پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بەدەنگە ۋاقىتلىق ياكى ئىزى ئۆچمەي تۇرىدىغان نەرسىلەرنى چەكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى ۋە تۈرلىرى

سۇئال

    بەدەنگە بىر نەرسە چەكتۈرۈشنىڭ جىسىمغا زىيىنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام بۇنىڭدىن چەكلىدى، بۇنىڭ ئورنىغا خېنە بىلەن تۈرلۈك شەكىللەرنى چەكتۈرسە، لېكىن خېنە بىلەن چەككەندە، شەكىل-سۈرەت ئىنچىكە بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ ئىزى ئۇزۇن ۋاقىت بەدەندە قالىدۇ. كېيىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا چاپلاپ سۈرەت-شەكىل چىكىش پەيدا بولدى، بۇنى كېچىسى چاپلاپ مەقسىتى ھاسىل بولغاندىن كېيىن ئىلىپ تاشلىۋېتىدۇ، بەدەندە ھېچ قانداق تەسىرى قالمايدىغان، ھاجىتى تۈگىگەندە ئىلىپ تاشلىۋېتىدىغان چاپلىمىنى ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ يەردە بەدەندىكى ئەزانىڭ شەكلى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ دائىم تۇرىدىغان زىننەت بىلەن مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ ئۆچۈپ كېتىدىغان زىننەتنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، دائىم تۇرىدىغىنى شەكسىز ھارامدۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ، ئىككىنچىسى بولسا دۇرۇس بولغان زىننەتتۇر.

    بەدەنگە بىر نەرسە چېكىش دېگەن: بەدەننىڭ تېرىسىدىن قان چىققۇچە يىڭنە سانجىپ ئاندىن ئۇ جايلارغا سۈرمە ياكى باشقا ماددىلارنى سۈرتۈپ تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئاللاھ تائالا ياراتقان رەڭدىن باشقا بىر رەڭگە ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەتتۇر.

   خېنە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن بوياش بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشىمايدۇ، بۇ تېرىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولمايدۇ، بەلكى ئۇ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن يوقاپ كېتىدىغان رەسىم ۋە نەقىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا خانىم قىزلار ئۈچۈن بۇ شەكىلدە زىننەتلىنىشنى دۇرۇس قىلغان، بۇنىڭ بىلەن زىننەتلىنىشنىڭ شەرتى: چېكىلگەن سۈرەت-نەقىشلەر ئىنسان ۋە ھايۋانلاردىن ئىبارەت جانلىق نەرسىلەرنىڭ شەكلى بولماسلىق، بۇ زىننەتلەرنى يات ئەرلەرگە ئاشكارا قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

    چېكىلگەن شەكىللەر بەدەندە دائىم قالىدىغىنى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكمى ئوخشاشلا چەكلەنگەن-ھارامدۇر. بۇنىڭ شەكىللىرى:

   بىرىنچى: ئىلگىركىلەرگە ئەگىشىپ يول تۇتۇش، ئۇ بولسىمۇ، تېرىگە يىڭنە سانجىپ قان ئېقىتىپ ئاندىن شۇ ئورۇنغا سۈرمە ياكى باشقا بوياق ماددىلىرىنى ئىشلىتىش.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەدەنگە بىر نەرسە چەككۈچى بولسا، يىڭنە ياكى دىيەپشە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالقىنىڭ دۈمبىسىگە ياكى بېغىشىغا ياكى بەدەننىڭ بىر تەرىپىگە قان ئاققۇچە سانجىيدۇ، ئاندىن ئۇ ئورۇنغا سۈرمە ياكى باشقا بوياق ماددىلارنى قۇيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈرەت-نەقىشلەرنى  تەلەپ بويىچە ئاز ياكى كۆپ قىلىدۇ. بۇنى قىلغۇچى بەدەنگە بىر نەرسە چەككۈچى، چېكىلگەن ئورۇن، بۇنى قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچى چەكتۈرگۈچى دېيىلىدۇ، بۇنى قىلىش ۋە قىلدۇرۇش ئوخشاشلا ھارامدۇر، مەيلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلسۇن ياكى تەلەپ بىلەن قىلسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. [نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى 14-توم 106-بەت].

    بۇ مەسىلە توغرىسىدا 21119- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان سۆز ۋە دەلىللەرگە قارالسۇن.

    ئىككىنچى: تېرىنىڭ ھەممىسى ياكى بەزىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش ياكى خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىش.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: كىشىلەر ئارىسىدا بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسىدا بەزى خىمىيىلىك ماددىلار ۋە تەبىئىي ماددىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار كەڭ تارقالدى، بۇ ماددىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن بۇغداي ئۆڭ رەڭگىدىكى تېرە ئاڭ تېرىگە ئۆزگىرىدۇ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە چەكلىنەمدۇ؟بىلىشىمىزچە بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈچۈن زىننەتلىنىشى زۆرۈر بولىدۇ دەپ ئاياللىرىنى مۇشۇ ماددىلارنى ئىشلىتىپ تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدىكەن؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: تېرىنىڭ رەڭگىنى دائىم ئۆزگەرمەيدىغان شەكىلدە بويىتىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن-ھارام قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بەدەنگە بىر نەرسە چېكىپ ئاللاھ ياراتقان شەكىل-رەڭنى ئۆزگەرتىشتىنمۇ بەكراق ئېغىردۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن چاچ ئۇلىغۇچى، ئۇلاتقۇچى، بەدەنگە بىر نەرسە چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىلەرگە لەنەت قىلغانلىق توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلنغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەدەنگە بىر نەرسە چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچى، چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتكۈچىلەرگە ئاللاھ تائالا لەنەت قىلدى» ۋە "ئاللاھنىڭ ئەلچىسى لەنەت قىلغانلارغا مەن نېمە ئۈچۈن لەنەت قىلمايمەن"دېدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    سوئالدا بايان قىلىنغان مەسىلە: ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلىنىدۇ. ["شەيخ ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 17/4 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى].

    بۇ مەسىلە توغىرسىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 2895- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: بەدەنگە ۋاقىتلىق بىر نەرسە چەكتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈزۈن ۋاقتى بىر يىلدۇر.

     شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جەبرىيندىن-ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن- ھازىرقى دەۋرىدە سۈرمە ئىشلىتىشنىڭ ۋە لەۋلىرىنى ئايرىشنىڭ  يېڭى يوللىرى مەيدانغا چىقتى، ئادەتتىكى سۈرمىنىڭ ئورنىغا قەلەم بىلەن لەۋلىرىنى ئايرىدىغان بۇ ئالتە ئاي ياكى بىر يىلغىچە تۇرىدىغان بىر شەكىلنى قىلىدۇ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟دەپ سورالغاندا شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇمۇ بەدەنگە بىر نەرسە چېكىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بەدەنگە بىر نەرسە چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە لەنەت قىلغان».

    ھەقىقەتەن بۇ شەكىلدە لەۋنى ۋە ئىككى كۆزنى ئايرىش، بۇنىڭ ئىزىنىڭ  بىر يىل ياكى ئالتە ئايغا قەدەر داۋاملىشىشى، ئىزى ئۆچۈپ كەتسە يېڭىلاپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى شەرىئەتتە چەكلەنگەن بەدەنگە بىر نەرسە چەكتۈرۈشكە ئوخشايدۇ.

  ئەسلىدە قارا ياكى كۈلرەڭ سۈرمىلەر كۆز ئاغرىغاندا ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاپىقىغا ۋە كۆز ئەتراپىغا سۈركىلىدۇ، بۇ ئاياللار ئۈچۈن گۈزەللىك ۋە  دۇرۇس بولغان زىننەت بولىدۇ، ئەمما لەۋلىرىنى ۋاقىتلىق چەكتۈرۈش ئارقىلىق ئايرىش مېنىڭچە توغرا بولمايدۇ، ئايال كىشى شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىككىنچى: بىزنىڭ قارىشىمىزچە: ۋاقىتلىق بىر نەرسە چەكتۈرۈشكە (توغرىسى بۇنى بىر نەرسە چەكتۈرۈش دېمەسلىك) خېنە بىلەن بوياشنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، ئەگەر ئىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇ چەكلەنگەن يول ئەمەس، تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولغاندا بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ:

1-چېكىلگەن سۈرەت دائىم ئۆزگەرمەي تۇرىدىغان بولماستىن بەلكى ۋاقىتلىق ۋە يوق بولىدىغان بولىشى كېرەك.

2-جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولماسلىق.

3-بۇنى يات ئەرلەرگە ئاشكارا قىلماسلىق.

4-ئىشلىتىلگەن رەڭ ۋە بوياقلار تېرىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك.

5-كاپىر ياكى يولدىن چىققان ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئوخشاش بولماسلىق كېرەك.

6-چېكىلگەن سۈرەت-نەقىشلەر ئۆزگەرتىلگەن غەيرى دىنلارنى ئۇلۇغلاش ياكى بۇزۇق ئەقىدىلەرنى نامايەندە قىلىش ياكى خاتا پرىنسىپىنى ئىپادىلەيدىغان بولماسلىقى كېرەك.

7-بۇنى چېكىپ قويغۇچى ئايالغا نىسبەتەن ئايال بولىشى، چەكلەنگەن ئەۋرەت ئورۇنلارغا چەكتۈرمەسلىك كېرەك.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر تولۇق بولغاندا بۇ شەكىلدە زىنەتلىنىشتىن چەكلەنمەيدۇ. سەنئانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بەزى ھەدىسلەردە بەدەنگە بىر نەرسە چېكىشنى ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش دەپ بايان قىلدى، خېنە ۋە باشقا بوياقلارنى ئىشلىتىشنى ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش دېيىلمەيدۇ، بۇنداق ئىشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ بولغان. ["سۇبۇلىس سالام" 1-توم 150-بەت].

     شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: كىشىلەر ئارىسىدا بولۇپمۇ ئاياللار ئارىسىدا بەزى خىمىيىلىك ماددىلار ۋە تەبىئىي ماددىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار كەڭ تارقالدى...... ئاخىرىدا ھازىرقى بۇ سوئالنى سورىغاندا؟ شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" سوئالدا بايان قىلىنغان ئىش، ئۇ بەدەنگە بىر نەرسە چېكىپ ئاللاھ ياراتقان شەكىل-رەڭنى ئۆزگەرتىشتىنمۇ بەك ئۆزگەرتىش بولىدۇ.

     ئەمما خېنە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئىزى يوقايدىغان بوياقلار بىلەن چەكتۈرسە بولىدۇ، بۇ ئىككى مەڭزى ۋە لېۋىنى بويىغان بوياق، كۆزىگە سۈرگەن سۈرمىگە ئوخشايدۇ، بەك ئېھتىيات قىلىدىغان ئىش ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، كىشىلەر ئارىسىدا بۇنداق ئىشلارنىڭ بەك تاراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئومۇمى خەلق ئارىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرىشىمىز كېرەك". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17/4 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابى].

     ئەگەر چېكىلگەن سۈرەت ۋە نەقىشلەر جانلىق نەرسىلەرنىڭ شەكلى بولمىسا توغرا بولىدىغانلىقى توغىرسىدا شەيخنىڭ پەتىۋاسىنى نەقىل قىلدۇق. بۇ توغرىدا 8904 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان "ئەليوم" ناملىق گېزىتتە مۇنداق كەلگەن: "ۋاقىتلىق نەقىش-سۈرەت ياكى تاتو دەپ ئاتىلىدىغان نەرسىگە ھەر خىل ياشتىكى قىزلاردىن كەلگەن تەلەپلەر كۈنسىرى ئاشماقتا، بولۇپمۇ ھېيت-بايرام، تەتىل ۋاقىتلىرىدا تەلەپ زىيادە بولىدۇ.

    تېرە كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئۇسامە باغدادىي بۇ توغرىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: تېرىگە چاپلىشىدىغان بوياقلارنى چاپلاپ سۆيىۋەتكەندىن كېيىن بۇ ماددىلار بىرىنچى دەرىجىدە تېرىنى بۇزۇلۇشىغا ئىلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرە كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، تېرىگە چاپلانغان شىلىمشىق ماددىلار تېرە تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېچىگە سېڭىپ كىرىدۇ، قان ئايلىنىش يوللىرىغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭدەك بەدەنگە چاپلايدىغان  رەڭلىك خىمىيىلىك ماددىلارنىڭمۇ سالامەتلىككە زېيىنى بولىدۇ". "ھىجىريە 1424-11-11- كۈنى، مىلادىيە 2004-1-3-كۈنى شەنبە 11159. 

    بوياق ماددىلىرىنى چاپلاپ سۈرەت-نەقىش قىلغاندا تېرە كېسەللىكى ۋە باشقا كېسەللىككە ئىلىپ بارىدىغان زىيىنى ئىسپاتلىنىدىكەن، بۇ شەكىلدە بىر نەرسە چېكىشمۇ شەرىئەتتە چەكلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يېتىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 784-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇل غەلىلدە" سەھىھ دېگەن. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى