پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سەۋەبنى تۇتۇشنىڭ قائىدىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەپلەرنى تولۇق قوللانغانلىقىمنى قانداق جەزىملەشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشىم مۇمكىن بولىدۇ، مېنىڭ كۆڭلۈم خاتىرجەم، ياكى بۇنى باشقىچە ئىپادىلىگەندە: سەۋەبنى چىقىرىشنىڭ قائىدىلىرى قايسى؟ بەزى كىشىلەر: تۆگەڭنى باغلا، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىل دەيدۇ، ئۇلاغنى تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇشمۇ سەۋەبنىڭ جۈملىسىدىنمۇ ياكى بۇ سەۋەب قىلىشتىكى ئاشۇرۋىتىشمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىر ئىشنىڭ سەۋەبىنى قىلىش ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ پايدا-زىياننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىش بىلەن شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا سەۋەبنى ۋە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى ئۆزى پەيدا قىلغان.

سەۋەب بىلەن سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقى باغلىنىش بولىشى كېرەك، بۇ تەجرىبە ئارقىلىق ياكى ئۆرپ-ئادەت ئارقىلىق ياكى شەرىئەتنىڭ خەۋەر بېرىشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىلىنىدۇ.

سەۋەپ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بولۇش، ئۇنىڭدىكى غايىمۇ يولغا قويۇلغان بولۇش كېرەك، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا يېتىدىغان ۋاستىلارمۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان بولۇش كېرەك.

ئىنسان ئۆز ئىشىدا ئىككى ئىشنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشى كېرەك، سەۋەپكە مۇتلەق سەل قاراشقىمۇ ياكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سەۋەپكە ئېسىلىۋىلىشىمۇتوغرا بولمايدۇ، پەقەت سەۋەپ بىلەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى ۋە ھاياتلىق ئىشلىرىدا مەقسەتكە يەتكەندەك مەقسەتكە يېتىدۇ، قەلبىنى سەۋەپكە ئالاقىدار قىلماستىن بەلكى ھەممە ئىشلارنى تەدبىر قىلغۇچى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، ھەممىنى ياراتقۇچى بولغان ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار قىلىش كېرەك.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەۋەپكە نەزەر سىلىش بولسا: قەلبنىڭ سەۋەپكە تايىنىشى، مەقسەتنى سەۋەپتىن ئۈمىد قىلىش بولۇپ، مەخلۇقاتلاردا بۇنىڭغا لايىق بولىدىغان سۈپەت يوق، چۈنكى سەۋەپ دېگەن مۇستەقىل نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ شېرىكلىرى ۋە رەقىپلىرى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولۇپ تۇرۇغلۇق بۇنى سەۋەپلەرنى سەۋەپ قىلغۇچى زات بويسۇندۇرۇپ بەرمىسە بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى 8-توم 169-بەت].

سەۋەبنى تۇتۇش قائىدىلىرى بولسا، ھەر ئىشتا شۇ ئىشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدۇ، ئادەتتىكى كېسەل ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇش ئېغىر كېسەللەر ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشقا ئوخشىمايدۇ، قىممەتلىك-ئېسىل نەرسىلەرنى ساقلاشتا ئېھتىياتچان بولۇش ئادەتتىكى ئېتىبارسىز نەرسىنى ساقلاشتىكى ئىھتىياتچانلىققا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

رىزىق تەلەپ قىلىش يولىدىكى سەۋەپ كېسەللىكتىن ساقلىنىش يولىدىكى سەۋەپكە ئوخشىمايدۇ، يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن قىلىنىدىغان سەۋەبلەر پەرزەنت تەلەپ قىلىش، تەربىيىلەش ۋە يىتىلدۈرۈشتىكى سەۋەپلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەۋەبلىرى بولىدۇ، سەۋەبنى زايە قىلىپ تاشلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن سەۋەبنى ئۆز يولىدا ئىشلەتكەن ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتىكى قائىدە بولسا، ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ئۇنى قىلغۇچىلارنىڭ ھالىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، بۇنى ئىنسانلار ئۆز تەجرىبىسى ياكى تۇرمۇش ئادەتلىرى ئارقىلىق ئايرىيدۇ.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 11749- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى