پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق بىلەن ئەقىقىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرسىدا

سۇئال

قۇربانلىق بىلەن ئەقىقىگە بىر قوي زەبىھ قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇربانلىق بىلەن ئەقىقە بىرگە بولۇپ قالسا، بىر كىشى قۇربان ھېيت كۈنى ياكى ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى كۈنلىرى پەرزەنتنىڭ ئەقىقىسىنى قىلماقچى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان قۇربانلىقى ئەقىقە ۋە قۇربانلىققا يەنى ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلامدۇ؟، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراشتىكىلەر: قۇربانلىق ئەقىقىگە كۇپايە قىلمايدۇ دەيدۇ، بۇلار مالىكى مەزھەب، شاپىئى مەزھەب ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بىر رىۋايەتتە شۇنداق دېيىلگەن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن).

     بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى: ئەقىقە ۋە قۇربانلىقنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى يەنە بىرىگە كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر بىرىنىڭ سەۋەبى يەنە بىرىنىڭ سەۋەبىگە ئوخشىمايدۇ، خۇددى تەمەتتۇئنىڭ جازاسى پىديەنىڭ جازاسىغا ئوخشىمىغاندەك ئۇنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ.

    ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھنىڭ "تۆھپەتۇل مۇھتاج شەرھىل مىنھاج" ناملىق ئەسىرى 9-توم 371-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىرىنچى قاراشتىكى ئۆلىمالارنىڭ سۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن: بىر كىشى بىر قوينى قۇربانلىق ۋە ئەقىقەنى مەقسەت قىلىپ ئۆلتۈرسە، بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچ بىرى ھاسىل بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەر بىرى ئايرىم يولغا قويۇلغان ئىشتۇر".

   ھەتتاب رەھىمەھۇللاھنىڭ "مەۋاھىبۇل جەلىل" ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 259-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر قوينى قۇربانلىق ۋە ئەقىقە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولسا ياكى قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ يەنە ئۇنىڭدىن توي زىياپىتى بەرگەن بولسا، بۇ توغرىدا، "ئەززەخىرە" ناملىق ئەسەردە، ساھىبۇل قەبەس مۇنداق دەيدۇ، ئۇستازىمىز ئەبۇ بەكرى پىھرى مۇنداق دەيدۇ: بىر قوينى قۇربانلىق ۋە ئەقىقە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولسا دۇرۇس بولمايدۇ، قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ، توي زىياپىتىگە ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى قۇربانلىق بىلەن ئەقىقىدە قان ئېقىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى قوي ئۆلتۈرىدىغان يەرگە بىر قوي ئۆلتۈرۈش كۇپايە قىلمايدۇ، توي زىياپىتىدىن بولغان مەقسەت يىمەكلىك بېرىش بولۇپ، بۇنىڭدا قان ئېقىتىش مەقسەت قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ توي زىياپىتى بەرسە دۇرۇس بولىدۇ".

     ئىككىنچى قاراشىكىلەر: قۇربانلىق ئەقىقىگىمۇ كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىن بىر رىۋايەت بار، ھەنەپى مەزھەب ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق قارايدۇ، ھەسەن بەسەرى، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن ۋە قەتادە قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇ قاراشتا بولغان. (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن).

     بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى: قۇربانلىق ۋە ئەقىقەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىبادەتتىن بولغان مەقسەت قوي ئۆلتۈرۈش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى مەسچىتكە كىرگەن كىشى پەرز ناماز ئوقۇغان بولسا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى بۇنىڭغا كىرىپ كەتكەندەك، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىگە كېرىپ كېتىدۇ دەيدۇ.

    ئىبنى ئەبى شەيبە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇسەننىپ" ناملىق ئەسەر 5-توم 534-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئوغلى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق مال سويىغان بولسا، بۇ ئەقىقىغىمۇ كۇپايە قىلىدۇ".

    ھىشام ۋە ئىبنى سىيرىن ئىككەيلەن مۇنداق دەيدۇ: بىر قوي قۇربانلىق ۋە ئەقىقىگە كۇپايە قىلىدۇ.

    قەتادە مۇنداق دەيدۇ: ئايرىم ئەقىقە قىلمۇغىچە بىر قوي قۇربانلىق ۋە ئەقىقىگە كۇپايە قىلمايدۇ.

    بەھۇتى رەھىمەھۇللاھ "شەرھى مۇنتەھەل ئىرادات" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 617-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەقىقە بىلەن قۇربانلىق بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسا، بوۋاقنىڭ يەتتىنچى ياكى ئون تۆتىنچى كۈنلىرى قۇربان ھېيت كۈنلىرىگە توغرا كەلگەن بولسا، ئەقىقە ئۈچۈن قوي ئۆلتۈرگەن بولسا بۇ قۇربانلىققىمۇ كۇپايە قىلىدۇ، ياكى قۇربانلىق قىلغان بولسا بۇ ئەقىقىگە كۇپايە قىلىدۇ، خۇددى ھېيت كۈنى بىلەن جۈمە كۈنى بىر كۈندە كەلسە، بىر قېتىم يۇيۇنسا ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تەمەتتۇئ ياكى قىران ھەج قىلغۇچى قۇربان ھېيت كۈنىدە بىر قوي ئۆلتۈرسە، بۇ قۇربانلىق ۋە ۋاجىپ بولغان ھەدىيىدىن كۇپايە قىلىدۇ".

    بەھۇتى رەھىمەھۇللاھ: "كەشاپۇل قەننا"ناملىق ئەسەر 3-توم 30-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئەقىقە بىلەن قۇربانلىق بىر كۈندە بولسا ئىككىسى ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان رىۋايەت بويىچە ھەر ئىككىلىسىگە كۇپايە قىلىدۇ".

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى تاللاپ مۇنداق دەيدۇ: قۇربانلىق بىلەن ئەقىقە بىر قىلىنسا ئۆي ساھىبى بىر قوي ئۆلتۈرسە كۇپايە قىلىدۇ، قۇربانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۆلتۈرسە ئەقىقىمۇ شۇنىڭ قاتارىغا  كېرىدۇ.

    بەزىلەر بۇ توغرىدا: ئىككىسىنىڭ ساھىبى بىر بولىشى كېرەك دەيدۇ، قۇربانلىق ۋە ئەقىقە كېچىك بالا ئۈچۈن بولغان بولۇش كېرەك دەيدۇ، يەنە بەزىلەر بۇنداق بولۇش شەرت ئەمەس بەلكى، دادىسى قۇربانلىق قىلغان بولسا، بۇ دادىسى ئۈچۈن قۇربانلىق ۋە بالىسى ئۈچۈن ئەقىقىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ دەيدۇ.

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بىر قوينى قۇربانلىقنى ۋە ئەقىقىنى مەقسەت قىلىپ ئۆلتۈرسە، بۇ ھەر ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى"6-توم 159- بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى