جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا ئەيمىنىش توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھقا تولۇق ئەيمىنىش بولمىغان ناماز بىزدىن قوبۇل بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ناماز ئوقۇغۇچىدىن نامازغا يۈزلىنىپ، ئەيمىنىش بىلەن ئوقۇش تەلەپ قېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَدْأَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ * الَّذِينَهُمْ فِيصَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ تەرجىمىسى: نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرىدىغان مۇئمىنلار ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. [سۈرە مۇئمىنۇن 1-2-ئايەت].

نامازغا ئەيمىنىش بىلەن يۈزلىنىش نامازنىڭ مۇھىم قىسمى ۋە روھى، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنى سەجدىدە، رۇكۇدا، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا، رۇكۇدىن كېيىن تۇرغاندا ئالدىرماستىن، دىل ئارامى ۋە ئەيمىنىش بىلەن ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

نامازدا ئەيمىنىش ۋە دىل ئارامى بولماي، چوقۇلاپلا ئوقۇسا ناماز بىكار بولىدۇ. ئەمما نامازنى دىل ئارامى بىلەن ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئوي- خىياللار ۋە ئۇنتۇلۇشلار يۈز بەرگەن بولسا ناماز بىكار بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشىگە نامىزىدىن ئەقلىنى يېغىپ، ئەيمىنىش بىلەن يۈزلىنىپ ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، سەل قاراپ دىققەتسىزلىك بىلەن ئوقۇسا، نامازدىن ھاسىل بولىدىغان پەزىلەت ۋە ساۋابنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بەندە ساۋابنى تولۇق ئېلىش ئۈچۈن نامازغا يۈزلەنگەندە، دىل ئارامى بىلەن ۋە ئاللاھدىن تولۇق ئەيمىنىش بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك، دىل ئارامى يوق، ئالدىراپ، ئەزالار تولۇق ئەيمەنمەي رۇكۇ قىلغانغا ئوخشاش، پەقەت دىل ئارامىنى يوقۇتۇپ قويۇش بىلەنلا ناماز بىكار بولىدۇ، ھەر بىر ئۇمۇرتقا ئۆز ئورنىغا قايتقۇچە دىل ئارامى بىلەن تۇرۇپ، رۇكۇدا "بۈيۈك پەرۋەردىگارىم پاكتۇر" دېيىش، سەجدىدە "ئەڭ ئۈستۈن پەرۋەردىگارىم پاكتۇر" دېيىش، رۇكۇدىن تۇرغاندا "پەرۋەردىگارىمىز ساڭا ھەمدۇلەر بولسۇن" دېيىش، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا: "پەرۋەردىگارىم مېنى كەچۈرگىن" دېيىش مۇمكىن بولغۇدەك ھالەتتە تۇرۇش كېرەك، مانا بۇ زۆرۈر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ نامازنى دىل ئارامى بىلەن ئوقۇماي، چوقۇلاپلا ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇپ: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ دېگەن. دىل ئارامى نامازدا ئەڭ مۇھىم بولغان ئەيمىنىش بولۇپ، ئۇ نامازدا، رۇكۇدا، سەجدىدە، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا، رۇكۇدىن تۇرغاندا زۆرۈر بولغان ئەيمىنىش ھىساپلىنىدۇ، بۇنى دىل ئارامى دەپمۇ، ئەيمىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، دىل ئارامى ھەر بىر ئۇمۇرتقا ئۆز ئورنىغا قايتقۇچە بولىشى زۆرۈر، رۇكۇ قىلغاندا ھەر بىر بوغۇم ۋە سۆڭەك ئۆز ئورنىغا قايتقۇچە تۇرۇش، رۇكۇدىن تۇرغاندا راۋۇرۇس تۇرۇش، سەجدە قىلغاندا تىنچ - ئارامدىللىق بىلەن سەجدە قىلىپ، ھەر بىر بوغۇم ئۆز ئورنىغا قايتقۇچە ئالدىرماسلىق كېرەك".

[شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى