جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

نېمەتنى ئەسلەش-زىكىر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنىڭ دىل بىلەن، تىل بىلەن ۋە بارلىق ئەزالىرى بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرمدە بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇپ نۇرغۇن نېمەتلەرنى زىكىر قىلدى. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا سۈرە ئەھزابنىڭ 9-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا  تەرجىمسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر مېنىڭ سوئالىم: ئاللاھ تائالا بىزنى بۇيرىغان نېمەتنى زىكىر قىلىش قانداق بولىدۇ؟، بۇنىڭدىن نېمەتلەرنى كىشلەر ئارىسىدا سۆزلەش مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى پەقەت ئۆزىمىز ئېچمىزدە زىكىر قىلىشىمىز مەقسەت قىلىنامدۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ياخش مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سوئال سورۇغۇچى قېرىندىشىمىز كەلتۈرگەن ئايەتتىكى بۇيرۇق بولسا ساھابلارنى، مۆئمىنلەرنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەت ۋە پەزلىنى ئەسلەشكە، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرنى مەغلۇپ قىلىش بىلەن دۈشمەنلەرنىڭ ھىلە-مىكرنى بەربات قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ياخشلقىنى ياد ئېتىشكە بۇيرۇشتۇر.

    ئىبنى كەسىر رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۆزنىڭ مۆئمىن بەندىلىرگە ئاتا قىلغان نېئمەت، پەزلى ۋە ياخشلىقلىرىدىن: ھىجىرىيەنىڭ 5-يىلى خەندەك ئۇرۇشىدا ھەر تەرەپتىن توپلىشپ، بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلپ كەلگەن دۈشمەنلەرنى چىكىندۈرۈپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 6-توم 383-بەت].

     قۇرئان كەرىمدە نېئمەتنى زىكىر قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇق قانداق بولسۇن ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان پەزلىنى دىلى بىلەن ياد قىلىپ ھازىر قىلىش، تىلى بىلەن زىكىر قىلىش، بۇ ئاغزاكى سۆزلەش بىلەن بولىدۇ، ئەزالىرى بىلەن زىكىر قىلىش بولسا بۇ نېمەتلەرنى ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان شەيئىلەرگە ئىشلەتمەسلىك بىلەن بولىدۇ.

     نېمەتنى زىكىر قىلىش بولسا ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشتۇر، بۇ دىل بىلەن، تىل بىلەن ۋە ئەزالار بىلەن بولىدۇ، ھەر بىر تۈر يەنە بىرىنى تەستىقلايدۇ ياكى تولۇقلايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ يالغان شۈكۈر ئېيتىش بولۇپ قالىدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر مۇنداق دەيدۇ: نېمەت مەندىن قولۇم بىلەن، تىلىم بىلەن ۋە ئورالغان دىلىم بىلەن ئۈچ تەرەپتىن شۈكۈر ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەڭلار دېگەن ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلەش-ياد ئېتىش دىل بىلەن، تىل بىلەن ۋە ئەزالار بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق-مۇنداق نېئمەت ئاتا قىلدى دەپ تىل بىلەن زىكىر قىلىدۇ، بۇ خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى سۆزلىگىن دېگەن ئايىتىگە ئوخشاشتۇر. تىلى بىلەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەپ: ئى ئاللاھ! سېنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مال، ئايال ۋە پەرزەنتلەردىن ئىبارەت چەكسىز نېمەتلىرىڭگە سېنى گۈزەل ماختاشلار بىلەن ياد ئېتىمەن دەيدۇ.

    نېئمەتنى دىلى بىلەن زىكىر قىلىش بولسا: نېمەتنى دىلىغا ھازىر قىلىپ ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.

    نېئمەتنى ئەزالىرى بىلەن زىكىر قىلىش بولسا: ئاللاھقا تائەت –ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ ئەسىرى كۆرۈلۈشى بىلەن بولىدۇ. ["بەقەرە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى" 3-توم 132-بەت].

     ھىرەۋىي رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈكۈرنىڭ مەنىسى ئۈچ نەرسە بىلەن بولىدۇ: نېئمەتنى بىلىش، ئاندىن نېمەتنى قوبۇل قىلىش، ئاندىن نېمەتكە مەدھىيە ئوقۇشتۇر.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ھەرەۋىينىڭ سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:" نېئمەتنى بىلىش بولسا ئۇن زېھنىگە ھازىر قىلىپ، كۆرۈپ ئايرىشتۇر.

    نېئمەتنى قوبۇل قىلىش بولسا، نېئمەتنى نېئمەت بەرگۈچىدىن قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھاجەتمەنلىكى ۋە پىقىرلىقىنى ئىپادىلەش، ئۇ نېئمەتكە ھەقلىق بولماي تۇرۇپ ۋە بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ئېرىشىشتە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا مۇھتاجلىق بىلەن ئىپادىلەش بولسا، بۇ نېمەتنى ھەقىقى قوبۇل قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

    ھەرەۋىي رەھمەھۇللاھنىڭ: "ئاندىن نېئمىتكە ئاساسەن مەدھىيىلەش" دېگەن سۆزى: نېئمەتكە ئاساسەن نېئمەت بەرگۈچىنى مەدھىيىلەش دېگەن ئومۇم ۋە خۇسۇستىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

    نېئمەت بەرگۈچىنى ئومۇمى تەرەپتىن مەدھىيىلەش بولسا: ئۇنى سېخىلىق، كەرەملىك، ياخشىلىق، ئېھسانىنىڭ چەكسىزلىكى قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتۇر.

    خۇسۇسى تەرەپتىن سۈپەتلەش بولسا: ئۇنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى سۆزلەش، نېئمەت بەرگۈچى تەرىپىدىن ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن نېئمەتلەرنى خەۋەر قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگىن [سۈرە دۇھا 11-ئايەت].

    ھەدىستە بۇيرۇلغان ئىككى تۈرلۈك سۆز بار: بىرىنچىسى: ھەقىقەتەن ئۇ كىشى نېمەتنى زىكىر قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا خەۋەر بېرىدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق-مۇنداق نېمەت ئاتا قىلدى دەيدۇ.

    مۇقاتىل رەھىمەھۇللاھ  مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ سۈرىدە ساڭا ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرنى ئەسلەش بىلەن شۈكۈر ئېيتقىن، ئۇ بولسىمۇ: يېتىملىكنى بىلىندۈرمەسلىك، ئازغۇنلۇقتىن كېيىن توغرا يولغا باشلاش ۋە كەمبەغەللىكتىن كېيىن بىھاجەت قىلىشتۇر.

     ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى سۆزلەشمۇ شۈكۈر ئېيتىشتۇر، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشىگە باشقىلار ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش كېرەك. مۇكاپاتلايدىغان نەرسە تاپالمىسا، ئۇ كىشىنى ماختاش كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشنى ماختىسا ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتقان بولىدۇ، ئەگەر نېئمەتنى يوشۇرسا ناشۈكۈرلۈك قىلغان بولىدۇ، كىمكى بېرىلمىگەن بىر نەرسىنى  بېرىلگەندەك كۆرسەتسە ساختا كىيىم كەيگەنگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ئادابۇل مۇپرەدتە215-ھەدىستە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    خالايىقلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ زىكىر قىلدى: نېئمەتنى مەدھىيىلەش بىلەن شۈكۈر ئېيتقۇچى، نېمەتنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە يوشۇرغۇچى، ۋە نېئمەتكە لايىق بولمىسىمۇ ئۆزىنى نېئمەتكە ھەقلىقتەك كۆرسەتكۈچى، بۇ خۇددى بېرىلمىگەن نەرسە بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكۈچىگە ئوخشايدۇ.

    يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئازغا شۈكۈر ئېيتمىغان كىشى كۆپكىمۇ شۈكۈر ئېيتمايدۇ، كىشىلەرگە تەشەككۈر ئېيتمىغان كىشى ئاللاھقىمۇ شۈكۈر ئېيتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى سۆزلەشمۇ شۈكۈر ئېيتىشتۇر، سۆزلىمەسلىك ناشۈكۈرلۇكتۇر، جامائەت رەھمەتتۇر، بۆلۈنۈش ئازابتۇر. [بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد "زەۋائىدۇل مۇسنەد" ناملىق ئەسىرىدە 18449-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن].

    ئىككىنچىسى: مۇشۇ ئايەتتە بۇيرۇلغان نېئمەتلەرنى سۆزلەش، يەنى دۇھا سۈرسىنىڭ ئاخىرىدا بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق، بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە دەۋەت قىلىش، ئەلچىلىك ۋەزپىسىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۈممەتكە تەلىم بېرىشتۇر. مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ ئۆزى پەيغەمبەرلىكتۇر.

    زەججاج مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ سېنى ئەۋەتكەن نەرسىنى يەتكۈزگىن، ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى سۆزلىگىن.

   كەلبىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئاللاھ تائالا ئوقۇشقا بۇيرىغان قۇرئاندۇر.

   توغىرسى: بۇ ھەر ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىرى شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە سۆزلەشكە بۇيرۇلغان ۋە شۈكۈر ئېيتىشنى ئاشكارا قىلىشقا بۇيرۇلغان نېمەتلەردىندۇر. ["مەدارىجۇس سالىكىين"2-توم 237-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ شۈكۈر ئېيتىش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: شۈكۈر ئېيتىش ئۈچ ئاساسقا قۇرۇلغان بولىدۇ: نېئمەتنى دىلىدىن ئېتىراپ قىلىش، تىلى بىلەن سۆزلەش، ئۇ نېئمەتنى نېئمەت ئاتا قىلغۇچى، نېئمەتنىڭ ئىگىسى رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتۇر. ["ۋابىلىس سەيب"5-بەت]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 125984- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى