جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رەجەب ئېيىدا كۈمۈش ئۈزۈك سېلىش توغرىسىدا

سۇئال

ئائىلىمىزدە قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردىن كۈمۈش ئۈزۈك بىرىلدى، بۇ ئۈزۈكنىڭ يان ۋە ئاستى تەرەپلىرىدە بەزى ئەرەبچە سانلار بولۇپ، بۇ ئۈزۈكلەر ئاساسەن رەجەب ئېيىغا خاسلاشتۇرۇپ ياسالغان، ئىسلام دىنىدا بۇ شەكىلدە ئۈزۈك سېلىش توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاياللارغا ئۈزۈك سېلىش دۇرۇس بولغاندەك ئەرلەرگىمۇ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىغا خەت يازغان ياكى خەت يىزىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىدا، ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۇلار مۆھۈر بىسىلمىغان خەت-چەكلەرنى ئوقۇمايدۇ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ دەپ خەت ئويۇلغان كۈمۈش ئۈزۈكتىن بىرنى ياساتتى، مەن ئۇ ئۈزۈكنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا پاقىراۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم،» دەيدۇ. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 65 –ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 2092-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ"ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 4-توم 340-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "توي قىلغان ياكى توي قىلمىغان ئاياللار ئۈچۈن ئالتۇن ئۈزۈك سېلىش دۇرۇس بولغاندەك كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن، ھېچ ئىختىلاپ يوق. ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ: "ئاياللارنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشى ياخشى ئەمەس، چۈنكى كۈمۈش ئۈزۈك سېلىش دېگەن ئەرلەرنىڭ ئالامىتى، ئەگەر ئاياللار ئالتۇن ئۈزۈك تاپالمىسا، كۈمۈش ئۈزۈكنى سېرىق رەڭدە بوياپ ئاندىن سالىدۇ "دەيدۇ. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئەسلى يوق بولۇپ، ئەڭ توغرىسى: ئاياللارنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشى چەكلەنمەيدۇ".

ئاندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر مەيلى رەھبەر بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشىلەردىن بولسۇن ئۇلارنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى، ئەمما ئىلگىرىكى دەۋرىدە بىر قىسىم شام ئالىملىرىنىڭ رەھبەرلەردىن باشقا ئەرلەرنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېگەن سۆزى قۇرئان-ھەدىسنىڭ قارىشى، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كىلىشى بويىچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغان سۆز بولوپ، ئەبدەرىي ۋە باشقا ئالىملار بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان".

ئۈزۈك يۈزىگە نەقىش ئويۇش ۋە خەت يىزىش چەكلەنمەيدۇ، لېكىن رەجەب ئېيىغا خاس قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ دىندا ھېچ ئاساسى يوق، ئەگەر رەجەب ئېيىدا ئاللاھ تائالاغا يىقىنلىشىش مەقسىدى ياكى باشقا مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن ئۈزۈك سالغان بولسا خاتا قىلغان ۋە بىدئەت پەيدا قىلغان بولىدۇ.

مۇھىمى ئۈزۈكنىڭ ئۈستىگە پايدا-مەنپەئەتنى جەلىب قېلىدىغان ياكى كۆز تىگىش، ھەسەت ۋە جىندىن ساقلىنىش قاتارلىق ئىشلارغا پايدىسى بولىدۇ دەپ قاراپ، ھەر خىل سۆزلەرنى يازدۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: كۈمۈش ئۈزۈك سېلىش ۋە ئۈزۈك ئۈستىگە نەقىش ئويۇش توغرا بولىدۇ، لېكىن ئۈزۈك سېلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ياكى ئۈزۈكنى مەلۇم ۋاقىتقا خاسلاشتۇرۇپ سېلىش ياكى ئۈزۈكنى تەبەررۈك بىلىش ياكى تۇمارنىڭ ئورنىدا سېلىش چەكلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى