يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە سوۋۇتۇش ئۇسكۈنىدىن سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

 رامزاننىڭ كۈندۈزىدە سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىغان قۇملۇق ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرۈشنىڭ ھۆكمىنى سورايتتىم، بۇ ھاۋا سوۋۇتقۇچ ھاۋانى نەملەندۈرۈش ئۈچۈن سۇ بىلەن تەمىنلىنىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  رامىزاننىڭ كۈندۈزدە قۇملۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتسە بولىدۇ، گەرچە بۇ تەڭشىگۈچ سۇ بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن چىققان سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرۈش روزىنى بۇزمايدۇ، ئۇنىڭدىن سۈ پۈركۈلۈپ چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلغاندىمۇ، ھەقىقەتەن ئۇ ھاۋادا يوقىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئېغىز ۋە بۇرنىغا سۇنىڭ ھورلىرىدىن پۈركۈگەنلىرىدىن بىر نەرسە يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ كانىيىغا بىر نەرسە يېتىدۇ دەپ قارالمايدۇ.

    ھاۋانى سۈمۈرۈش توغرا بولىدۇ، ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئىسرىققا ئوخشاش ۋەزنى بولمايدۇ، تەمىنلەنگەن سۈنىڭ ھاۋاغا پۈركىلىشىدە ۋەزنى بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئۇ كىشىنىڭ يىراق بولماقلىقى بىلەن، ھاۋا سوۋۇتقۇچتىن ھاۋانىڭ بىۋاستە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ.

    ئەگەر روزىدار ھاۋا سوۋۇتقۇچقا يېقىن تۇرغان بولسا، پۈركۈلگەن سۈ ئۇ كىشىنىڭ ئېغىزىغا كىرگەن بولسا، ئۇ سۇنى تۈكۈرۋېتىشى كېرەك بولىدۇ.

   ئىككىنچى:  ئىنسان خۇددى قىش كۈنى سوغۇق ھاۋادا روزا تۇتقاندا ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلمىغاندەك، ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ يېنىدا تۇرغاندىمۇ ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ روزىسىغا تەسىرى بولمايدۇ، بۇ ھاۋادىكى سۇنىڭ ھورىنىڭ تەسىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ سۇ بىلەن ھاسىل بولغان ھاۋانى سوۋۇتۇش ئۈچۈندۇر، باشقا ھاۋا سوۋۇتقۇچلار بىلەن ھاسىل بولغان سوغۇقلۇق قۇملۇق ھاۋا تەڭشىگۈچتىن ھاسىل بولغان سوغۇقلۇقتىن كۈچلۈك بولىدۇ، سوغۇق ھاۋانى سۈمۈرۈش بېشىغا ياكى بەدىنىگە سۇ قۇيغاندىن كاتتا ئەمەس، چۈنكى سۇنىڭ نەملىكى ئۇسسۇزلۇق تۇيغۇسىنى ئازلىتىدۇ، بەلكى تېرە سۇنى شورايدۇ لېكىن بۇ روزىنى بۇزمايدۇ.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ  "روزىدارنىڭ يۇيۇنىشى توغرىسىدىكى باپ" دەپ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ روزىدار ھالىتىدە نەم قىلىنغان كىيىمنى ئۈستىگە تاشلىدى دېدى.

    شەئبىي رەھىمەھۇللاھ روزىدار ھالەتتە مۇنچىغا كىردى.  ھەسەن بەسەرى: روزىدار سوغۇقلۇق ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئېغىزىنى چايقىسا بولىدۇ دېدى.

    ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ:  مەن روزىدار ھالەتتە سو توللانغان كۆلچەككە چۈشەتتىم دەيدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ  "پەتھۇ بارى"  4 -توم 197 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بۇ كۆلچەك دېگەن كۆلگە ئوخشايدىغان سۇ توللانغان ئورۇن بولۇپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ رامزاندا ئىسسىقلاپ كەتسە، بۇ كۆلچەككە چۈشۈپ سالقىنلاپ چىقاتتى".

    ئەبۇ بەكرى ئەسرەم توغرا ئىسناد بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزان ئېيىدا، روزىدار ھالەتتە  ھەمراھلىرى بىلەن مۇنچىغا كىرەتتى.  ["ئەلمۇغنى" 3-توم 18-بەت. ]

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە بىر قانچە قېتىم مۇنچىغا كىرسە ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا سوۋۇتقۇچنىڭ ئاستىدا ئولتۇرسا، بۇ ھاۋا سوۋۇتقۇچ نەم ھاۋانى پۈركۈرسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى جاۋاپ ئىلگىرىكى سۆزىمىزدە بايان قىلىنغان، بۇنداق قىلسا بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ روزىدار ھالەتتە ئىسسىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن بېشىغا سۇ قۇياتتى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ روزىدار ھالەتتە ئۇسسۇزلۇقتىن ياكى ھارارەتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كىيىمىنى ھۆل قىلىپ ئۈستىگە تاشلىۋالاتتى. نەملىكنىڭ تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى نەملىك دېگەن ئاشقازانغا يېتىدىغان سۇ ئەمەس". [ "ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  19 -توم 285 -بەت.]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى