يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بەزى مەۋسۇم ۋە مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ساختا باھا چۈشۈرۈش توغرىسىدا

سۇئال

 ئىشلەپ چىقىرىلغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچىنى قانائەتلەندۈرۈپ تىلىپۇن ئارقىلىق ساتسا بولامدۇ؟، مالنىڭ باھاسى 30 تىلى، مەن تىلىپۇندا ئۇنىڭ باھاسى 50 تىلى دەپ خەۋەر بېرىمەن، ھېيت-بايرام مۇناسىۋەتلىرىدە باھانى چۈشۈردۇق دەپ ئەسلىدىكى باھا 30 تىلىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مال سېتىۋالغۇچىنى ئالداپ ئۇنىڭغا ئىشلەپ چىقىرىلغان مالنىڭ باھاسى 50 تىلى دەپ خەۋەر بېرىپ، ھېيت-بايرام مۇناسىۋەتلىرىدە باھاسى چۈشتى دەپ 30 تىلى دەپ خەۋەر بېرىش بولسا ھېچ باھاسى چۈشمىگەن نەرسىنى باھاسى چۈشتى دەپ ئېنىق يالغاندىن خەۋەر بېرىشتۇر.

    يالغانچىلىق قىلىش ھارامدۇر. بۇ ئىش سودا ساھەسىدە كەڭ تارقالغان، ساتقۇچى يالغان سۆزلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىدە ياخشىلىق بولمايدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە ئۆزى ھېس قىلغان ياكى ھېس قىلمىغان ھالەتتە نۇرغۇن زىيان يېتىدۇ.

    ئەگەر سودىدا يالغانچىلىقتىن ھەزەر قىلمىغان تەقدىردە يالغانچىلىق سودىنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىدۇ. ھەكىم بىن ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئېلىم-سېتىم قىلغۇچى ئىككى كىشى ئۇ ئورۇندىن ئايرىلىپ كەتمىگەن مۇددەتتە ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئىككىسى بىر-بىرىگە راست سۆزلىسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋە قىلغان سودىسىدا بەرىكەت بولىدۇ، ئەگەر يالغان سۆزلىسە، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سودىسىدىكى بەرىكەت يوق بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1973-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1532-ھەدىس].

   راست سۆز قىلىش ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلىش رىزىقتا ۋە مالدا بەرىكەت بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. يالغانچىلىق ۋە ئەيىبنى يوشۇرۇش بولسا بەرىكەتنى يوق قىلىدىغان  ۋە زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئاساسلىق سەۋەبدۇر.

    ساتقۇچى ئۆزىگە باشقىلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىشىغا رازى بولمايدىغان تۇرسا، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا يالغانچىلىق قىلىشقا قانداق رازى بولىدۇ؟!. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ كامىل ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياقتۇرغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياقتۇرمىغۇچە كامىل مۇسۇلمان بولالمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى13-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 45-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاختىن يىراق بولۇپ جەننەتكە كېرىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى ئۆزىگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ھالەتتە ياشىسۇن، كىشىلەرگىمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرسۇن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1844-ھەدىس].

   سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا ۋە باشقا ئىشلاردا يالغانچىلىق قىلىش ۋە باشقىلارنى ئالداشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى-جازاسى ئۇ كىشىنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى