جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەيتانىي ۋەسۋەسە سەۋەبلىك ئىماننىڭ ئاجىزلىشىدىن ئەنسىرەش توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئۈچۈن ئاللاھدىن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشۇمنى سوراڭلار، چۈنكى مەن شەيتاننىڭ پىتنىسىگە دۇچ كەلدىم، شەيتان كۈچىنىڭ يېتىشچە مېنىڭ دىنىمنى ئۆزگەرتىش ئاندىن رەببىمگە ئاندىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ئۇچرىغان قېيىنچىلىقلىرىمنى رەببىم ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ، شەيتان مېنىڭ دىلىمدىن ئىماننى تارتىۋېلىپ مېنى ئازغۇنلۇققا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن، شەيتان مېنىڭ شەخسىيىتىمگە كىرىۋالدى، بەزى ۋاقىتتا مەن بىلەن شاھادەت كەلىمىسىنى سۆزلەپ تاماملايدۇ، ئىبادەتنى نىيەت قىلىشتا شەكلەندۈرىدۇ، نامازغا تۇرسام مەن بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، كۈچلۈك ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن نامىزىمنى زايە قىلىدۇ، پاتىھە سۈرىسىنى، تەشەھھۇتنى ۋە سالامنى مەن بىلەن بىرگە تاماملايدۇ، مەن ئىمانىمدا بەك خەتەرلىك ئەھۋالدا، شەيتاننىڭ مېنى ۋە ھەر بىر مۇسۇلماننى پىكىردە ياكى ئەمىلىمدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئىلىپ بېرىشى، دىننى ئۆزگەرتىپ كۇپىرغا ئىلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مۇشۇ بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇشۇم ئۈچۈن ماڭا ياردەم بىرىڭلار؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.

    سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! ھودۇقماڭ، بۇ ئىش سىز تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە خىيال قىلغاندىن بەك ئاساندۇر.

     سىز يولۇققان قىيىنچىلىق تەدرىجى چوڭىيىپ تامنى تولدۇرغان سايىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مەنبىيى توغرا بولمىغان ۋە ئورنىدا قويۇلغان، ئەگەر توغرا ئورۇندا قويۇلغان بولسا ئېدى، سايە ئۆزىنىڭ ھەجىمىنى ئالاتتى.

    ھەر ئىككى ھالەتتە سايە چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن ئۇنىڭدىن كېيىن  مەنپەئەت يوق، سىزنىڭ ھالىتىڭىز مۇشۇ سايىدىن ئارتۇق ئەمەس، ھودۇقۇپ كەتمەڭ.

    شەيتان ھەقىقەتەن سىزدىن ئىماننى تارتىۋېلىشقا قادىر بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى بېرىدىغان ۋە ئالىدىغان زات ئاللاھتۇر، ئاللاھ سىزنى ساقلاپ قالغاندا، ھەر قانداق كۈلپەتتىن قۇتۇلىسىز. شەيتاننىڭ سىزگە تاشلىغان ھەيۋىلىرىدىن راھەتلىنىشنى خالىسىڭىز، تۆۋەندە بايان قىلىنغان ئىشلارغا ئەمەل قىلىش بىلەن قەلبىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ:

    1-ھەر قاچان كۆڭلىڭىزگە ۋەسۋەسە كەلگەندە، زېرەكمەستىن ئاللاھقا سېغىنىڭ پاناھلىق تىلەڭ، شۇنىڭ بىلەن شەيتان مەغلۇب بولۇپ چوقۇم قاچىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى راستتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ  تەرجىمىسى: «ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ(يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە)ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن(بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،(ئىشلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» [سۈرە پۇسىلەت 36-ئايەت].

   2-ۋەسۋەسىگە پەرۋا قىلماڭ، ئەبەدى بۇ توغرىدا پىكىر قىلماڭ، سۆزلەشمەڭ، سىزگە سوئال ياكى رەت كەلسە بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەڭ.

    شەيتاندىن كەلگەن كۇپىر قىلىش، ئازدۇرۇش ۋە دوزاخقا چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەر قانداق تەھدىت ۋە قورقۇتۇش كەلسە بۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ رۇس بولىشىدا ئۇنىڭ ھېچ بىر قېيمىتى يوق، ئۇنىڭدىن ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى بۇ كۆرگۈچىلەرگە ھېچ زېيىنى بولمايدىغان ئىكراندا كۆرۈنگەن قورقۇنۇچلۇق پىلىمگە ئوخشايدۇ، ئىكراننى ئېتىۋەتسىڭىز ھەممە ئىش تۈگەيدۇ.

   3- ۋاقتىڭىزنى قەلبىڭىزنى ۋە پىكرىڭىزنى پايدىلىق، مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىڭ، ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىڭ، سىز يالغۇزلۇق ۋە بىكارچىلىقتىن مۇشۇنداق بولىسىز، شەيتان ھەقىقەتەن تولغان قەلىپكە يىقىنلىشالمايدۇ.

   4-كېچە-كۈندۈز ھەرۋاقىت دۇئا قىلىڭ، ئاللاھنىڭ شىپاسى كەلگەندە ھېچ بىر كېسەللىك ۋە پىتنە قالمايدۇ.

   5-ئەتتىگەن-ئاخشامدا، ھەممە ۋاقىتتا ئاللاھنى ياد قىلىش بىلەن ساقلىنىڭ، ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنى دۈشمەننىڭ ھىلە-مىكرىدىن ساقلايدىغان ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە ئۇنى داۋام قىلىشتىنمۇ ياخشى ۋاستە بولمايدۇ، تىلىڭىز دائىم ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرسۇن.

   6-سىز مۇشۇ ئىمانى ئىلاجلار بىلەن بىرگە تەجىربىلىك مۇتەخەسسىس دوختۇرغا كۆرىنىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى كۈچلۈك ۋەسۋەسىگە تىببى دورا قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ئىمانى ۋە تىببى ئىلاجنى بىرلەشتۈرگەندە، بۇ مەنپەئەتلىك بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزنىڭ شىپا تېپىشىڭىزمۇ ئۈمىت قىلىنىدۇ.

    سىز مۇشۇ نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ تېرىشچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزگە شىپالىق بىشارەتلىرى يۈزلىنىدۇ، مەلۇم كۈنلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ مەۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 102851 -25778 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا سىزنى ئىماندا مۇستەھكەم قىلسۇن، ساقلىق ۋە مەغپىرەت نېمىتىگە چۆمدۈرسۇن.

        ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى