جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلار، چوڭ گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ‏الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ  تەرجىمىسى: «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار» [سۈرە نۇر 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ جَلْدَةً تەرجىمىسى: «ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر.» [سۈرە نۇر 4-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:  وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ  تەرجىمىسى: «ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار.» [سۈرە مائىدە 38-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارغا شەرئى قانۇننى ئىجرا قىلىدىغانلار بولمىسا، ئۇلار تەۋبە قىلماستىن مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدە: مۇسۇلمانلاردىن ھەر قانداق بىر كىشى زىنا قىلىش، ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە ئىپپەتلىك، پاك كىشىلەرگە بۆھتان قىلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىپ، شۇنى گۇناھلارنى داۋام قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇنداق كىشى ئاللاھنىڭ خالىشىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ، ئەگەر خالىسا ئۇ كىشىنى سادىر قىلغان چوڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جازالاپ، پاك بولغاندا جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَى إِثْمًا عَظِيمًا  تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.» [سۈرە نىسا 48-ئايەت].

    گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلسىمۇ تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن ۋاپات بولغان ئاسىيلارنىڭ دوزاختىن چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇتەۋاتىر دەرىجىلىك سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەر: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، زىنا قىلماسلىق، ئوغۇرلۇق قىلماسلىق، پاك-ئىپپەتلىك كىشىلەرگە بۆھتان قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلاردا ماڭا ۋەدە بېرىڭلار، بەيئەت قىلىڭلار، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان بەيئىتى-ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئاللاھ بېرىدۇ، كىمكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن بىرەرنى قىلىپ سالىدىكەن ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن جازالىنىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ كاپارىتىدۇر، ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا خالىسا جازالايدۇ، خالىسا ئەپۇ قىلىدۇ دېدى».

    ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالامى بولسۇن. "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا كومىتېتى"، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ غەديان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار.[ "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 1-توم 728-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى