جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كەبىدە قىلىنىدىغان تاۋاپلارنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   كەبىنىڭ ئەتراپىنى تاۋاپ قىلىش بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ، بۇ تۈرلەر قايسى ۋە بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كەبىنىڭ ئەتراپىدا قىلىنىدىغان تاۋاپنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ ئۇنىڭدىن:

   -ھەجدە قىلىنىدىغان پەرىز تاۋاپ بولۇپ، بۇ زىيارەت تاۋىپى دەپمۇ ئاتىلىنىدۇ، بۇ تاۋاپ ئەرەپاتتا تۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن قۇربان ھېيت كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە قىلىنىدۇ، بۇ تاۋاپ ھەجنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

   -ھەجگە كەلگەندە يەنى تۈنجى كەلگەندە قىلىنىدىغان تاۋاپ بولۇپ، بۇ تاۋاپنى يالغۇز ھەجگە ۋە ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىرگە ئېھرام كىيگەن كىشىلەر مەككىگە يىتىپ كەلگەندە دەسلەپتە قىلىدۇ، بۇ تاۋاپ ئالىملارنىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرىغا كۆرە، ھەجنىڭ ۋاجىپلىرى ياكى ھەجنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    -ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەندە قىلىنىدىغان تاۋاپ، بۇ ئۆمرىنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ تاۋاپنى قىلمىسا قىلغان ئۆمرە توغرا بولمايدۇ.

    -خوشلىشىش تاۋىپى، بۇ ھەج پائالىيەتلىرى تولۇق ئادا قىلىنىپ، ھاجىلار مەككىدىن چېقىپ كېتىش ئىرادىسىگە كەلگەندە، قېلىنىدۇ، بۇ تاۋاپنىڭ ھۆكمى، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشى بويۇنچە ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللار بىلەن نىپاسدار ئاياللاردىن باشقىلارغا ۋاجىپ ھېسابلىنىدۇ. خوشلىشىش تاۋىپىنى قىلمىغان كىشى ئۈچۈن قۇربانلىققا يارايدىغان بىر قوي جازا كېلىدۇ.

   -تاۋاپ قىلىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلغان كىشى ئۈچۈن قىلغان نەزىرىسىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان تاۋاپ، بۇ تاۋاپنىڭ ھۆكمىمۇ نەزىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    -ئىختىيارى قىلىنىدىغان نەپلە تاۋاپتىن ئىبارەت.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تاۋاپلارنىڭ ھەممىسى كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىش، تاۋاپتىن كېيىن مۇمكىن بولسا ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئارقىسىدا بولمىسا ھەرەم مەسچىتىنىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش بىلەن تامام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".

    "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات،پەتىۋا كومىتېتى"، شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز.. شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي..شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان قاتارلىقلار. ["ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋالىرى"11-توم 223-224-بەت]. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى