پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

باشقىلارنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەج قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

   بىر ئايال ئەرەبىستانغا كەلدى، ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىنى كۈتىۋېلىش ئارقىلىق ھېچ بىر چىقىم قىلماستىن پەرىز ھەجنى ئادا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئۇ ئايالنىڭ قىلغان مۇشۇ ھەججى ئىسلامدا پەرىز قىلىنغان ھەجدىن كۇپايە قىلامدۇ؟ چۈنكى بۇ ئايال بۇ قېتىم ئۆز يېنىدىن بىر رىيالمۇ پۇل سەرىپ قىلماي ھەج قىلغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئۇ ئايال پەرىز ھەجنى ئادا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن مال سەرپ قىلمىغان بولسا ياكى ئاز مىقداردا سەرىپ قىلغان بولسا، ھەج خىراجىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقىلار سەرىپ قىلغان بولسا، ھەجنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى  ۋە ۋاجىپلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا، گەرچە ھەجنىڭ چىقىملىرىنى باشقىلار قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ پەرىز ھەجنى ئادا قىلغان بولىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەجنىڭ سەھىھ بولىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى"11-توم 155-بەت