جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

دېلىغۇللۇقنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىسلامدا ئۆزىنى داۋالاشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى بىلىشنى خالايمەن، مەن ئائىلە تۇرمۇشىمدا ئەڭ قىيىن ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزدۈم، چۈنكى يولدىشىمنىڭ مەن بىلەن كارى يوق، مەقسەتلىك قىلامدۇ ياكى مەقسەتسىز قىلامدۇ بۇنى بىلمەيمەن، كۈنىنى ئاساسەن، كومپيۇتور بىلەن مەشغۇل بولۇش ياكى تىلىپۇن ئويناش، ئۈزۈلدۈرمەي دوستلىرى بىلەن سۆزلىشىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ تىلىپۇنى ئۈزۈلمىگەچكە، بىز ئۆزئارا سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايمىز، كۈن بويى تىلپۇنى ئۈزۈلمىگەچكە تاسقالىدۇ مەن بىلەن ئىككى سائەت ۋاقىتىنى بىرگە ئۆتكۈزەلمىگىلى، ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا مۇشۇ توغرىدا ئارىمىزدا كۆپ تالاش-تارتىشلار بولدى، لىكىن مەن گەپ قىلماستىن سەۋرچانلىق بىلەن تۇرۇشنى قارار قىلدىم، لېكىن مەن بىئارام بولۇش، رەت قىلىنىش، ئىچىم سىقىلىش، يالغۇزلۇق ھېس قىلىمەن، ئۇخلىيالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر يېزىپ بەرمىسىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەدەنلىرىمنى راھەتلەندۈرىدىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىمەن، ئۆزۈمنىڭ بۇ دورىغا كۆنۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن، مەندە بەك ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ئارامسىزلىق بار، شۇنداقتىمۇ تىنچلاندۇرغۇچى دورىنى ئىستىمال قىلسام راھەت ئۇخلاپ تىنچ ئويغىنىمەن، ماڭا بۇ دورىنى دوختۇر يېزىپ بەرمىدى، مەن ئۇزۇندىن بىرى توغرا شەكىلدە ئۇخلىيالمايمەن، ھەر ۋاقىت بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىمەن، دورىنى ئىچىپ ئوتتۇز ياكى قىرىق مىنۇتتىن كىيىن تەسىر قىلىدۇ، تەسىرى تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ، ھازىرغىچە بۇ دورا مېنىڭ ئەقلىم ۋە بەدىنىمنى راھەت قىلىپ قويدى، مەس قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ئىسلامدا ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن، ئۆزۈمنى داۋالاش ئۈچۈن مۇشۇ دورىنى ئىستىمال قىلىشىم، قىرىق كۈنگىچە مېنىڭ نامىزىمنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنى كەلتۈرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت -سالاملار بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايال ئۈچۈن ئەرنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەردىن: چىرايلىق، گۈزەل تۇرمۇش قۇرۇش، تۇرالغۇ، خىراجەتلىرىنى قىلىپ بېرىش، ئىپپەتلىك قىلىش، كۆڭۈل رىغبەتلىرىنى قاندۇرۇش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان ھەق-ھوقۇقلاردۇر.

    شۇنىڭدەك ئەر ئۈچۈن ئايالنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلەردىن: ياخشىلىققا ئىتائەت قىلىش، ئەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش، خىزمىتىنى قىلىش، رۇخسەتسىز سىرتلارغا چىقماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ تەپسىلاتى 10680 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   سىز يۇقىرىدا يولدىشىڭىزنىڭ سىز بىلەن كارى بولماستىن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتىڭىز، بۇنىڭ چارىسى: ئۆز ئارا چۈشىنىش، ۋە ئىلىم تەلەپ قىلىش، قۇرئان ياد قىلىش، بوش ۋاقىتلار كۆڭۈل ئىچىش ئۈچۈن سەيلىگە چىقىش، تىلىپۇننى ئاز ئىشلىتىش قاتارلىق ئىككەيلەننى بىرگە قىلىدىغان ئىشلارنى ئىزدىنىش كېرەك.

    ئىككىنچى: ئۇخلىتىدىغان ۋە تىنچلاندۇرىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ رۇختىسىز ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ دورىلاردا مەس قىلغۇچى ماددىلار بار، ئۇنىڭ بەزىسى ئىنساننى خۇمار قىلىپ قويىدۇ، بەزىسىنىڭ پايدىسىدىن زېيىنى كۆپ بولىدۇ. بىز ئېيتقاندەك، ئائىلە دوختۇرى بۇنداق دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئۇخلىتىدىغان ۋە تىنچلاندۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ بۇ خۇمار قىلغۇچى ماددىلارنىڭ قاتارىدىنمۇ؟ زۆرۈر بولغاندا ياكى دوختۇر بۇيرۇغاندا ئىشلەتسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ دورىلارنى زۆرۈر ھاجەت بولمىغاندا ۋە شۇنداقلا بۇنىڭ تەبىئىتىنى بىلىدىغان دوختۇر رۇخسەت قىلمىغان ۋاقىتتا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خەتەرلىك ۋە مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى قايتۇرۇش رولى بار، ئىنسان بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە مەلۇم ۋاقىت تىنچلانغاندەك بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك خەتەرلىك، مۇھىمى، بۇنى ھاجەت بولغاندا ۋە دوختۇرنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىشلەتسە بولىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 82-نومۇرلۇق لىنتىنىڭ بىرىنچى تەرىپى].

   ئۈچىنچى: دورىلارنىڭ تەركىبىدە مەس قىلغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، ئەسلىدە ئۇنى ئىستىمال قىلىش چەكلىنىدۇ ۋە ھارام بولىدۇ، لېكىن داۋالىنىش كېرەك بولغاندا، ئۇنىڭدىن باشقا ساغلام دورىلار بولمىغان ۋاقىتتا ئۇ دورىلارنى تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن ئىشلەتسە بولىدۇ:

    1-بىمارنىڭ شۇ دورىغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى چەككە يەتكەندە.

    2-ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان دوختۇر، تەركىبىدە مەس قىلغۇچى ماددا مەۋجۇت بولغان بۇ دورا كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ دەپ گۇۋاھلىق بەرسە.

    3-بۇ دورىنى زۆرۈرىيەت مىقدارىدا ئىشلىتىش كېرەك.

    4-بۇ دورىنى ئىشلىتىش كېسەلگە زىيان كەلتۈرمەسلىك ۋە كېسەلنى ئەدىتىپ قويماسلىقى كېرەك.

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 192321 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز ئىستىمال قىلىۋاتقان دورا توغرىسىدا ئالاقىدار دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىڭ، ئومۇمى شەكىلدە بۇ دورىلارنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ، ئارامسىزلىق ۋە ئېچى سىقىلىشنى قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى ياد قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش قاتارلىق پايدىلىق بولغان شەرئى داۋالىنىش بىلەن ئىلاج قىلىڭ، بۇنىڭ بىلەن قەلبىڭىز ئارام تېپىپ، غەم-قايغۇلىرىڭىز يوق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ ‏ تەرجىمىسى: «(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» [سۈرە رەئد 28-ئايەت].

     ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئاخىرلاشقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، قىيامەت كۈنىدە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى» ئۇبەي مۇنداق دېدى: مەن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!  مەن سىلىگە كۆپ دۇرۇت-سالام يوللايمەن، دۇرۇت-سالاملىرىندىن سىلىگە قانچىلىك يوللايمەن؟دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خالىغىنىڭنى قىلغىن» دېدى، مەن: تۆتتىن بىرىنى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېدى، مەن: يېرىمىنى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېدى، مەن ئۈچتىن ئىككىسىنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى قىلغىن، ئەگەر زىيادە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېدى، مەن: دۇرۇت-سالاملىرىمنىڭ ھەممىسىنى قىلاي دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ ۋاقىت بۇ سىنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، خاتالىقىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 2457-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

"تۆھپەتۇل ئەھۋەزىيدە" مېنىڭ دۇرۇت-سالاملىرىمدىن قانچىلىك قىلىمەن دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا، مېنىڭ ئۆزۈمگە قىلىدىغان دۇئايىمدىن دەپ كەلگەن". موللا ئەلى قارى شۇنداق دېگەن.

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسۋالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بولسا كۆڭۈل ئېچىلىش، قەلبى خاتىرجەم بولۇش ۋە غەم-قايغۇنىڭ يوق بولىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ تائالادىن يولدىشىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشنى، سىزنىڭ غەم-قايغۇلىرىڭىزنى كەتكۈزىۋېتىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى