پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر كىشىگە بىر خالتا گۈرۈچ ھەدىيە قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى چىقارسا قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

بىر كىشى ماڭا ھاجىتىمدىن ئاشقۇدەك چوڭ بىر خالتا گۈرۈچ ھەدىيە قىلدى، مېنىڭ ئۆز ئىقتىسادىمدىن بازاردىن  گۈرۈچ سېتىۋېلىشقا كۈچۈم يېرىدىغان تۇرسىمۇ، ئۇ گۈرۈچتىن ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلسام توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز ھەدىيە قىلىنغان گۈرۈچتىن ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىىسىنى چىقارسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىزگە ھەدىيە قىلىنغان نەرسە سىزنىڭ مۈلكىڭىز ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ئىلىم-سېتىم، سەدىقە، ھەدىيە قاتارلىق ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتە 70272- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بۇنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنغان.

    ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) دەلىل بايان قىلىپ: كەمبەغەلنىڭ يېنىدا بايلار بەرگەن زاكات توپلىشىپ، ئۆزىنىڭ ۋا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىدىن ئاشسا، ئۇ كىشى ئۆزىدە توپلاشقان زاكات مېلىدىن پىتىر سەدىقىسىنى بەرسە بولىدۇ دېدى.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: باشقىلارنىڭ پىتىر سەدىقىسى ۋە زاكاتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى ئالغان سەدىقە ماللىرىدىن ئۆزىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بەرسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا. شەيخ جاۋاپ بېرىپ: ئەگەر ئۇ كىشىگە كېلىدىغان پىتىر سەدىقىلىرى ھېيت-بايرامدىن ئىلگىرى كەلسە، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلسا بولىدۇ، ئەمما ھېيت-بايرامدىن كېيىن كەلسە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ كىشىنىڭ بەك كەمبەغەل بولغانلىقىدىن يېنىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىگە يەتكۈدەك بىر نەرسە بولمىسا، ئۇ كىشىگە بىر نەرسە كەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىگە يەتكۈدەك بىر نەرسىسى بولسا، ھېيت-بايرام كۈنى ھاجىتىگە يەتكۈدەك بىر نەرسىنى ئايرىپ قويۇپ، قالغىنىنى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن بەرسە بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى بازنىڭ"نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"15-توم 291-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى