پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سۈنئى چاڭلاشتۇرۇشتا ئەر-ئايال بولمىغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ياكى ئايالنىڭ تۇخۇمىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئەر-ئايال بولمىغان كىشىنىڭ ئىسپىرمىسى ياكى تۇخۇمىنى ئىلىپ سۈنئى چاڭلاشتۇرۇش قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق ھالەتتە بالا كىمگە نىسبەت بېرىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   چاڭلاشتۇرۇش جەريانىدا يات ئەر-ئايالنىڭ ئېلېمىنتى كېرىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا تۇخۇم ئەر-ئايالدىن يات بولغان ئايالنىڭ بولىدۇ، ياكى ئۇ ئىككەيلەنگە يات بولغان ئايالنىڭ ئولتۇرىشىدا بولىدۇ ياكى ئىسپېرما يات ئەرنىڭ بولىدۇ، بۇنداق ھالەتتىكى چاڭلاشتۇرۇش ھارام بولىدۇ، چۈنكى بۇ زىناغا قىياس قىلىنىدۇ، ئايالغا يات ئەرنىڭ ئىسپىرمىسىنى كىرگۈزۈش بولسا، ھالاللىق ۋە ھاراملىق جەھەتتە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئەمما بۇ شەكىلدە دۇنياغا كەلگەن بوۋاق بولسا، تۇغقان ئانىغا نىسبەت  بېرىلىدۇ، ئىسپىرمىنىڭ ئىگىسى بولغان دادىغا نىسبەت بېرىلمەيدۇ، زىنادىن تۇغۇلغان بالىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئەر بالىنىڭ نەسەبىنى دەۋا قىلسا، ئۇ كىشى بىلەن باشقا بىرى بۇ بالىنى تالاشمىسا، شەرىئەتنىڭ كىشىلەرنى ئاتىسىغا نىسبەت بېرىشكە قارىغانلىقى ئۈچۈن بالا ئۇ كىشىگە نىسبەت بېرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ: «بالا كۆرپىگە مەنسۇپ بولۇپ، زىناخورغا تاش» دېيىلگەن.  مۇشۇ ھەدىس ھەل قىلغان مەسىلىگە ئوخشاش تالاش-تارتىش بولغاندا مۇشۇ ھەدىس بويىچە ئەمەل قىلىنىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "دەۋەت ژورنىلى 1796-سان 20-بەت.