پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھۈنەر-كەسىب قىلىش جەريانىدا ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ تاپقان پۇل ھارام بولامدۇ؟

سۇئال

قىسقارتىپ دىسەم: مەن بەدەن چىنىقتۇرۇش مەشىقى قىلىمەن، بەزى ۋاقىتتا پروگرامما ئىشلەيمەن. مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەن، لېكىن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئارىسىدا ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىسام، مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرىم ھارام بولامدۇ؟، يەنى ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئىشلىگەن پروگراممىلىرىم ئارقىلىق تاپقان پۇلۇم ھارام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، مۇزىكا چىلىپ ناخشا ئوقۇش ۋە ئاڭلاش چەكلىنىدۇ، ئۇ ناخشا دىنى ناخشا بولسۇن ياكى باتۇرلۇققا ئۈندەيدىغان ناخشا بولسۇن ياكى ھىس-تۇيغۇلىرىنى قوزغايدىغان ناخشا بولسۇن ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، پەقەت توي مۇراسىمى، ھىيت-بايرام ياكى يىراقتىن كەلگەنلەرنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن داپ چىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى 5000-20406-43736- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلىنغان.

ئەمما مۇزىكىسىز ناخشا بولسا ئايال ناخشىچى ئەرلەرگە ناخشا ئوقۇپ بەرسە بولمايدۇ، ئەمما ئەرلەر ئەرلەرگە ئوقۇپ بەرسە، مۇزىكىسىز بولغان ئىسلامى شېئىر ياكى قەسىدىلەر بولسا دۇرۇس بولسىمۇ، بۇنى كۆپ ئاڭلاش ياكى ۋاقىتنى بۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈش ئۈچۈن 107572 - 78223 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى: ھۈنەر-كەسىپ ۋە خىزمەت جەريانىدا ياكى بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋاقتىدا چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان بولسا، بۇنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە تەسىرى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۇرۇس بولغان پروگراممىلارنى تەييار قىلىپ ھالالدىن ئىقتىساد توپلىغان بولسا، بۇ دۇرۇس بولغان پروگراممىلارنى تەييارلاش بىلەن ئېرىشكەن ھالال مال ھېسابلىنىدۇ.

ئەقىللىق ئىنسان ئۆز ۋاقتىنى مەنپەئەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. خىزمەت جەريانىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ياكى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىنى ئاڭلاش ياكى بەدەن چىنىقتۇرۇش جەريانىدا پايدىلىق بولغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى تىڭشاش ئارقىلىق بۇ كىشى ئونلارچە ھەتتا يۈزلەرچە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدەك ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق ياخشىلىق پۈرسەتلىرىنى كەتكۈزىۋىتىش، ۋاقىتنى پايدىسىز ئىش بىلەن زايە قىلىش سەۋەبلىك يۈزلەرچە خاتالىقنى ئۈستىگە يۈكلەيدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىم ئاڭلاش ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بىلەن ئىنساننىڭ قەلبى ئىسلاھ بولىدۇ، كۆڭلى راھەتلىنىدۇ، تۇرغان ئورنى پاكىزە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بىلەن شەيتاننىڭ مۇزىكىسىنى سېلىشتۇرۇپ بىقىڭلار.

ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ قەلبىڭىزنى نۇرلاندۇرۇشىنى، خاتالىقلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىشىنى، شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىگە يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى