جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھارام ۋە مەكرۇھنى بىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    مەكروھ دېگەن لەپزىدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ ھارام بىلەن مەكرۇھنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     مەكروھ دېگەن لۇغەتتە: مەھبۇب-ياخشى كۆرۈنگۈچى- دېگەن سۆزنىڭ زىتىدۇر.

    ئالىملارنىڭ ئىستىلاھىدا: شەرىئەت كەسكىن بولمىغان شەكىلدە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىشدۇر، بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قىلمىغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، قىلغان كىشى جازالانمايدۇ دېگەنلىك بولىدۇ.

    ئەمما ھارام دېگەن لۇغەتتە: چەكلەنگەن دېمەكتۇر.

   ئالىملارنىڭ ئىستىلاھىدا: شەرىئەت كەسكىنلىك بىلەن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىشتۇر. ھارام دېگەن ھالالنىڭ زىتى بولۇپ، شەرىئەت چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇيرۇققا بويسۇنۇپ قىلمىغان، ھارامدىن يىراق بولغان كىشى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئەمما ھارام ئىشنى باشقىلاردىن ھايا قىلىپ ياكى قىلىشقا كۈچى يەتمەي ياكى بىرەر قورقۇنچىدىن قىلمىغان (تەرك قىلغان) كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇللاھ پەۋزاننىڭ "شەرھى ۋەرەقات پى ئۇسۇل پىقھى" ناملىق ئەسىرى 29-30-بەتتىن ئېلىندى.