پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزىنى سېھىر قىلىنغان دەپ شەك قىلىدۇ، رۇقىيە ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلمايدىغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

بىزنىڭ بىر خوشنىمىز بولۇپ، ئۇنى شۇنداق ھۆرمەت قىلىپ، ياخشىلىق قىلىپ تۇرساقمۇ، خوشنام مېنىڭ تەرلىرىمنىڭ ئىزى بولغان خاس كىيىمىمنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بىزگە سېھر ئىشلىتىپتۇ، ھەيران قالارلىقى، مەن خوشنامنى چۈشۈمدە ئىككى  مەن بىلمىگەن ئەھۋالدا ئىككى قېتىم ئۈستۈمگە سۇيۇق بىر نەرسە تۆككەن ھالەتتە كۆردۈم، مەن قورقۇپ ۋە بىئارام بولۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، بىز دىننى سۆيىدىغان، كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان بىر ئائىلە ئىدۇق، لېكىن بىز بەزى قېيىنچىلىق، ئۆز-ئارا چۈشىنىشەلمەسلىك، كۆپ كىلىشمەسلىككە ئۇچرىدۇق، مەلۇم ۋاقىتتىن بىرى ئېچىمدە مېنى ئۆزگەرتىۋاتقان بىر نەرسە بارلىقىنى ھېس قىلىمەن، ئىلگىركىدەك خوشال، جۇشقۇن ۋە تېرىشچان بولالمىدىم، تىز ئاچچىقلىنىدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالماي، كۈندۈزدە ئۇخلايدىغان، بولۇپ قالدىم، ھېچ بىر سەۋەپسىز خىزمەتلىرىمنىمۇ تاشلىدىم، ئۆزۈمگە ئىگە بولالمايمەن، خۇددى بىرسى مېنى بىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، يىگىرمە يەتتە ياشقا كىردىم، بەك چارچاپ كەتتىم، زېرىكىشلىك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، باشقىلاردىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماي جەننەتكە كېرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇش ئۈچۈن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىدىم، قىرىق كۈنگىچە ھەر كۈنى بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشقا ئۇرۇندۇم لېكىن بۇنى قىلالمىدىم، كۆپ ئۇرۇندۇم، ھەر قېتىمدا بەك قورقۇنۇچلىق چۈشلەرنى كۆرىمەن، نامىزىمدا ئاللاھدىن بۇ سېھرنى يوق قىلىۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىمەن، ئائىلەمدىكى ھەممەيلەننىڭ سېھر قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىمەن، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.

    سېھر ۋە ۋەسۋەسىنىڭ ئىنسانغا تەسىر قىلىدىغانلىقى ئىنكار قىلىنمايدۇ، لېكىن ئىنسان ھاياتىدا دۇچ كەلگەن بارلىق قېيىنچىلىقلىرىنى سېھر ۋە ۋەسۋەسىگە ئالاقىدار قىلىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئىنسان بىر تۈرلۈك ۋەھىمە، خىياللار ئارىسىدا ياشايدۇ، كۈنسىرى ۋەھىمىلەر زىيادە بولۇپ، ئۇ كىشىنى چىرمىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قارىسۇن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بولسا ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر، ھەممە ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىش بولسا ھەممە يامانلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. مۇسۇلمان ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، ئاسىيلىقتىن يىراق بولۇشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك، ياخشى ھايات دېگەن ھەقىقەتتە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن ئۈچۈندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.» [سۈرە نەھىل 97-ئايەت].

     بەختسىزلىك ۋە ناچار ھاياتلىق ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە ھەقتىن باش تارتقان كىشى ئۈچۈندۈر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنكاً  تەرجىمىسى: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز.» [سۈرە تاھا 124-ئايەت].

    ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈش زىيادە بولىدىكەن، قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەت كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋەپ قىلىش، خىزمەت ئىزدەش، ھورۇنلۇق قىلماسلىق، خىزمەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا سەۋىر قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىپ ئويلىمغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ.

   ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ كۆپ قېيىنچىلىق بار ئىكەنلىكىنى سۆزلىدىڭىز، ھەر بىر كىشى ئۆزىنى تەكشۈرىشى، گۈزەل ئەخلاقلىق بولىشى، سەۋىرچان بولىشى، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشى، كۆپ ۋاقىتلاردا تالاش-تارتىشقا لايىق بولمايدىغان ئىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققام قېيىنچىلىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش كېرەك. ئەگەر ھەقىقى سەۋەپ تىپىلسا، ئۇنى مېھرىبانلىق، كۆيۈنۈش ۋە تىنچ شەكىلدە مۇنازىرە قىلىش كېرەك، بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، ئەگەر ئىشەنچىلىك رۇقىيە ئوقۇيدىغان كىشى بولسا، بۇ سېھىردىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشىڭىز چەكلەنمەيدۇ.

    سىز ھەر قانداق قېيىنچىلىق بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش ئىرادىڭىزنى كۈچەيتىڭ، بۇمۇ داۋالىنىشنىڭ ۋە سېھرنى يوق قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، سېھردىن قېينالدىم دەپ شىكايەت قىلىپ، بۇنىڭغا سەل قاراش توغرا بولمايدۇ.

    ئەمما جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ ھەدىسىگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىمۇ ئەمەس ھەم جەننەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋېسىدىكى كىشىلەرمۇ ئەمەس، بەزى ئىنسانلار ھېساب ئېلىنىپ جەننەتكە كىرىدۇ، ھەتتا ھېسابسىز جەننەتكە كىرگەن يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ بەزىسىدىن مەرتىۋېسى يۇقىرى بولىدۇ، بۇنى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق بايان قىلغان.

    جەننەتكە ھېسابسىز ۋە ئازابسىز كىرگەن يەتمىش مىڭ كىشى پەقەت رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقتىنلا بۇ سۈپەتكە ھەقلىق بولمىدى، بەلكى تەۋھىدىنىڭ مۇكەممەل بولغانلىقى، ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھەقلىق بولدى، تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە مۇكەممەل تەۋەككۇل قىلىش بولسا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ھايات پىرىنسىپى بولغان.

    شۇنداق بولسىمۇ، رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش چەكلەنگەن ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى بەزى ئالىملار ھەدىسنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ: باشقىلار رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلماسلىق ۋە ئۇنى قىلماسلىق دېگەن جاھىلەت دەۋرىدىكى سېھرىگەر ۋە باشقىلارنىڭ ئوقۇيدىغان رۇقىيىسىدىن ئىبارەت، ئەمما قۇرئان ئايىتى ۋە شەرئى زىكىر بىلەن ئوقۇلىدىغان رۇقىيىلەر گەرچە كېسەلنىڭ تەلىپى بىلەن بولسا چەكلەنمەيدۇ، دەيدۇ.

    قەستەلانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىكى: ئۇلار رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ دېگەن سۆز: ئۇلار مۇتلەق رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ياكى جاھىلىيەتنىڭ رۇقىيىلىرىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ دېگەنلىكتۇر". ["ئىرشادۇسسارى" 9-توم 271-بەت].

     ئىبنى ھەجەرنىڭ"پەتھۇل بارى" 11-توم 410-بەتكە قارالسۇن.

     يۇقىرىدىكى سۆزگە ئاساسەن: كېسەلنىڭ شەرئى رۇقىيىنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشى جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

    ئىنساننىڭ ھېسابسىز جەننەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولىمەن دەپ، رۇقىيە ئوقۇتۇشنى تەرك قىلىپ، ئىزتىراب چېكىپ، كۆپ شەك قىلىپ، ئېچى سىقىلىپ، سەۋىرسىزلىنىپ، داۋالغۇش ئارىسىدا قىلىشى توغرا ئىش ئەمەس ھەم بۇ ھېسابسىز جەتنەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز، رۇقىيە ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ رۇقىيە ئوقۇتۇپ، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشقا تېرىشىپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنداق قىلسىڭىز بەلكىم جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىدىن جۈملىسىدىن بولىشتىن مەھرۇم قالمايسىز.

    سىزگە ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇش تەقدىر قىلىنمىغان بولسا، ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭىردۇر، ئاللاھ سىزگە يوقۇتۇپ قويغان پەزىلەتنىڭ ئورنىغا جەننەتتە ياخشى بىر مەرتىۋە ئاتا قىلغاي، ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغاي.  

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى