمىنۇن  115-ئايەت].

    سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ "ئەل ھەكىيم" دېگەن ئىسمى، بىر-بىرىگە لازىم بولغان بىر قانچە مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ زىتلىق يوق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنالارنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلەش توغرا بولىدۇ، چۈنكى بىر ئىسىم دېگەن بىر قانچە مەنادا ئورتاق بولىدۇ، ئەگەر بىرەر چەكلىمە بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ ئىسىمنى ھەممە مەنالىرىغا قارىتىپ ئىزاھلاش توغرا بولىدۇ.  ["شەنقىتىنىڭ "ئەزۋائۇل بايان " 2 -توم 19-بەت].

     شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەل ھەكىيم"  دېگەن: ھەممە نەرسىنى گۈزەل ياراتقۇچى، يارىتىش ۋە بۇيرۇشتا يۈكسەك ھىكمەت ئىگىسى بولغان زاتتۇر. «ھەقىقى ئاللاھقا ئىشىنىدىغان قەۋىم ئۈچۈن ئاللاھدىنمۇ گۈزەل ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟». ھېچ نەرسىنى بىكار ياراتمايدۇ، ھىكمەتسىز يولغا قويمايدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ھۆكۈم ئىگىسىدۇر، ئۈچ تۈرلۈك ھۆكۈمدە ئاللاھقا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا، شەرئى تۈزۈمدە، ئىشلارنى بىكىتىشتە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا جازا مۇكاپاتلىغۇچىدۇر.

    ھىكمەت دېگەن: ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ۋە ئورنىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر".[" تەپسىير سەئدى" 945 بەت».

     ھەممىدىن توغرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى