جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    بەزى مۇسۇلمانلار ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن "پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگنجىسى" ناملىق پىروگراممىدا بەزى تالاش-تارتىشلار مەيدانغا كەلدى. تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن:  ئەرەپ تىلىدىكى (ئاخەر ) ياكى (خاتەم) دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟بۇنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن بولغان دەلىلى؟، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىشى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى دېگەن سۆز ئاخىرلىشامدۇ ياكى داۋام قىلامدۇ؟. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇ كاپىر بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ مۇشۇ ئەتراپتا باشقا مەسچىت بولمىسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن بەش تۈرلۈك خىسلەت بىلەن بارلىق پەيغەمەرلەردىن ئارتۇق قىلىندىم:  ماڭا شاپائەت قىلىش مەرتىۋىسى بېرىلدى، مەن بىلەن پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى، ماڭا غەنىمەتلەر ھالال قىلىندى، زېمىننىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن پاك ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىندى، مەن بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلدىم.» بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.  ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە: «لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى» دېدى. بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر دېمەكتۇر. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ». يەنى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاخىرلاشتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىمۇ ۋە پەيغەمبەرمۇ كەلمەيدۇ.

ھەقىقەتەن ئىسا ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشكەن ۋاقىتتا، زېمىندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالاممۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بىر ئۇممەت بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.

كىمكى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامدىن كېيىن يەنە يېڭىدىن پەيغەمبەر كېلىدۇ ياكى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ پەيغەمبەر كېلىشى توغرا بولىدۇ دېگەننى  دەۋا قىلسا، ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك، مۇشۇ شەرىئەت ئاخىرقى شەرىئەت ئەمەس دەپ قارىغان كىشىمۇ ئوخشاشلا كاپىر بولىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكى بىلىنسە، ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، بۇرۇن ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇلغان نامازلار بولسا، ئۇنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولىدۇ.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ